باش بەت | ئۆرپ–ئادەت

ياغاچ قىرمىچىلىقى

 

       قىرمىچىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ھۈنەر – سەنئىتىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە.

      خەلقىمىزنىڭ قىرمىچىلىقى ئاساسەن قوشۇق، قەدەھ،، خونچا ئاياق (ياغاچ لىگەن)، ئاياق، چۆمۈچ، كاساڭ، تەڭنە، چاق، يىك، سۈرگۈچ، پوزا، دۈشە، نوغۇچ، سوغا، مۇشىت، (پاختا ئاتىدىغان)، ھاۋانچا، ھويلا – ئىمارەت ۋادەكلىرى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇرۇنلا شۆھرەت قازانغىنى قوشۇقچىلىق سەنئىتى.

      خەلقىمىز بۇ خىل ھۈنەر – سەنئەتنى ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا كەسىپ قىلغان.

      قىرمىچىلىق كۆپ خىل بولۇپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس تېخنىكا تەلىپى، كېرەكلىك ياغاچ ماتېرىيالى، ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكى بار. كاساڭ، ئاياق، تەڭنە خاس ھاڭگا تېرەكنىڭ غولى توم ھەم قاتتىق بولغاچقا، ئۇنىڭدىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ چىدامچانلىقى يۇقىرى بولۇپ، ئىككى – ئۈچ ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. سوغا  دۈشە، چۈمۈچ قاتارلىقلار ئادەتتىكى تېرەك ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. سۆگەت، ئۈجمە، ياڭاق، توغراق، ئۈرۈك ياغىچىدىنمۇ بۇ خىل بۇيۇملارنى ياساشقا بولىدۇ. مۇشت مەخسۇس چىلان ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. ئاياق ئادەتتە چىنە رولىنى ئوينايدۇ. چۈمۈچ ئاش – تائام ئۇسۇشقا، كاساڭ خېمىر يۇغۇرۇشقا، بەزى چوڭ تەڭنە كىر يۇيۇشقا، مۇشت كىگىزچى، پاختىچى ئۇستىلارنىڭ يۇڭ، پاختا ئېتىشىغا (زەيگە ئۇرۇشقا) ئىشلىتىلىدۇ. يىكنى مەخسۇس يۇلغۇن شېخىدىن ياسايدۇ. يىك ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئىنسانلار پاختىدىن يىپ چىقىرىپ ئاددىي ماتا توقۇشنى باشلاش بىلەنلا چاق بىلەن يىك ياسالغان.

      خەلقىمىزنىڭ قوشۇمچىلىق سەنئىتى خاس شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىلا ئەمەس، مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەلگىمۇ داڭلىقتۇر. تارىختىن ھازىرغىچە چەت ئەللەرگە تۇغقان يوقلاشقا بارغان كىشىلەر ياغاچ قوشۇقنى قىممەتلىك سوۋغات سۈپىتىدە سوۋغا قىلىشىدۇ.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر