باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

كىچىك ئەترەت باشلىقىنىڭ رولى

 ليۇ خۇييۇن

 

      كىچىك ئەترەت باشلىقى كىچىك ئەترەت بىلەن ئوتتۇرا ئەترەت خىزمىتىدە بىرقەدەر چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتىكى ياخشى ياردەمچىسىگە ئايلاندى. ئۇنداقتا يۇقىرى ساپالىق كىچىك ئەترەت باشلىقىنى قانداق يېتىشتۈرۈش كېرەك؟

      1. كىچىك ئەترەت باشلىقىنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يېتىشتۈرۈش لازىم. تولىستوي مۇنداق دېگەن: ‹‹ئادەمدە قىزغىنلىق بولمىسا ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ، قىزغىنلىقنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مەسئۇلىيەتچانلىقتۇر››. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەسئۇلىيەتچانلىق ئادەمنىڭ يېتىلىشى، ئىقتىساسلىق خادىمغا ئايلىنىشىدا زور رول ئوينايدۇ. ‹‹بىزنىڭ باشلامچىلىرىمىز توغرىسىدا سۆھبەت››، ‹‹ئەڭ ياخشى كىچىك ئەترەتنى باھالاش›› قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق كىچىك ئەترەت باشلىقىنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ.

      2. كىچىك ئەترەت باشلىقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىش روھىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. كىچىك ئەترەت باشلىقىنى كىچىك ئەترەتنى دىموكراتىك باشقۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش، پىيونېرلارنىڭ شەخسىي ئارزۇسى، ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھەربىر پىيونېرغا ئىش ئورنى تەسىس قىلىش، ئىتتىپاق، ئىناق كىچىك ئەترەتنى پىيونېرلارنىڭ قەلبىدىكى ‹‹ئىللىق كىچىك ئائىلە››گە، ئۇيۇشقان، جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك گۇرۇپپىغا ئايلاندۇرۇش لازىم.

      3. كىچىك ئەترەت باشلىقىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. كىچىك ئەترت باشلىقلىرى كىچىك ئەترەت بىلەن ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ، كىچىك ئەترەت بىلەن كىچىك ئەترەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولۇشى لازىم. ئالدى بىلەن، كىچىك ئەترەت باشلىقى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت خىزمىتىنى يولغا قويغۇچى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى، ئوتتۇرا ئەترەت بىلەن كىچىك ئەترەت پائالىيىتى ئۆزئارا توغرا كېلىپ قالغاندا مۇھىم بىلەن مۇھىم ئەمەسلىرىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش، كىچىك ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوزغىيالىشى، ئوتتۇرا ئەترەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە كىچىك ئەترەت پائالىيەتلىرىنى ئىجابىي قانات يايدۇرۇش لازىم. ئاندىن كېيىن، پىيونېرلار ئوتتۇرىسىدا باراۋەر، ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئۆزئارا تولۇقلاش، ئىناق ئالغا بېسىش مۇناسىۋىتى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى لازىم.

      4. ‹‹كىچىك ئەترەت باشلىقى نۆۋەتلىشىش تۈزۈمى››نى يولغا قويۇش لازىم. كىچىك ئەترەتتە ئادەم ئاز، نۆۋەت ئالمىشىش ۋاقتى قىسقا بولۇپ، ھەربىر پىيونېرغا چېنىقىش پۇرسىتى بېرىشكە، پىيونېرلارغا نۆۋەت بىلەن كىچىك ئەترەت باشلىقى بولۇشقا پۇرسەت بېرىشكە، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى كوللېكتىپنى سۆيۈشنى چۈشىنىش، كىچىك خوجايىن بولۇشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلىشقا، كىچىك ئەترەتنى باشقۇرۇشقا ئاكتىپ ماسلىشىشقا يېتەكلەشكە بولىدۇ.

      كىچىك ئەترەت باشلىقى قوشۇنىنى قۇرۇش ۋە ياخشى باشقۇرۇش ئوتتۇرا ئەترەت خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشنىڭ كاپالىتى. بىز چوقۇم كىچىك ئەترەت باشلىقىنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا ئەترەت خىزمىتىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز لازىم.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر