باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

تەربىيەچىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يوللىرى

 

— مۇنەۋۋەر تەربىيەچىلەر بىلەن سۆھبەت

 

توغرا قىممەت قارىشى تەربىيەچىلەرنىڭ كەسىپتە پىشىپ يېتىلىشىنىڭ يادروسى

      جاڭ يۈشۇن (خەنزۇچە ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى): بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى يۈ دەن ‹‹‹مۇھاكىمە ۋە بايان›دىن تەسىرات›› دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق يازغان: ‹‹مەن 15 – ئەسىردىكى بىر دىنىي ئىسلاھاتچىنىڭ كىتابىنى ئوقۇغان. ئۇ كىتابىدا ياشلىق دەۋرىدىكى بىر كىچىك ھېكايىنى، بۇ ھېكايىنىڭ ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى يازغان. ئۇ ھاۋا تونۇردەك قىزىپ كەتكەن بىر كۈنى بىر چوڭ ئىش مەيدانىدىن ئۆتكەن. مەيداندىكىلەرنىڭ ھەممىسى چىلىق – چىلىق تەرلىگىنىچە كېسەك توشۇۋاتقانىكەن. ئۇ بىرىنچى ئادەمدىن: ›نېمە قىلىۋاتىسىز‹ دەپ سورىغانىكەن، ئۇ ئادەم خۇشياقمىغان ھالدا: ›كۆرمەيۋاتامسىز، جاپا چېكىپ كېسەك توشۇۋاتىمەنغۇ؟‹ دەپ جاۋاب بەرگەن. ئىككىنچى ئادەمدىن سورىغاندا ئۇ ئادەم خېلىلا مۇلايىم ھالدا قولىدىكى كېسەككە قاراپ تۇرۇپ: ›تام قوپۇرۇۋاتىمەن‹ دەپ جاۋاب بەرگەن. كېيىن ئۈچىنچى ئادەمدىن ھېلىقى سوئالنى سورىغاندا ئۇ ئادەم ئۈمىدۋارلىق بىلەن قولىدىكى كېسەكنى قويۇپ تۇرۇپ، پېشانىسىدىكى تەرنى سۈرتۈپ پەخىرلەنگەن ھالدا: ›مەن بىر چېركاۋنى سېلىۋاتىمەن‹ دەپ جاۋاب بەرگەن››.

      خۇ شاۋيەن (6 – نۆۋەتلىك پىيونېرلار قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك ‹‹ئون مۇنەۋۋەر›› تەربىيەچىنىڭ بىرى): بۇ ھېكايىنى مەنمۇ ئوقۇغان. يۈ دەن بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ خىزمەت پوزىتسىيەسىنى باھالىغان. بىرىنچى ئادەم ئۈمىدسىزلىك پوزىتسىيەسىدە بولغان. چۈنكى، ئۇ ئۆزى قىلىۋاتقان ھەربىر ئىشنى تۇرمۇش ئۆزىگە ئاتا قىلغان مەجبۇرىيەت، ئازاب دەپ قارىغان. ئىككىنچى ئادەم كەسىپچانلىق روھىنى نامايان قىلغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تام قوپۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ، ئۆز خىزمىتىگە، ئىش ھەققىگە ۋە ۋەزىپىسىگە يۈز كېلەلەيدۇ. ئۈچىنچى ئادەم غايىلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ ئىشى پەقەتلا بىر تام قوپۇرۇش بولماستىن ھاياتلىق، غايىگە، ھەتتا ئاخىرى بىر چېركاۋ سېلىپ چىقىش ياكى چىقالماسلىقىغا باغلىق.

      چېن ۋېيفەن (6 – نۆۋەتلىك پىيونېرلار قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك ‹‹ئون مۇنەۋۋەر›› تەربىيەچىنىڭ بىرى): بۇ ھېكايە بىزگە كەسپىي پىلاننىڭ يادروسى قىممەت قارىشىدا ئىكەنلىكىنى ئوقتۇرىدۇ ۋە قىممەت قارىشى نۇقتىسىدىن قارىغاندا تەربىيەچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان تۇرمۇش دەپ قارىسىڭىز خىزمەت داۋامىدا خۇشاللىققا ئېرىشەلەيسىز. ئەكسىچە بولسا ئازاب ھېس قىلىسىز، كەسپىي جەھەتتە پىشىپ يېتىلىش مۇددىئايىڭىزمۇ يوقىلىدۇ.

      لى چۈنيىڭ (مەملىكەتلىك ‹‹ئون مۇنەۋۋەر›› تەربىيەچىنىڭ بىرى): مەنمۇ شۇنداق قاراشتا. ئېسىمدە قېلىشىچە، ‹‹كەسپىي روھ›› دېگەن كىتابتا مۇنداق يېزىلغان: ‹‹كەسپىي روھ ئالدى بىلەن ئۆرپ – ئادەت ۋە پايدا مەنپەئەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان قىممەت ۋە ئىشەنچنى كۆرسىتىدۇ. كەسىپ بىر كەسپىي خىزمەتچىگە نىسبەتەن پەقەتلا ئاددىي ھالدىكى كەسىپ بولۇپلا قالماي بەلكى مۇقەددەس ئىشتۇر. ئۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىدىن ئۆزىنى بېغىشلاش جاسارىتى ۋە ئىرادىسى بولۇشنى، خىزمەتنى قىزغىن سۆيۈپ، ئۆزىنى بېغىشلاشنى، خىزمەتنى مۇقەددەس بۇرچ دەپ بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇشۇنداق روھ بولغاچقىلا مەن بوشىنىشقا ئىككى كۈن قالغاندىمۇ پىيونېرلار بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزگەنىدىم. بەزىلەر مەندىن سىز ئۆزىڭىزنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان نۇرغۇن پۇرسەت ۋە ياخشى شارائىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، تەربىيەچىلىكتىن ئىبارەت باشقىلار قىلىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدىغان ئىش ئورنىدا تۇرىۋەردىڭىز، شۇنداق قىلىشقا ئەرزىمدۇ؟ دەپ سوراشتى. مېنىڭچە ئەرزىيدۇ. چۈنكى، مەن ئىنتايىن خۇشال، شۇنى چوڭقۇر چۈشىنىمەنكى، ئادەمنىڭ ھەرخىل باسقۇچتىكى تەربىيەسى قايتىلانمايدۇ. ئەترەت خىزمىتى ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، بالىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئۆزىنى بېغىشلىسىلا باراقسان ئېچىلغان گۈللەرگە، ساغلام كۆچەتلەرگە ئېرىشەلەيدۇ.

      جاڭ يۈشۈن: شۇڭا، بىز رەسمىي كەسپىي پىلان تۈزۈشتىن بۇرۇن چوقۇم ئۆزىمىزدىن ماڭا قانداق كەسىپ، قانداق تۇرمۇش ماس كېلىدۇ دېگەن سوئالنى سوراپ كۆرۈشىمىز لازىم. بۇ مەسىلە ئايدىڭ بولغاندىلا ئاندىن ئۆزىمىزنىڭ كەسپىي جەھەتتە پىشىش يولىمىزنى تاپالايمىز.

 

ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىش تەربىيەچىلەرنىڭ كەسىپتە پىشىپ يېتىلىشنىڭ ئاساسى

      جاڭ يۈشۈن: ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىدە ‹‹ئۈمىدنىڭ رولى›› دېگەن نەزەرىيە بار. بۇ ئۈمىد ئادەمنىڭ ھەرىكىتىگە غايەت زور تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، دېگەنلىكتۇر. ئاكتىپ ئۈمىد كىشىلەرنى ياخشى نىشانغا تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە تەربىيەچى خىزمەتكە بەلگىلىك ئۈمىد بىلەن قارايدۇ، ئۈمىد بولغاندىلا پىشىپ يېتىلىش مۇددىئاسى بولىدۇ.

لى چۈنيىڭ: ئىلگىرى بىزدە تەربىيەچىلەرنىڭ پىشىپ يېتىلىش يولى ھەققىدىكى تەتقىقات كەم ئىدى. تەربىيەچى ئۆز ئورنىدا قانداق نىشانغا يەتمەكچى، قانچە باسقۇچ ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتىدۇ، ھازىر قايسى باسقۇچتا تۇرىۋاتىدۇ، دېگەندەك مەسىلىلەر تەربىيەچىلەرگە مۇجىمەل بولۇپ، بەزىلەر ھەتتا بۇلار ئۈستىدە ئويلىنىپمۇ كۆرمىگەن. بۇنداق ئەھۋال تەربىيەچىلەرنىڭ پىشىپ يېتىلىشىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.

      خۇ شاۋيەن: مەن 19 يېشىمدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىسى بولغان، ئىككى يىلدىن كېيىن چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسى بولدۇم. گەرچە كەسىپ بىلەن كەسىپتە تەرەققىي قىلىش دېگەنلەرنى ئانچە چۈشىنىپ كېتەلمىسەممۇ خىزمەت داۋامىدا ئۆزۈمگە باشتىن – ئاخىر ‹‹ئەڭ ياخشىسى بولىمەن›› دېگەن ئۆلچەم بويىچە تەلەپ قويۇپ كەلدىم. مەسىلەن، 2003 – يىلى مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى تەشكىللىگەن ‹‹بالىلىق ھەۋەس لوڭقىسى›› مەھەللىۋى ئالاھىدىلىككە ئىگە كىچىك ئەترەتنى باھالاش پائالىيىتىدە پائالىيەت مەزمۇنىنى ئەتراپلىق، ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن مەن ئالاھىدە كىچىك ئەترەت پائالىيىتى جەريانىدا بىر نۇسخا رەڭلىك تەشۋىقات قوللانمىسى ئىشلەپ، پىيونېرلار ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان بالىلار قوشىقى، رەسىم قاتارلىقلارنى بەش كىچىك دەپتەر قىلىپ چىقتىم. بۇ گۇرۇپپا تەشكىلىي ھەيئەتتىكىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. بىزنىڭ كىچىك ئەترەت شۇ يىلدىكى ئەترەت قۇرۇلغان خاتىرە كۈندە تەكلىپ بويىچە بېيجىڭدا ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان ئون كىچىك ئەترەتنىڭ بىرى بولدى. خىزمەتتە شۇنى ھېس قىلدىمكى، ياش تەربىيەچىلەر قانداق خىزمەت قىلسۇن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلسىلا ئۆز خىزمىتىدە نەتىجە قازىنالايدۇ؛ قىلچە ئىككىلەنمەي ئۆزىنىڭ زېھنىي كۈچى ۋە قىزغىنلىقىنى خىزمەتكە بېغىشلىغاندىلا خىزمەتنىڭ كۆڭۈللۈكلۈكىنى ھېس قىلغىلى، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ – دە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ.

      چېن ۋېيفەن: بۇ يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى زۇڭلى ۋېن جياباۋ: ‹‹دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ئاۋۋال مائارىپنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك›› دېگەن تېمىدىكى سۆزىدە: ‹‹مائارىپ قەلبلەرنىڭ كۆۋرۈكى، قەلبلەرنىڭ ئۇچرىشىشى، ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ دىيالوگ›› دېگەن. ئەترەت خىزمىتى جەمئىيەتتىكى باشقا خىزمەتلەرگە ئوخشىمايدۇ، شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگىمۇ ئوخشىمايدۇ. يولداش لۇ خاۋنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا: ‹‹تەربىيەچىلەر ئاددىي ھالدىكى بىلىم تارقاتقۇچى ياكى ئاددىي ھالدىكى پائالىيەت تەشكىللىگۈچى ئەمەس، بەلكى ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بەزى مۇھىم ئىدىيەۋى ئاڭنىڭ شەكىللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلغۇچى ۋە تۈرتكە بولغۇچىدۇر. شۇڭا، تەربىيەچىلەر كەسپىي جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز بىلەن ئەترەت تەشكىلىنىڭ بۇرچىنى زىچ باغلىشىمىز لازىم.

      جاڭ يۈشۈن: ئۈچەيلەننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش سەرگۈزەشتەڭلار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى تەربىيەچىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىنى قايسى نۇقتىدىن چۈشەندۈرەيلى، يەنىلا ئەڭ مۇھىمى تەربىيەچىلەرنىڭ ئۆزىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە باغلىق. پارتىيەنىڭ ئەترەت ئىشلىرىغا سادىق بولۇش تەربىيەچىلەرنىڭ كەسپىي جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مەڭگۈلۈك ئۇلتاشتۇر.

 

ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش تەربىيەچىلەرنىڭ كەسىپتە نەتىجە قازىنىشىدىكى شوتا

      جاڭ يۈشۈن: بىز ھازىر ئۇچۇر پارتلاش خاراكتېرىدىكى دەۋردە تۇرىۋاتىمىز، تەربىيەچىلەرنىڭ كەسىپتە پىشىپ يېتىلىش جەريانى ئەمەلىيەتتە ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش جەريانىدۇر.

     خۇ شاۋيەن: شۇنداق، بالىلار بىلەن بىللە بولغاندا بىز دائىم ئۆگەنمىسەك ئارقىدا قالىدىغاندەك پىسخىكىلىق بېسىمغا دۇچ كېلىمىز. ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئۆزىمىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز ئۈچۈن بولۇپ قالماي ئەترەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭمۇ ئېھتىياجى.

      لى چۈنيىڭ: ئۆگىنىش ئىقتىدارى كەسپىي جەھەتتە تەرەققىي قىلىشتا كەم بولسا بولمايدۇ. بىر خىل كەسپىي بىلىمگە ئىگە بولۇش زادىلا يېتەرلىك ئەمەس. تەربىيەچىلەر ئۆز كەسپىنىڭ بىلىملىرىنى ئۆگىنىپلا قالماي نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ئىجتىمائىي پەن، جەمئىيەت، تەبىئەت قاتارلىق ساھەلەردىكى بىلىمىنى بېيىتىپ، بىر تامچە، بىر تامچىدىن بىلىم، تەجرىبە، ئۇچۇر توپلىشى كېرەك.

      چېن ۋېيفەن: ‹‹تەربىيەلىگۈچى ئالدى بىلەن ئۆزى ئىختىساسلىق خادىمغا ئايلىنىشى كېرەك››. خىزمەت قانچە ئالدىراش بولسىمۇ مەن ۋاقتى – ۋاقتىدا بىلىم ئاشۇرۇپ تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشكە، تەربىيەچىلەرنى تەربىيەلەشكە قاتنىشىمەن، ئەستايىدىل ماقالە يازىمەن. مەكتەپنىڭ تۈرلۈك تەتقىقات تېمىلىرىنى ئۈستۈمگە ئالىمەن. نەزەرىيە تەتقىقاتى ئارقىلىق كەسپىي سەۋىيەمنى ئۆستۈرىمەن. مەن رىياسەتچىلىك قىلغان تەتقىقات تېمىسى ‹‹ئەترەت مەدەنىيىتىنىڭ ئىناق مەدەنىيەتتىكى ئورنى ۋە رولى ھەققىدىكى تەتقىقات›› مەملىكەتلىك پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ‹‹11 – بەش يىللىق›› پەن – تەتقىقات تېمىسى بولۇپ قالدى. ئۆلكە دەرىجىلىك ‹‹11 – بەش يىللىق›› تېما ‹‹مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە مۇھىتىنىڭ ئادەم تەربىيەلەش رولى ۋە ئىستېتىك قىممىتى›› فۇجيەن ئۆلكىلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە تەتقىقات جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇلدى. نەزەرىيە تەتقىقاتى قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەس، بىزدە قاتنىشىش ئېڭى بولسىلا، ئاكتىپ ھەرىكەتلەنسەكلا مائارىپ تەتقىقاتى ئىشلىرىنىڭ بىزگە پىشىپ يېتىلىش خۇشاللىقى ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. مېنىڭچە، مائارىپ تەتقىقاتىمۇ تەربىيەچىلەرنىڭ كەسپىي جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى بەختلىك يولدۇر.

      لى چۈنيىڭ: كەسىپتە پىشىپ يېتىلىشى تەربىيەچىلەر پۈتۈن ئەترەتتىكىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇش، بىرلەشتۈرۈشنى چۈشىنىش، خىزمەتداشلىرىدىن، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەردىن ئۆگىنىشى كېرەك. چۈنكى، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنىڭ ئىنچىكىلىشىشى ئارقىسىدا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا تايىنىپ مەۋجۇت بولۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. يەككە بىر ئادەمنىڭ بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى تەس، ھەمكارلاشقاندىلا سىستېمىلاشقان نورمال مېخانىزمنى يولغا قويغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ، تەربىيەچىلەرنىڭ خىزمىتى ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرگە چېتىلغاچقا تۈرلۈك ھەمكارلىق ۋە رەھبەرلىك ئىقتىدارى تېخىمۇ زۆرۈر بولىدۇ.

      چېن ۋېيفەن: ھەربىر تەربىيەچىنىڭ ئۆزىگە خاس خىزمەت ئىستىلى بولىدۇ. بىز چوقۇم ئۆزىمىزىدىكى ھەر تەرەپلىمە قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارىمىزنى ئاڭلىق ھالدا يېتىلدۈرۈپ پىيونېرلارنىڭ ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مۇۋاپىق تەربىيە ئۇسلۇبىنى قوللىنىشىمىز كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا پىيونېرلانى قىزىقتۇرالايمىز، تەسىرلەندۈرەلەيمىز.

      جاڭ يۈشۈن: تەربىيەچىلەر ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك خاراكتېرى ۋە بىلىمى ئارقىلىق پيونېرلارنى جەلپ قىلىپ ۋە تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يېتەكچى ۋە يول باشلىغۇچىسى بولۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا ئەترەت تەشكىلاتى تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ، تەربىيەچىلەرمۇ كەسپىي جەھەتتە تېخىمۇ ياخشى پىشىپ يېتىلىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر