باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىم نۇتۇقى

جۇ كېجىن

      بىر ياشانغان كىشىنىڭ ئاپئاق ئۆرۈك چېچەكلىرى ئارىسىدا گۈللەرنىڭ ئېچىلىپ توزۇۋاتقانلىقى، مۇزلىغان يەرنىڭ ئېرىۋاتقانلىقى، قارلىغاچنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىدەك پەسىل ئۆزگىرىشلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن خاتىرىلەۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ كىشى دۆلىتىمىز مېتېئورولوگىيە، فېنولوگىيە ئىلمىنىڭ يول ئاچقۇچىسى جۇ كېجىن.

      جۇ كېجىن ئىنتايىن تىرىشچان. ئۇ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغاندىن بۇيان خاتىرە قالدۇرۇشنى ئادىتىگە ئايلاندۇرۇپ خاتىرە يېزىشنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىدى. ئۇ ھاۋارايى تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ماتېرىياللارنى خاتىرىلەيتتى. مەسىلەن: گۈل تۇنجى قېتىم قاچان ئېچىلىدۇ؟ يوپۇرماق تۇنجى قېتىم قاچان تۆكۈلىدۇ؟ پاقا تۇنجى قېتىم قاچان كۇركىرايدۇ؟ قىرو چۈشۈكى تۇنجى قېتىم قاچان بولىدۇ؟ دېگەندەك مەزمۇنلارنى خاتىرىلەيتتى. ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بىر كۈن بۇرۇنمۇ قوللىرىنى تىترىتىپ شۇ كۈندىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى، شامال كۈچى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى يېزىپ قالدۇرغانىدى.

      جۇ كېجىن خىزمەتتە ئىنتايىن ئېھتىياتچان ئىدى. ئۇنىڭ مېتېئورولوگىيە، كىلىماتولوگىيە، جۇغراپىيە، فېنولوگىيە، تەبىئىي پەن قاتارلىق ساھەلەردىكى بىلىمى ئىنتايىن چوڭقۇر ئىدى. ئۇ دائىم: ‹‹پەن – تېخنىكا تەتقىقاتىدا ‹تەخمىنەن›، ‹بەلكىم› دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىك، ‹پەرەز›، ‹مۆلچەر›نى كۆزىتىشنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەسلىك كېرەك›› دەيتتى.

      جۇ كېجىن پۈتۈن ئۆمرىنى ئاددىي – ساددا ئۆتكۈزدى. تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش بولغان جاپالىق كۈنلەردە ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن جاپا – مۇشەققەتتە بىللە بولدى. ئۆزى كۆكىرىپ قالغان گۈرۈچتە تاماق ئېتىپ يەپ پۇللىرىنى خىزمەتداشلىرىغا بۆلۈپ بەردى. 1974 – يىلى ئۇ كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپمۇ ئۆزى يىغقان 10 مىڭ يۈەن پۇلنى سۆيۈملۈك پارتىيەگە بەدەل پۇلى ئورنىدا تاپشۇرۇپ بەردى.

      ساۋاقداشلار، 7 – مارت جۇ كېجىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 121 يىللىق خاتىرە كۈنى. بىز ئۇنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتى، ئەستايىدىل ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنى چەكسىز سۆيۈشتەك ئېسىل خىسلىتىنى ئۆگىنىشىمىز لازىم.

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر