باش بەت | ئاتا–ئانامغا خەت

ئاتا – ئانامغا يۈرەك سۆزۈم

قەلبىنۇر مەخمۇت

      ئائىلىمىزنىڭ تۈۋرۈكى جاپاكەش، مېھنەتكەش دادا، ئەڭ سۆيۈملۈك ئاپا، قانداق ئەھۋالىڭلار؟ سىلەردىن ئايرىلىپ شەھەردە ئوقۇۋاتقىلى خېلى ئايلار بولدى، سىلەرنى بەكلا سېغىندىم.

      تۇنجى قېتىم ئىلم – مەرىپەت باغچىسىغا دادىل قەدەم تاشلىغاندا ماڭا نۇرغۇن ئوقۇش قوراللىرى ئېلىپ بېرىپ، شېرىن ئارزۇ – تىلەكلەر بىلەن مېنى خۇشال ئۇزاتقىنىڭلار ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. سىلەر مېنى بېقىپ چوڭ قىلغۇچە نۇرغۇن جاپا تارتتىڭلار. كىچىك ۋاقتىمدا تاماق قاچاڭلاردىكى كىچىككىنە گۆشمۇ گېلىڭلاردىن ئۆتمەي مېنىڭ قاچامغا سېلىپ بېرەتتىڭلار، سىلەردىن ‹‹نېمىشقا گۆش يېمەيسىلەر؟›› دەپ سورىسام، ‹‹بىزنىڭ گۆش يېگۈمىز يوق›› دەپ جاۋاب بېرەتتىڭلار.

      مانا، ھازىر چوڭ بولدۇم، ئەقلىممۇ چوڭايدى، سىلەرنىڭ نېمىشقا شۇنداق دېگىنىڭلارنى ئەمدى چۈشەندىم.

      دادا، ئاپا، مېنى ياخشى ئوقۇسۇن، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولسۇن دېسەڭلار ئۆزۈڭلارنى ئاسراڭلار، سىلەر سالامەت بولساڭلار مەن تېخىمۇ ياخشى ئوقۇپ كۈنسېرى ئالغا باسالايمەن.

(ئاپتورى ئاقتۇ ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ 9 – يىللىق 6 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر