باش بەت | سەيلىگاھلار

ئىلى دەرياسى مىللەتلەر مەدەنىيەت –ساياھەت باغچىسى

 

      غۇلجىنىڭ ساياھەتچىلىكتىكى ‹‹كوزىرى›› ھېسابلىنىدىغان ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان ‹‹ئايدۆڭ شىپاڭ›› دەپ ئاتىلىدىغان بىر سەيلىگاھ بار، ئۇ غۇلجا شەھەر تاشكۆۋرۇك يېزا ئايدۆڭ كەنتىگە جايلاشقان ئىلى دەرياسى مىللەتلەر مەدەنىيەت –ساياھەت باغچىسى.

      بۇ باغچىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 72مو بولۇپ، 1997 – يىلى بەرپا قىلىنغان. 2000 – يىلى ‹‹ئىلى دەرياسى مىللەتلەر مەدەنىيەت ساياھەت باغچىسى›› دەپ ئاتالغان. ئىلى دەرياسى مىللەتلەر مەدەنىيەت ساياھەت باغچىسىنىڭ خوجايىنى كەرىمجان ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: باغچىدا ھەر يىلى ئاپتونوم رايون ئىچى – سىرتى ۋە چەت ئەللەردىن 50 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىدۇ. باغچا ئىچىدىكى چوڭ راۋاق يېنىدىكى يول بىلەن يارداڭلىق، قومۇشلۇق، توقايلىقلاردىن ئۆتسىڭىز يېيىلىپ ئېقىۋاتقان ئانا دەريا بويىغا قەدەم باسىسىز، بۇ يەردىكى توقاي – ئورمانلار، گۈزەل دەريا قىرغاقلىرى، تىنماي سايراۋاتقان قۇشلار، ئارامگاھلاردىن ياڭراۋاتقان شادىيانە ناخشا – مۇزىكىلار سىزگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىپ، ئىلىدىكى 13 مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۇرىدىغان كۆرۈنۈش، مەنزىرە ھاسىل قىلىپ، تېخىمۇ يارقىن جەلپكار باغچا قۇرىمىز.

 

 

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر