باش بەت | ئاتا–ئانامغا خەت

دادا، غەيرەت قىلىڭ

ئادىلە ئەنۋەر  

 

       دادام ئىلگىرى تولىمۇ كۆيۈمچان، ئاق كۆڭۈل ئادەم ئىدى. ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشسەم خۇشاللىقتىن مېنى كۆتۈرۈپ پىرقىرىتاتتى. ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيتتى. ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى دادامغىلا قاراشلىق بولغاچقا ئۇ تىرىشىپ ئىشلەپ بىزگە يوقسۇزلۇقنى بىلىندۈرمەيتتى. قەلبىمدە ئۇ ئۆگىنىش ئۈلگەم، قەھرىمانىم ئىدى.

      مەن 11 ياشقا كىرگەن يىلى دادام قاتتىق ئاغرىپ قالدى. ئاپام ئۇنى شۇنچە ئۇزۇن داۋالاتقان بولسىمۇ پەقەت ياخشى بولالمىدى. ئىقتىسادىمىز چەكلىك بولغاچقا دادام ئامالسىز دوختۇرخانىدىن چىقىۋالدى. ئائىلىنىڭ ئېغىر – يېنىك ئىشلىرى ئاپام ئىككىمىزنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. مەن ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ دادام ياخشى بولىدىغانلا ئىش بولسا ھەممىگە رازى ئىدىم. ئەمما، دادامنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقانسېرى مىجەزى ئۆزگىرىپ باشقىچىلا بولۇپ قالدى. ئۇ دۇنيادىن، ئاپامدىن ھەتتا مەندىن توختىماي ئاغرىنىدىغان، ئىشلىرىمىزدىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان ھەتتا بەزىدە ئاپام ئىككىمىزنى ئۇرىدىغان بولۇپ قالدى.

      قەدىرلىك دادا، سىزنىڭ كېسەل ئازابىدىن قىينىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن. ئەمما، سىزنى غەيرەتلىك بولۇپ كېسەل ئۈستىدىن غالىب كەلسىكەن دەيمەن. ئىلگىرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىسام ‹‹مۇستەھكەم ئىرادە، چىدام – غەيرەت بولسىلا ھەرقانداق قىيىنچىلىق سېنى باش ئەگدۈرەلمەيدۇ›› دەيتتىڭىز. مانا بۈگۈن مۇشۇ گەپلىرىڭىزنى سىزگە دەپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ. ئاپام ئىككىمىز ئىلگىرىكى كۈلكىڭىزنى كۆرۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمىز. دادا، غەيرەتلىك بولۇڭ، سىز چوقۇم ساقىيىپ كېتىسىز.

 

 (ئاپتور ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 2 – يىللىق 2 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر