باش بەت | تەربىيچىلىرىمىز

ئارمان ئۈچۈن ئاتلانغان يۈرەك

 مېھرىگۈل سۇلايمان (مۇخبىرىمىز)

 

      ياشلىق — ئىنسان ئۆمرىنىڭ ئەڭ گۈزەل بەرنا چېغى. ھاياتتىكى نى – نى ئارزۇلار، ساماۋى خىياللار، بۈيۈك پىلان، تەسەۋۋۇرلار بۇ شەۋكەتلىك پەسىلدىكى پاكىز مېھنەت، سۇنماس ئىرادە، تەۋرەنمەس ئېتىقاد ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

      — خاتىرەمدىن

 

      ئۇ ئەسلى تىجارىتى تازا ئېقىۋاتقان، سودىغا خېلىلا پىشىپ قالغان يىگىت ئىدى. ئالتە يىللىق سودىگەرلىك ھاياتىدا تاۋلىنىپ ئىرادە ۋە كۈچ – قۇۋۋەتكە تولغان، سودىنىڭ ئېپىنى تېپىپ قالغان يىگىت ئىدى. لېكىن، بالىلىق چاغلىرىدىكى ئارزۇ ئۇنىڭغا ئارام بەرمىدى، ئۆزىنىڭ يۇقىرىلاپ ئوقۇيالمىغانلىقى، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇپ قالغانلىقىنى ئويلىسىلا ئىچىنى قانداقتۇر بىر نەرسە تاتىلاۋاتقاندەك بىئارام بولاتتى. ئۇ ئاخىرى ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جەمئىيەتتە ئۆگىنىپ بولالمايدىغان نەرسىلەرنى مەكتەپ قوينىدا ئۆگىنىش ئۈچۈن كۈنسېرى روناق تېپىۋاتقان سودىسىدىن ۋاز كېچىپ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، دوست بۇرادەرلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ خىزمەت تاپالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ قىلغان نەسىھەتلىرىگە ئۆزىنىڭ بىلىم ئېلىش ئارزۇسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ئېيتىپ ئۇلارنى قايىل قىلدى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ دەرسلىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ تولۇق ئوتتۇرىغا كىرىپ مەكتەپ ھاياتىنى باشلىدى. ئارزۇ تۇلپارىنى مىنىپ ئۆز ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن ئاتلانغان بۇ يىگىت دەل ئۈرۈمچىدىكى چەت ئەل تىلى بويىچە تەربىيەلەشنى ئاساس قىلغان ‹‹ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزى››نىڭ قۇرغۇچىسى قاسىمجان ئابدۇرېھىم ئىدى.

      قاسىمجان سودا قىلىپ يۈرگەن مەزگىللەردە ئۇچرىغان چەت ئەللىك خېرىدارلار ئۇنىڭغا چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتتى، ئۇ بىرەر تىلنى بولسىمۇ پىششىق ئىگىلەش نىيىتىدە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشكە كىرىشتى ۋە توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ بەلگىلىك ئېنگلىز تىلى سەۋىيەسىگە ئىگە بولدى. 1998 – يىلى ئۇ مەكتەپ قوينىغا قايتىپ دەرسلىرىنى تىرىشىپ ئۆگەنگەندىن باشقا دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ساياھەت شىركەتلىرى ۋە خەلقئارالىق خەيرى – ساخاۋەت ئورۇنلىرىدا تەرجىمانلىق قىلدى ۋە ساياھەت يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەپ ئۆزىنىڭ ئېنگلىز تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

      2001 – يىلى قاسىمجان ئارزۇسىغا يېتىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى. بۇ ئالىي بىلىم يۇرتى تىرىشچانلارغا سورۇن، پائالىيەتچانلارغا ئورۇن ھازىرلاپ بېرىپ تۈركۈم – تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ چىققانىدى. قاسىمجانمۇ ئىلىم – ئېرپان كانى بولغان بۇ ماكاندا ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى نامايان قىلىشقا باشلىدى، مەكتەپتە ئۇيۇشتۇرۇلغان ئېنگلىز تىلى مۇسابىقىلىرىدە ئىزچىل چىمپىيون بولدى. مەكتەپنىڭ قوللىشى بىلەن ئېنگلىز تىلى تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى. ئۇنىڭ ساپ ۋە ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى، جانلىق، قىزىقارلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلى تېزلا ئېنگلىز تىلى ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

      قاسىمجان ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى كۆپ يىللىق سودا قىلىش ۋە دەرس ئۆتۈش جەريانىدا يېتىلدۈرگەن كۆزىتىش ۋە بايقاش ئىقتىدارىغا ئاساسلىنىپ ئاپتونوم رايونىمىزدا تەربىيەلەش مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يەنىلا تەرەققىي قىلماي باشلانغۇچ سەۋىيەدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، مۇكەممەل تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنىڭ ئازلىقى، جەمئىيەتنىڭ بۇ خىل مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياجىنىڭ يۇقىرىلىقىنى تونۇپ يېتىپ بازارنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن مۇشۇ ساھەدە ئىگىلىك تىكلەپ مائارىپ ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇشنى نىيەت قىلدى. مۇشۇ نىشاننى كۆڭلىگە پۈككەن قاسىمجان ئۆزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى، تىل قابىلىيىتى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە تېخى ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىپ ئالىي مەكتەپتىكى بىرىنچى ئوقۇش يىلىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن بىر يىل ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئۆزىنىڭ ئېنگلىز تىلى بىلىمىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى ھەمدە ئۇنىۋېرسىتېتنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىنگلىز تىلى تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، ئوقۇتۇش مېتودى توغرىسىدىكى تەتقىقاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. مەكتەپتىكى ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۈچلۈك، لېكىن ئىقتىسادتا قىيىنچىلىقى بار بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرۈۋەتتى. قاسىمجان ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان تۈرلۈك ئىنگلىز تىلى مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. 2005 – يىلى ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇنازىرە مۇنبىرىگە قاتنىشىپ ‹‹ئەڭ ياخشى ناتىق›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ نەتىجىلىرى بىلەن ئۇ مەملىكەت ئىچىدىكى ئىنگلىز تىلىدا نۇتۇق سۆزلەش ۋە مۇنازىرە مۇسابىقىلىرىدە باھالىغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىندى.

      2006 – يىلى قاسىمجان ئوقۇش پۈتتۈردى. ساۋاقداشلىرى خىزمەت تېپىش بىلەن ئالدىراش يۈرگەن چاغلاردا ئۇ ئارزۇسى بويىچە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەشكە ئاتلاندى. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقى بىلەن 670 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئورۇننى ئىجارىگە ئېلىپ 11 ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچى بىلەن 2007 – يىلى 3 – ئايدا ‹‹ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزى››نى قۇردى. قاسىمجان ياخشى مۇلازىمەت، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەربىيەلەشنى مىزان قىلغاچقا جەمئىيەتتە ياخشى تەسىر قوزغاپ، تېزلا نوپۇزلۇق تەربىيەلەش مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. گۈزەل مەنزىلنى كۆزلەپ توغرا بېسىلغان قەدەم ئىزنالىرىدىن ئاپىرىدە بولغان يول ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ داۋاملىشىدۇ. قىسقىغىنا ئىككى يىلدا بۇ مەركەزنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپ 3000 كۋادرات مېتىرغا، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىسى 60كە يەتتى.

      ئىنساننىڭ قەدرى ئۇنىڭ جەمئىيەتكە قوشقان تۆھپىسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. قاسىمجان جەمئىيەتتە ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھازىرغىچە 45 ياشنى خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. ‹‹ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزى›› 30 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ 2008 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى مەكتەپ بۆلۈمى بىلەن بىرلىشىپ ئىستۇدېنتلارنىڭ ‹‹ئولىمپىكنى كۈتۈۋېلىپ، يېڭى كەيىپىيات يارىتىش›› تېمىسىدا ئاتلان لوڭقىسىنى تالىشىش ئېنگلىز تىلىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ئۈچ ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۇ مۇسابىقىگە 11 ئالىي مەكتەپتىن 500دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قاتنىشىپ، ئالىي مەكتەپلەردە ئىنگلىز تىلى قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. قاتمۇقات تاللاش ئارقىلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە 30 ئىستۇدېنت تاللىنىپ 15 ئىستۇدېنت توققۇز دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلاندى.

      ‹‹ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزى››نىڭ تىل تەربىيەلەش سىنىپلىرى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى. بالىلار ئىنگلىز تىلى، چوڭلار ئىنگلىز تىلى بويىچە تەربىيەلەش ئاساسىدا قۇرۇلغان بۇ مەركەزدە ھازىر رۇس تىلى، خەنزۇ تىلى، تەتىللىك ئۇيغۇر تىلى ساۋات چىقىرىش، ماتېماتىكا ئاساسىي بىلىملىرى قاتارلىق سىنىپلار تەسىس قىلىندى. مەركەزنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشى بىلەن قاسىمجان ئەنئەنىۋى تەربىيەلەش ئۇسۇلىدا ساقلىنىۋاتقان قىسمەن مەسىلىلەرنى ھېس قىلدى. كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ئۇ كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش سىستېمىسىغا تايىنىشنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەربىيەلەش يۆنىلىشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، بۇ ئۇسۇلنىڭ مەملىكىتىمىزدە خېلىلا ئومۇملىشىپ قالغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ فرانسىيەدىكى ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالىنى ئىچىش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەلەپپۇز پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى كىرگۈزدى. بۇ سىستېمىنىڭ كىرگۈزۈلۈشى بىلەن ئوخشىمىغان سەۋىيەدىكى كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش كاپالەتلەندۈرۈلدى، دەرسلەر بويىچە، شەخسلەرنىڭ سەۋىيەسىگە ئاساسەن ئايرىم يېتەكلەش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، خاسلىققا، زامانىۋىلىققا ئىگە بۇ خىل ئوقۇتۇش ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاپ تېزلا يۇقىرى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. قاسىمجان ئۆگەنگۈچى ۋە ئۆگەتكۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىتىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى. دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى تەربىيەلەش مەكتەپلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى، ئۆگەنگەنلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇپ كېڭەيتتى.

      يول ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش، بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق يولنى تېخىمۇ كېڭەيتكىلى، ماڭغان ئىزلاردىن گۈل ئېچىلدۇرغىلى بولىدۇ. قاسىمجان ئارزۇ تۇلپارىغا مىنىپ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئاتلانغاندا ئالدىدىكى مۇساپىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن، تېخىمۇ داغداملىقىنى كۆرۈپ يەتتى، پەقەت تىرىشىش، ئىزدىنىشلا مەنزىلگە يېتىشنىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدۇ. قېنى يىگىت، دادىل قەدەملەر بىلەن ئاتلىنىڭ، ‹‹ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزى›› ئەمدىلا ئايىغى چىقىپ تەم – تەم ماڭغان بالا، ئۇنىڭ كەسكىن بازار رىقابىتىدە ئۈزۈپ چىقىپ مەزمۇت قەدەم تاشلىشىغا تىلەكداشمەن.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر