باش بەت | ئۆرپ–ئادەت

ئۇيغۇرلاردا مىسكەرلىك

  

 

      ئۇيغۇر مىسكەرلىك سەنئىتىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، مىس، تۇچ، ئاليۇمىن، قوغۇشۇن، سىنىك قاتارلىق يۇمشاق جىسىم تىپىدىكى ئېرىشچانلىقى كۈچلۈك مېتاللاردىن ئائىلە سايمانلىرى، گۈزەل – سەنئەت بۇيۇملىرى، زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرى ئىشلىنىپ، مەملىكەت ئىچى – سىرتىدا نام چىقارغان.

      ئۇيغۇرلاردا مىسكەرلىك قىلىش ئۈچۈن، بولقا – سەندەل، ئوچاق، كۆيەك، كۆمۈر، ئوت پۈۋلىگۈچ، چاسا بولقا، كەكە بولقا، بازغان، قىسماق قاچا، تۈز قاچا، سەركۇل، چاق (سىلغايتىش چاقى)، ھەر خىل ئېكەك، ئاق قۇم، (مىس ئاليۇمىن ئېرىتىدىغان سايمان) قاتارلىق سايمانلارنى ئىشلىتىدۇ. مىسكەرلىك ئۇسۇلىدىن ئاپتۇۋا – چىلاپچا، چۆگۈن، مانتا قازىنى، مىس قازان، مىس داش قازان، جۈنبۈل، لېگەن، كەپكۈر، چەينەك، مىس چىنە – پىيالە، جام قاتارلىق نەچچە خىل ئائىلە سەيمانلىرى، كولدۇرما، زەنجىر، ئات ئىگىرى، ھارۋا جابدۇقلىرى، ئىشىك – دەرۋازا زىننەت بۇيۇملىرى، چاچ ئاسقۇ، ئۈزۈك، بىلەزۈك، چازا، تاج، قاداق، سوقما، قۇيما ھەيكەل، باسما ھەرپلىرى، تامغا، داچەن پۇل ۋە باشقا قۇيما بۇيۇملار بولۇپ، تۆت يۈز سەكسەن خىلدىن ئارتۇق بۇيۇم ئىشلەپ چىقىرىدۇ.

      ئۇيغۇرلاردىكى مىسكەرلىك ئىشلەش ئۇسۇلى مۇنداق بولىدۇ. مېتال خام، پىششىق دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. مىسكەرلىك ئەنئەنىسىدە ئېرىتىش ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. ئېرىتىش مۇۋاپىق، ئۆلچەملىك بولمىسا، سوققاندا قاسىراق كۆپ چىقىپ كېتىپ قالىدۇ ياكى بولقا تەگكەندە يېرىلىپ، ئۇۋىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا مىسكەرلىكتە ئەپچىللىك ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

      مېتال ياخشى ئېرىگەندىن كېيىن، ياسىماقچى بولغان سايماننىڭ ھەر بىر بۆلەكلىرىگە كېتىدىغان ماتېرىيالى پارچىلىنىپ ئايرىم سوقىلىدۇ. مەسىلەن، ئاپتۇۋا، چۆگۈنلەرنىڭ چەپچىكى، قورساق، جوغا، تۇتقا، كاناي، قاپقاق، تاج قاتارلىق بۆلەكلىرى ئۆلچەملىك ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەپشەرلىنىپ بىر – بىرىگە كىرىشتۈرۈلىدۇ. ئاندىن قىزىل بولسا قىزىل قۇم، ئاق بولسا ئاق قۇم سۈرۈپ پەرداز بېرىدۇ.

      تۇچ سايمانلارغا بولسا قىزىل قۇمغا زەنجىۋىل ئارىلاشتۇرۇپ سۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۇچ سېرىق ۋە قىزىل رەڭ ئالىدۇ. ئاندىن كىگىز سۈرۈپ سىلغايتىدۇ. نەتىجىدە تۇچ ئالتۇن رەڭگە كىرىدۇ. مىسكەرلىكتە، چاق ئېكەكتە ئۇۋالغان قىرىندىلارمۇ ئىسراپ قىلىنمايدۇ. ئۇنى يىغىپ ، ئېرىتىپ يەنە ئىشلىتىدۇ. مىسكەرچىلىك قەشقەر شەھىرىدە ناھايىتى تەرەققىي تاپقان.

 

 

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر