باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

تەلەپچان ئۇستاز، قابىل يېتەكچى

 يۇنۇس سادىق

 

      كىشلەر ئوقۇتقۇچىنى ‹‹ئادەم روھىنىڭ ئنژېنېرى››، ‹‹قولىدا ئالتۇن ئاچقۇچ تۇتقانلار›› دەپ تەرىپلىشىدۇ. بۇ، بارلىقىنى سەبىيلەرنىڭ دىلىنى ئىلىم نۇرى بىلەن يورۇتۇشقا بېغىشلىغان، ئۈن – تىنسىز تۆھپە قۇشۇش روھىغا ئىگە، ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ يۇقىرى تەلەپ قۇيالايدىغان، جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارغا بېرىلگەن ئوبيېكتىپ باھا بولسا كېرەك. مەن بۇ ماقالەمدە تۇنۇشتۇرماقچى بولغان قۇمۇل شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئالى ئوقۇتقۇچى ئەھەد يۇنۇس ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش يولىدا ئۈن – تىنسىز تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان تەلەپچان ئۇستاز، قابىل يېتەكچىلەرنىڭ بىرى.

      مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ئەھەد يۇنۇس سەبىي چاغلىرىدىلا، دادىسىنىڭ مۇنبەردە دەرس ئۆتۈۋاتقان سىيماسى قەلىب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. شۇڭا، ئۇنىڭدا چوڭ بولسام دادامغا ئوخشاش ئوقۇتقۇچى بولىمەن، دەيدىغان ئارزۇ تۇغۇلغانىدى. ئۇ شۇ ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە، قۇمۇل دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ ئۇمۇمىي پەن كەسپىدە ئوقۇدى. 1981 – يىلى 7 – ئايدا ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، قۇمۇل شەھەرلىك يېزا – ئىگىلىك 2 – ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەقسىم قىلىندى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك ھەم جاپالىق خىزمەتكە قەدەم قۇيۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئوقۇتۇش خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى. ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى، دەرس ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن دەرس ئۆتۈپ، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئەستايىدىللىقى، تەشكىللەش، باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئىقتىدارى مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 1983 – يىلى ئۇ مەكتەپنىڭ ئىتتىپاق خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىپ تەيىنلەندى، 1996 – قۇمۇل شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، 2000 – يىلى مەكتەپ مۇدىرلىقى ۋە مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا ئۆستۈرۈلدى. ئۇ ئۇ مەسئۇليىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلىپ، تېخىمۇ باش چۆكۈرۈپ ئىشلىدى. ئۇ پىشقان ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن دەرس مۇنبىرىدىن ئايرىلماي، تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ماتېماتىكا دەرسى بېرىشنى ئون نەچچە يىل داۋاملاشتۇردى. 2000 – يىلى ئاپتونۇم رايون بويىچە ‹‹ماتېماتىكا ئوقۇتۇش ماھىرى›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. ئۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. بۇنىڭ بىلەن تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر تۇتاش ئېلىنغان ئىمتىھاندا تولۇق ئوتتۇرا ۋە تېخنىكوملارغا ئۆتۈش نىسبىتى %90 كە يېتىپ، ۋىلايەت بويىچە مىللي مەكتەپلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. بۇ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتىمۇ يىلسېرى ئېشىپ، %92 كە يەتتى. 2006 – يىلى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا، شەھەرلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچ ئوقۇغۇچىسى شىنجاڭ بويىچە ئىمتىھان نەتىجىسى يۇقىرى 100 ئوقۇغۇچى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

      ئەھەد يۇنۇس يەنە ئەخلاق تەربىيەسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق تەربىيەسىنى ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەزىلىتىدە زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. بىر يۈرۈش قائىدە – تۈزۈملەرنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قېلىپلاشقان مەكتەپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئەخلاق تەربىيەسى ئىشخانىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئىتتىپاق كومىتېتى، بىخەتەرلىك ئىشخانىسى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەكتەپ مەمۇرىيىتى ۋە پارتىيە ياچېيكىسى يولغا قويغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىنى تولۇق تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ئۇ يەنە مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى سىرتقا بىلىم ئاشۇرۇشقا، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشكە، لېكسىيە ئاڭلاش، ئۈلگىلىك دەرس ئاڭلاش، تەجرىبە تونۇشتۇرۇشقا تەشكىللىدى. ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇش، تەجرىبىلىك ئوقۇتۇش، ئېلېكتىرلىك ئوقۇتۇش، كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئوقۇتۇش شەكىللىرىدىن پايدىلنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ، ئەتراپلىق يېتىلىشنى ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش قۇرۇلمىسى، قىزىقىشى، ئالاھىدىلىكى بويىچە رەسىم، تەنتەربىيە، ئىلەڭگۈچ، كەشتىچىلىك، مودېل ياساش كۇرسلىرىنى ئاچتى. رەسىم، تەنتەربىيە كەسىپلىرى بويىچە تەربىيەلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى ھەريىلى شەھەر بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلدى. تەنتەربىيە كۇرۇژۇكىنىڭ ۋېلىسىپىت چاپتۇرۇش ئەترىتىدىكى ئونغا يېقىن ھەۋەسكارنىڭ تۆتى ۋىلايەت، ئاپتونۇم رايون ۋە مەملىكەت بويىچە ۋېلىسىپىت چاپتۇرۇش، ۋېلىسىپىت مىنىپ ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىلىرىدە ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس مېداللارغا ئېرىشتى. ئەھەد يۇنۇس يۇقىرىقىدەك نەتىجىلىرى بەدىلىگە مەكتەپ، شەھەر، ۋىلايەت بويىچە 26 قېتىم ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى››، ‹‹مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى››،‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى››، ‹‹مۇنەۋۋەر رەھبەر›› بولۇپ باھالىنىپ تەقدىرلەندى.

 

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر