باش بەت | ئاتا–ئانامغا خەت

ئاتا – ئانىلارغا يېزىلغان بىر پارچە خەت

      ئامېرىكىلىق بىر مائارىپشۇناس ئاتا – ئانىلارغا بالىلار نامىدا مۇنداق خەت يازغان:

      1. مېنىڭ قۇلۇم كىچىك، مەيلى قانداق ئىش قىلماي ماڭا ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىش تەلىپى قويماسلىقىڭلارنى ئۆتۈنىمەن؛ مېنىڭ پۇتۇم بەك قىسقا، شۇڭا سىلەرگە يېتىشىپ مېڭىش ئۈچۈن ئاستىراق مېڭىشڭلارنى ئۆتۈنىمەن.

      2. مەن سىلەرگە ئوخشاش كۆپنى كۆرمىگەن، شۇڭا بارلىق شەيئىلەرنى ئالدىرىماي كۆزىتىشىمگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

      3. ئائىلىدىكى ئىشلار شۇنچە كۆپ، بىراق ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىم تولىمۇ قىسقا، شۇڭا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىغان ۋاقتىڭلاردىن بىر ئاز ۋاقىت چىقىرىپ، ماڭا دۇنيادىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىشىڭلارنى، مېنى قىزىقارلىق ئۇيۇنچۇق قاتارىدا كۆرمەسلىكىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

      4. مېنىڭ ھېسسىياتىم تولىمۇ ئاجىز، مېنى توختىماي ئەيىبلىمەڭلار، ماڭا مۇئامىلە قىلغاندا، ئۆزۈڭلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىڭلار.

      5. مېنى ئاسرىشىڭلارنى، داۋاملىق مېنى باشقىلارغا ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ئۆگىتىشىڭلارنى، مېنىڭ ئىش قىلىشىمغا يېتەكچىلىك قىلىشىڭلارنى، ماڭا نېمىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگىتىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن.

      6. ماڭا زۆرۈرى سىلەرنىڭ توختاۋسىز رىغبەتلەندۈرىشىڭلار، شۇڭا مېنى داۋاملىق قاتتىق تەنقىد قىلماسلىقىڭلارنى، قورقۇتماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندا تەنقىدلىسەڭلار بولىدۇ، بىراق داۋاملىق مېنى ئەدەپلەپ تىللىساڭلار بولمايدۇ.

      7. ماڭا ئازراق بوشلۇق بېرىڭلار، مەن بەزى ئىشلارنى ئۆزۈم قارار قىلاي، مېنىڭ مەغلۇبىيەت ئىچىدىن ساۋاق ئېلىشىم ئۈچۈن مەغلۇپ بولۇشۇمغا رۇخسەت قىلىڭلار.

      8. مېنىڭمۇ سىلەر بىلەن بىللە خۇشال بولغۇم بار، كىچىك بالىلار ئاتا – ئانىسىدىن خۇشاللىق ئىزدەشكە مۇھتاج، بۇمۇ خۇددى ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلاردىن خۇشاللىق ئىزدىگىنىگە ئوخشاش.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر