باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىم نۇتۇقى

ۋاقىت جەدۋىلى

      2000 – يىلنىڭ ئالدىدا پەيلاسوپ روسف ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەرياغا قاراپ ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت ۋە شەيئىلەرنى ئويلاپ چوڭقۇر ئۇھ تارتىدۇ.

      ۋاقىت ئاددىي ھەم قىممەتلىك. ۋاقىتنى پۇل بىلەن سېتىۋالغىلى، توختىتىپ قويغىلى بولمايدۇ. ھايات ئىنتايىن چەكلىك. چەكلىك ھاياتتا كىشىلەر ۋاقىتتىن ئىمكانقەدەر ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك. لۇشۈن ئەپەندى ‹‹ئادەم بىر كۈندە 24 سائەتكە ئېرىشىدۇ. ۋاقىت ئەمگەكچان كىشىلەرگە ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچ – قۇۋۋەت ھەدىيە قىلسا، ھۇرۇن كىشىلەرنى پۇشايماندا قالدۇرىدۇ›› دېگەن.

      دەرەخ قاقشال بولۇپ كەتسە يەنە كۆكىرەلەيدۇ؛ گۈل توزىسا يەنە ئېچىلىدۇ؛ قارلىغاچ كەتسە يەنە قايتىپ كېلىدۇ؛ ئىنسان چەكلىك ۋاقتىنى ئىشلىتىپ تۈگەتسە ئۆمرى ئاخىرلىشىدۇ. يازغۇچى جۇ زىچىن ‹‹ۋاقىت قول يۇيغاندا سۇ بىلەن بىللە ئېقىپ كېتىدۇ، تاماق يېگەندە تاماق بىلەن بىللە يېيىلىپ كېتىدۇ، خىيال سۈرگەندە خىيال بىلەن بىللە ئۆتىدۇ، ئۇخلىغاندا يېنىمىزدىن تۇيدۇرماي ئۆتۈپ كېتىدۇ. سەھەردە ئويغىنىپ پارقىراپ تۇرغان قۇياشنى كۆرگەندە يەنە بىر كۈن ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ›› دېگەن.

      ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسى ۋاقىتنىڭ قەدەملىرى. بىز ھازىردىن باشلاپ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق – ۋاقىتنى قەدىرلەيلى.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر