باش بەت | ئۆرپ–ئادەت

ئىت تالاشتۇرۇش

 

 

      ئىت تالاشتۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى. ئاجايىپ قىزىق ۋە جەلپ قىلارلىق بولىدۇ. ئىت تالاشتۇرۇشقا خۇمارى بار ئادەملەر كۆپىنچە كۈچتۈڭگۈر بۆرە ئىتلارنى ياكى ئوۋ ئىتلىرىنى تاللاپ تەربىيىلىگەندىن كېيىن تالاشقا سالىدۇ. ئوبدان تالاشقاق ئىتلارنىڭ باھاسى ناھايىتى قىممەت بولىدۇ . ئىت تالاشتۇرۇش پائالىيىتى كۆپىنچە يېزىلاردىكى بازار كۈنلىرى، ھېيت – ئايەم كۈنلىرى، جامائەت يىغىلغان سورۇنلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىت تالاشتۇرۇشتا، ئىككى ئىت مەيدانغا ئېلىپ كىرىلىپ، بىر - بىرىنى تالاشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. يامان ئىتلار رەقىبىنىڭ كانىيىنى، پاچىقىنى چىشلەپ ئۈزۈۋېتىدۇ.

 

 

      ئىككى ئىت تالىشىش جەريانىدا غىڭشىپ قالغىنى، چىشلىرىنى كۆرسىتىپ خىرىلداپ تۇرۇۋالغىنى، قۇيرۇقىنى چاترىقىغا قىستۇرۇپ شۈمشىيىپ قالغىنى، ئارقىغا قاراپ قاچقىنى يېڭىلگەن بولىدۇ. ئىت تالاشتۇرۇش كۆپىنچە ناھايىتى ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ، ئىتلار جىسمانىي جەھەتتە قاتتىق ھېرىپ كېتىدۇ، شۇڭا، ئادەتتە ئەمدىلا تالاشقا سېلىنىپ يېڭىپ چىققان ئىت، دەرھال يەنە باشقا تالاشقا سېلىنمايدۇ.

 

 

      ئىت تالاشتۇرۇش پائالىيىتى جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى بازار كۈنلىرىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ. چۈنكى، بۇنداق چاغلاردا ئۇنى كۆرۈپ تاماشا تىلىدىغان ئادەم ناھايىتى كۆپ بولۇپ، يېڭىپ چىققان ئىتنىڭ ئىگىسى بەئەينى جەڭدە نۇسرەت قازىنىپ، زەپەر قۇچقان قەھرىماندەك ئۆزىنى ناھايىتى پەخىرلىك ھېس قىلىدۇ. ئىت تالاشتۇرۇشقا ئامراق ئادەملەر قەيەردە داڭلىق، ياخشى ئىت بار ئىكەن، دەپ ئاڭلىسا، ئۆزلۈكىدىن شۇ جايغا ئىزدەپ بېرىپ. ئىت تالاشتۇرىدۇ. ھازىر، يېزىلاردىكى بەزى بازارلاردا مەخسۇس ئىت تالاشتۇرۇش مەيدانلىرى بار بولدى.

 

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر