باش بەت | ئاتا–ئانامغا خەت

دادا، بىزنى ئوقۇغىلى قۇيۇڭ

قەيسەرجان ھەبىبۇللا

      قەدىرلىك دادا، كۆڭلۈمدىكى سۆزلىرىمنى يۇز تۇرانە دېيەلمەي چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سىزگە خەت يېزىۋاتىمەن.

      دادا، تۈنۈگۈن ئاچام ناھايىتى خۇشال ھالدا ئۆزىنىڭ ناھىيەدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئوقتۇرۇشىنى كۆتۈرۈپ كىرگەندە سىز: ‹‹بولدى، ئەمدى ئوقۇمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۆيدە ئاپىڭىزغا ياردەملىشىڭ، دېھقاننىڭ بالسى ھەرقانچە ئوقۇسىمۇ يەنىلا دېھقان بولىدۇ›› دېدىڭىز. ئاچام سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ ھېچنەرسە دېيەلمەستىن يىغلىغىنىچە ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. دادا، ئاچام ئىزچىل ئەلاچىلىقنى قولدىن بەرمەي ئوقۇپ كەلدى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ھەممىسى كەلگۈسىدە نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ سىز ئالىي مەكتەپ ئەمەس، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ ئوقۇشىغا قارشى تۇرسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ بەلكىم قوشنىلىرىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن بالىلىرىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشالمىغانلىقىنى ئاڭلاپ بىزنىڭمۇ كەلگۈسىدە خىزمەت تاپالماسلىقىمىزدىن ئەنسىرەۋاتقانسىز. سىز قىسمەن ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ بىزنى ئوقۇشتىن توسىماڭ. ياخشى ئوقۇساقلا كەلگۈسىدە ئۆزىمىزگە تېگىشلىك ئورۇن تاپالىشىمىزغا ئىشەنچىمىز بار.

      دادا، نادانلىقتىن ئارتۇق ئاپەت يوق. يۈرەك پارىلىرىڭىز بىلىمسىز بولۇپ قالمىسۇن. بىزنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىرادىمىزگە سوغۇق سۇ سەپمىگەيسىز.

(ئاپتور پىچان ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 1 – يىللىق 3 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر