باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

بايراملىق پائالىيەت ئارقىلىق ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

                                                 لى دۇڭ

      بالىلار قايسى ۋاقىتتا ئەڭ خۇشال بولىدۇ؟ بايرامدا ئەڭ خۇشال بولىدۇ. ‹‹بايراملىق مەدەنىيەت››كە يوشۇرۇنغان پۈتمەس – تۈگىمەس تەربىيە بايلىقىنى قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، يېقىنلىق ۋە جەلپكارلىققا ئىگە بايراملىق پائالىيەت ئارقىلىق ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، روھىي دۇنياسىنى بېيىتىپ، تۇرمۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاكتىپ، ساغلام، پايدىلىق بولغان مەدەنىيەت كەيپىياتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش مەھەللىۋى ئەترەت تەشكىلاتى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىدىغان ھەم تونۇشتۇرىدىغان ‹‹بايراملىق مەدەنىيەت›› پائالىيىتىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىدۇر.

      1. ئۆسمۈر – بالىلار ياخشى كۆرىدىغان ‹‹گۈل بايرىمى››، ‹‹سەنئەت بايرىمى››، ‹‹تەنتەربىيە بايرىمى›› نى يادرو قىلىپ مول مەزمۇنلۇق ئەترەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش. گۈل ئېچىلغان مەزگىلدە مەكتەپ پىيونېرلار ئەترىتى پىيونېرلارنى كەڭ تەبىئەتتىكى گۈلدىن ھۇزۇرلىنىشقا تەشكىللەپ، ‹‹گۈللەرنى تونۇش، گۈل تېرىش، گۈل سىزىش، گۈلنى مەدھىيەلەش›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. بۇ پائالىيەتلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپلا قالماي ئۇلارنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى تەبىئەتكە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇلاردا ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، يۇرتىنى قىزغىن سۆيىدىغان، تەبىئەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ھاياتنى قەدىرلەيدىغان ھېسسىياتنى يېتىلدۈرىدۇ. ‹‹تەنتەربىيە بايرىمى›› مەزگىلىدە مەكتەپ پىيونېرلار ئەترىتى مەكتەپنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئاتا – بالا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش گىمناستىكا مۇسابىقىسى، شاھمات تۈرىدىكى مۇسابىقە، پۇتبول مۇسابىقىسى، شۇنداقلا قىزىقارلىق ئويۇن قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغاندا پىيونېرلارنىڭ جىسمانىي كۈچى ۋە ئىقتىدارى كۈچىيىپ، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹‹سەنئەت بايرىمى››دا پىيونېرلار ناخشا ئېيتىش، ئۇسسۇل ئويناش، خەتتاتلىق، رەسىم سىزىش، دېكلاماتسىيە قىلىش، مۇزىكا چېلىش قاتارلىق ماھارەتلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سەنئەت قابىلىيىتىنى نامايان قىلالايدۇ.

      2. چوڭ بايرام ۋە خاتىرە كۈنلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆزگىچە بايرام مەدەنىيىتىنى يارىتىش. كالېندارنى ۋاراقلىساق ھەر ئايدا بايرام ۋە خاتىرە كۈنلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز، بۇلارنىڭ بەزىلىرى خەلقئارالىق، بەزىلىرى مەملىكىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرى، چوڭ ئىشلار خاتىرە كۈنلىرى. بۇ بايراملارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى نۇرغۇن پىيونېرلار دېگەندەك بىلىپ كەتمەيدۇ، ھەتتا بەزىلەر ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان. بۇ بايرام، خاتىرە كۈنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مول تەربىيە بايلىقى ئەترەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى مەزمۇن. مەسىلەن، 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈن، بۈ كۈنى ‹‹كىچىكىدىن باشلاپ پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەنىڭ ياخشى بالىسى بولۇش›› بايراملىق مەدەنىيەت كەيپىياتىنى يارىتىپ، پارتىيە، ئىتتىپاقنىڭ باغلىنىش مۇناسىۋىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹پارتىيە قۇياش، مەن گۈل››، ‹‹پارتىيەگە يۈرەك سۆزۈمنى دەيمەن››، ‹‹7 – ئايدا قىزىل ناخشىنى پارتىيەگە تەقدىم قىلىمەن››، ‹‹ئەتراپىدىكى پارتىيە ئەزاسىنى ئىزدەش››، ‹‹بىر قېتىملىق پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش يىغىنىغا قاتنىشىش›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش؛ ھەر يىلى 3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش خاتىرە كۈنىدە پىيونېرلارنى ‹‹لېي فېڭنىڭ سەپداشلىرىنى ئىزدەش››، ‹‹لېي فېڭ تاغا نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىدۇ››، ‹‹زامانىمىزدىكى كىچىك لېي فېڭ بولۇش››، ‹‹لېي فېڭدەك خۇشال ياشاش››؛ ھەر يىلقى چوكانتال بايرىمىدا ‹‹ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىپ، ئىنقىلاب ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش››نى باش تېما قىلىپ، پىيونېلارنى ‹‹ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل تەقدىم قىلىش››، ‹‹مىللىي روھنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش››، ‹‹قىزىل گالىستۇك تېخىمۇ پارلىسۇن››، ‹‹ئىنقىلابىي قۇربانلاردىن ئۆگىنىشنى ئۆزىدىن باشلاش›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش ئارقىلىق پائالىيەت مەزمۇنى ئاددىي بولۇپ قالىدىغان ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تېمىسى ئېنىق، مەزمۇنى مول، شەكلى ھەر خىل، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىدىغان پىيونېرلار ئەترىتى ‹‹بايرام مەدەنىيىتى››نى شەكىللەندۈرۈپ، پىيونېرلار ئەترىتى بايرام، خاتىرە كۈن پائالىيىتى تەربىيەسىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىش كېرەك.

      3. يەرلىكنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن ئالاھىدە قويۇق بايرام مەدەنىيىتىنى يارىتىش. مەملىكىتىمىزنىڭ ئۇزاق مەدەنىيەت تارىخىدا بالىلار ياخشى كۆرىدىغان نۇرغۇن ئەنئەنىۋى بايراملار بار. مەسىلەن، تاڭزۇڭزا چاغىنى، پانۇس بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى، چاغان قاتارلىقلار؛ ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرى بار، مەسىلەن، بەيزۇلارنىڭ ئوت بايرىمى، ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمى، نۇزۇلارنىڭ گۈل بايرىمى، دەيزۇلارنىڭ سۇ چېچىش بايرىمى قاتارلىقلار؛ پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرام ئادىتىنى مەھەللىۋى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا يەرلىكنىڭ ئەنئەنىۋى بايرام پىيونېرلار ئەترىتى پائالىيىتىنى تەپسىلىي پىلانلاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاھىدە قويۇق ‹‹بايرام مەدەنىيەت››ىنى يارىتىشتا زامانىۋى ئامىللاردىن پايدىلىنىشقىمۇ دىققەت قىلىپ، پائالىيەتنىڭ ۋاقىتچانلىقى ۋە قىزىقارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، پىيونېرلارغا يۇرتىنى سۆيۈش، يۇرتىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش، چۈشىنىشنى تەشۋىق قىلىش تەربىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىش كېرەك.

      4. پىيونېرلار ئەترىتى پىدائىي تەربىيەچىلىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىپ بايرام ۋە خاتىرە كۈن پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش. مەھەللىۋى ئەترەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش پىدائىي تەربىيەچىلەر قوشۇنىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەكتەپلەر جەمئىيەتتىكى ئوت يۈرەك زاتلارنى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ پىدائىي تەربىيەچىسى بولۇشقا چوقۇم تەكلىپ قىلىشى كېرەك. بۇ پىدائىي تەربىيەچىلەر ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەندىكى بىرقانچە تىپلىق بولىدۇ: ئەنئەنىۋى تەربىيە تىپىدىكىلەر ) پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى، پېشقەدەم كادىر، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى قاتارلىقلار، (قەھرىمان نەمۇنىچىلار) ئەمگەك نەمۇنىچىسى، قەھرىمان قاتارلىقلار(، ئارمىيە – خەلق ئورتاق قۇرۇش تىپىدىكىلەر ) ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى، ج خ ساقچىسى قاتارلىقلار(، ئىقتىدار، پائالىيەت تىپىدىكىلەر ) خەتتات، رەسسام، سەنئەتكار قاتارلىقلار،(چوڭ قول تۇتۇشۇش تىپىدىكىلەر ) ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم قاتارلىقلار، ( ئۇلارنى تەربىيەچىلىككە تەكلىپ قىلىپ پىيونېرلار ئەترىتى مەدەنىيەت پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇپ، پىيونېرلارنىڭ پائالىيەتلەرنى تەكشۈرۈپ قانات يايدۇرۇشىغا، بايرام ۋە خاتىرە كۈننىڭ كېلىپ چىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى بىلىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، شەكلى ھەر خىل ئەمەلىي پائالىيەت ئارقىلىق ‹‹بايرام مەدەنىيىتى›› ئەكس ئەتتۈرگەن تەربىيەنىڭ سېھرىي كۈچى، جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، تاۋلاش بىلەن تەربىيەنى بىلىندۈرمەي ئېلىپ بارغاندا پىيونېرلارنىڭ بىلىمىنى كېڭەيتىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندا ‹‹بايرام مەدەنىيىتى›› نىڭ مول مەزمۇنى بايراملىق پائالىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭىپ، پىيونېرلارنى ھۇزۇرلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ چەكسىز سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر