باش بەت | قانۇن

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى

(1991 - يىل 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1991 - يىل 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 50 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)

 

مۇندەرىجە

 

      1 ــ باب ئومۇمىي پرىنسىپ

      2 ــ باب ئائىلىدە قوغداش

      3 ــ باب مەكتەپتە قوغداش

      4 ــ باب جەمئىيەتتە قوغداش

      5 ــ باب ئەدلىيە جەھەتتە قوغداش

      6 ــ باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

      7 ــ باب قوشۇمچە پرىنسىپ

 

1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ

      بۇ قانۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي سالامەتلىكىنى قوغداش، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلارنى سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

      2 ــ ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر 18 ياشقا توشمىغان پۇقرالارغا قارىتىلغان.

      3 ــ ماددا دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە غايە تەربىيىسى، ئەخلاق تەربىيىسى، مەدەنىيەت تەربىيىسى، ئىنتىزام ۋە قانۇنچىلىق تەربىيىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، ئىنتېرناتسىئونالىزم، كوممۇنىزم تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ؛ ۋەتەننى، خەلقنى، ئەمگەكنى، ئىلىم - پەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ كاپىتالىزم، فېئودالىزم ۋە باشقا چىرىك ئىدىيىلەرنىڭ چىرىتىشىگە قارشى تۇرىدۇ.

      4 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش لازىم:

      (1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش؛

      (2) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىش؛

      (3) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىش؛

      (4) تەربىيىلەش بىلەن قوغداشنى بىرلەشتۈرۈش.

      5 ــ ماددا دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى، مال - مۈلۈك ۋە باشقا جەھەتتىكى قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

      قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش دۆلەت ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، سىياسىي پارتىيىلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، شەھەر، يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنىڭ ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئۆزىنى - ئۆزى ئىدارە قىلىش تەشكىلاتلىرى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋەسىيلىرى ۋە باشقا قۇرامىغا يەتكەن پۇقرالارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ توسۇش، چەكلەش ياكى ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلىش، شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بار. دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش جەھەتتە تەربىيە بېرىشى ۋە ياردەم بېرىشى لازىم.

      6 ــ ماددا مەركەز ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى دائىرىسىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

      گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجىغا قاراپ تەشكىلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

      كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، پىئونېرلار ئەترىتى ۋە باشقا ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە ياردەملىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى لازىم.

      7 ــ ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

 

2 – باب ئائىلىدە قوغداش

      8 ــ ماددا ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە ۋەسىيلىك قىلىشى ۋە ئۇلارنى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خورلىماسلىقى، تاشلىۋەتمەسلىكى لازىم؛ قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارنى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن مېيىپلارنى كەمسىتىشكە بولمايدۇ؛ بوۋاقلارنى سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش، تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

      9 ــ ماددا ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئوقۇش يېشىغا يەتكەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بەلگىلىمە بويىچە مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيىسىگە بېرىش، مەكتەپتە مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيىسى ئېلىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مەكتەپتىن قالدۇرماسلىقى كېرەك.

     10 ــ ماددا ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر ساغلام ئىدىيە، ئەخلاقىي پەزىلەت ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيىلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جىسمانىي ۋە روھىي سالامەتلىكىگە پايدىلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، سەرگەردان بولۇۋېلىش، قىمار ئويناش، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىش، ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشى لازىم.

     11 ــ  ماددا ئاتا - ئانىلار ۋە باشقا ۋەسىيلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نىكاھلىنىشىغا يول قويۇشىغا ياكى ئۇلارنى نىكاھلىنىشقا مەجبۇرلىشىغا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە «چاي» ئىچكۈزۈشىگە بولمايدۇ.

     12 ــ ماددا ئاتا - ئانىلار ۋە باشقا ۋەسىيلەر ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى ئۆز ۋەسىيلىكىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزسە، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

      ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر يۇقىرىقى تارماقتا ئېيتىلغان قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا، تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدار خادىملار ياكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىك ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ 16 ــ ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە باشقىدىن ۋەسىي بەلگىلەيدۇ.

 

3 – باب مەكتەپتە قوغداش

      13 ــ ماددا مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتىن تەربىيە بېرىشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياشلىق باھار مەزگىلى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشى لازىم.

      مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاسرىشى، ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتە كەمچىلىكى بولغان، ئۆگىنىشتە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيە بېرىشى، ياردەم بېرىشى، ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى لازىم.

      14 ــ ماددا مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى خالىغانچە مەكتەپتىن قوغلاندى قىلماسلىقى لازىم.

      15 ــ ماددا مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىشى لازىم. قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارغا تەن جازاسى بېرىشكە، شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىشكە ياكى باشقا كىشىلىك غۇرۇرىغا ھاقارەت قىلىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشقا بولمايدۇ.

      16 ــ ماددا مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى بىخەتەرلىكىگە، سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان مەكتەپ بىنالىرى ۋە باشقا ئوقۇتۇش مۇئەسسەسەسىلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغۇزماسلىقى لازىم.

      ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئوقۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىغا، مەكتەپلەرنىڭ مەيدانى، ئۆيلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشىغا بولمايدۇ.

      17 ــ ماددا مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ۋە بالىلارنى يىغىلىشقا، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت قاتارلىق كوللېكتىپ پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرغاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇشى، خەتەرلىك ھادىسىلەرنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىشى لازىم.

      18 ــ ماددا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشقا ئەۋەتىلىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەر ئىدىيىۋى تەربىيە، مەدەنىيەت تەربىيىسى، ئەمگەك - تېخنىكا تەربىيىسى ۋە كەسىپ تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

      ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئاسرىشى، ھۆرمەتلىشى لازىم، ئۇلارنى كەمسىتىشكە، ئۇلاردىن بىزار بولۇشقا بولمايدۇ.

      19 ــ ماددا بالىلار باغچىلىرى ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، تەربىيىلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بالىلارنىڭ جىسمانىي، ئەقلىي، ئەخلاقىي جەھەتتىن ماس ھالدا تەرەققىي تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم.

 

4 – باب جەمئىيەتتە قوغداش

      20 ــ ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار ھەمدە پۇقرالار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ھەر خىل شەكىلدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

      21 ــ ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەرت - شارائىت يارىتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا لايىق كېلىدىغان پائالىيەت سورۇنلىرى ۋە ئەسلىھەلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم.

      22 ــ ماددا مۇزېي، خاتىرە سارىيى، پەن - تېخنىكا سارىيى، مەدەنىيەت سارىيى، كىنو - تىياتىرخانا، تەنتەربىيە مەيدانى (زالى)، ھايۋاناتلار باغچىسى قاتارلىق سورۇنلار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئېتىبار بېرىلىپ ئېچىۋېتىلىشى لازىم.

      23 ــ  ماددا تىجارەت خاراكتېرلىك تانسىخانا قاتارلىق سورۇنلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەر پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان سورۇن ئەمەس، ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە تىجارەت قىلغۇچىلار تەدبىر قوللىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۇنداق سورۇنلارغا كىرگۈزمەسلىكى كېرەك.

      24 ــ  ماددا دۆلەت ئاخبارات - نەشرىيات، رادىئو - كىنو - تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت - سەنئەت ئورۇنلىرىنى، يازغۇچىلارنى، ئالىملارنى، سەنئەتكارلارنى ۋە باشقا پۇقرالارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ئەسەرلەرنى يېزىشقا ۋە تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوبيېكت قىلغان كىتاب، گېزىت - ژۇرنال ۋە ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى مەخسۇس نەشر قىلىشقا يار - يۆلەك بولىدۇ.

      25 ــ  ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە شەھۋانىيلىق، زوراۋانلىق، قاتىللىق، تېررورلۇق قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى زەھەرلەيدىغان مەزمۇندىكى كىتاب، گېزىت - ژۇرنال، ئۈن - سىن بۇيۇملىرىنى سېتىشى، ئىجارىگە بېرىشى ۋە باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تارقىتىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

      26 ــ  مادد ابالىلار يېمەكلىكلىرى، ئويۇنچۇقلىرى، لازىمەتلىكلىرى، كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە زىيانلىق بولماسلىقى كېرەك.

      27 ــ ماددا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەردىكى سىنىپلاردا، ياتاقلاردا، پائالىيەت ئۆيلىرىدە ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان باشقا بۆلۈملەردە تاماكا چېكىشىگە بولمايدۇ.

      28 ــ ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىپ ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ. دۆلەتنىڭ باشقىچە بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

      ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە 16 ياشقا توشقان، 18 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەندە خىزمەت تۈرى، ئەمگەك ۋاقتى، ئەمگەك سىجىللىقى ۋە قوغداش تەدبىرلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشى لازىم. ئۇلارنى بەك ئېغىر، زەھەرلىك، زىيانلىق ئەمگەكلەرگە ياكى خەتەرلىك مەشغۇلاتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

      29 ــ ماددا سەرگەردان بولۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ياكى ئائىلىسىدىن چىقىپ كەتكەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇل بولۇپ، ئاتا- ئانىسىغا ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ۋە باشقا ۋەسىيلىرىنى ۋاقتىنچە ئېنىقلىغىلى بولمىسا، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تەسىس قىلغان بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتلىرى ئۇلارنى يىغىۋېلىپ باقىدۇ.

      30 ــ ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ نومۇسىغا تاقىلىدىغان ئىشلارنى ئاشكارىلىشىغا بولمايدۇ.

      31 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ خەت - چەكلىرىنى ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ يوشۇرۇۋېلىشى، يىرتىۋېتىشى، تاشلىۋېتىشىگە بولمايدۇ. جىنايەتچىلەرنى سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ياكى خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرگەندىن ياكى ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ خەت - چەكلىرىنى ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋاكالىتەن ئاچقاندىن باشقا، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئۇلارنىڭ خەت - چەكلىرىنى ئېچىشىغا بولمايدۇ.

      32 ــ ماددا سەھىيە تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە زۆرۈر بولغان سەھىيە، سالامەتلىكنى ئاسراش شارائىتىنى يارىتىپ بېرىشى، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم.

      33 ــ ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بالىلار باغچىسى، يەسلى ئىشلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، يەسلى، بالىلار باغچىلىرىنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇشى، دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ بالا ئېمىتىش ئۆيى، يەسلى، بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى، ئائىلە يەسلى قۇرۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلىشى ۋە قوللىشى لازىم.

      34 ــ ماددا سەھىيە تارماقلىرى بالىلاردىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇلارغا ۋاكسىنا قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى، بالىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىشىنى پائال ئىشلىشى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ۋە يەسلى، بالىلار باغچىسىنىڭ سەھىيە - ساقلىقنى ساقلىشىغا كەسپىي جەھەتتىكى يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى لازىم.

      35 ــ ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بالىلار باغچىلىرى ۋە يەسلىلەرنىڭ تەربىيىچىلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرىنى كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تەربىيىلىشى ۋە چېنىقتۇرۇشى، ئۇلارغا قارىتىلغان سىياسىي ئىدىيىۋى ۋە كەسپىي تەربىيىنى كۈچەيتىشى لازىم.

      36 ــ ماددا دۆلەت قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئەقلىي نەتىجىلىرى ۋە شان - شەرەپ ھوقۇقىنىڭ دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئالاھىدە تۇغما تالانتى بولغان ياكى گەۋدىلىك نەتىجىسى بولغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە دۆلەت، جەمئىيەت، ئائىلە ۋە مەكتەپلەر ساغلام تەرەققىي قىلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

      37 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بەلگىلەنگەن يىلدىكى مەجبۇرىي مائارىپنى تۈگىتىپ مەكتەپتىن كۆچەلمىسە، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، ئۇلارنى كەسىپ، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلىشى، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا شەرت - شارائىت يارىتىپ بېرىشى لازىم.

 

5 – باب ئەدلىيە جەھەتتە قوغداش

      38 ــ ماددا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا تەربىيىلەش، تەسىرلەندۈرۈش، قۇتقۇزۇۋېلىش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ، تەربىيىنى ئاساس قىلىش، جازالاشنى قوشۇمچە قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

      39 ــ ماددا 14 ياشقا توشقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزگەندە 16 ياشقا توشمىغانلىقى ئۈچۈن جىنايى جازا بېرىلمىسە، ئۇلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئۇلارنى باشقۇرۇش، تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش بۇيرۇلىدۇ. زۆرۈر تېپىلغاندا ھۆكۈمەت ئۇلارنى يىغىۋېلىپ تەربىيىلەيدۇ.

      40 ــ ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن دېلولىرىنى بېجىرگەندە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئالاھىدىلىكىگە ئېتىبار بېرىشى لازىم، شۇنداقلا بۇ دېلولارنى ئېھتىياجغا قاراپ مەخسۇس ئاپپارات تەسىس قىلىپ ياكى مەخسۇس ئادەم بەلگىلەپ بېجىرسە بولىدۇ.

      جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى ۋە ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش - تەربىيىلەش ئورۇنلىرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.

      41 ــ ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى سوت قىلىشتىن بۇرۇن قامالغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قاماقتىكى قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئايرىپ باشقۇرۇشى كېرەك.

      خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى بىلەن جازا ئۆتەۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جازا ئۆتەۋاتقان قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئايرىپ قاماش، باشقۇرۇش كېرەك.

      42 ــ ماددا 14 ياشتىن ئاشقان، 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرى بىردەك ئوچۇق سوتلانمايدۇ. 16 ياشتىن ئاشقان، 18 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرىمۇ ئومۇمەن ئوچۇق سوت قىلىنمايدۇ.

      قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرىنى ھۆكۈم قىلىشتىن بۇرۇن ئاخبارات، كىنو - تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىدا، ئاشكارا نەشر بۇيۇملىرىدا ئىسمىنى ئاشكارىلاشقا، تۇرالغۇ جايى، سۈرىتى ۋە مەزكۇر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىپ بىلگىلى بولىدىغان ماتېرىياللارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ.

      43 ــ ماددا ئائىلىلەر، مەكتەپلەر ۋە باشقا ئالاقىدار ئورۇنلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تۇرۇۋاتقان ئۆسمۈر جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش ئورنى قاتارلىق ئورۇنلارغا ماسلىشىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيىلەش، قۇتقۇزۇۋېلىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى لازىم.

      44 ــ ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىبلەشتىن كەچۈرۈم قىلغان، خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى جازادىن كەچۈرۈم قىلغان ياكى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى جاكارلىغان، يىغىۋېلىپ تەربىيىلەشتىن بوشىتىلغان ياكى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەكتەپ پۈتتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتە كەمسىتىشكە بولمايدۇ.

      45 ــ ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ۋارىسلىق دېلولىرىنى قاراپ چىققاندا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى لازىم.

      خەلق سوت مەھكىمىلىرى نىكاھدىن ئاجرىشىش دېلولىرىنى قاراپ چىققاندا، نىكاھدىن ئاجراشقۇچى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلەرنى بېقىش مەسىلىسىدە تالاش - تارتىش يۈز بېرىپ بىرلىككە كېلەلمىسە، پەرزەنتلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش پرىنسىپى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىشى لازىم.

6 – باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

      46 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغۇچى ياكى ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىشقا ياكى قانۇن بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

      47 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مال - مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقان ياكى ئۇلارنى باشقا زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە تۆلەپ بېرىشى ياكى باشقا ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

      48 ــ ماددا مەكتەپلەر، بالىلار باغچىلىرى، يەسلىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرىدىن قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارغا تەن جازاسى ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرگەنلەرنىڭ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

      49 ــ ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەر 16 ياشقا توشمىغان بالىلارنى قانۇنسىز ھالدا ئىشچىلىققا ئېلىپ ئىشلەتسە، ئەمگەك تارماقلىرى ئۇلارنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. 50 - مادداتىجارەت خاراكتېرىدىكى تانسىخانا قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا باب كەلمەيدىغان سورۇنلارغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى كىرگۈزگەنلەرنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

      51 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە شەھۋانە مەزمۇندىكى كىتاب، گېزىت - ژۇرنال، ئۈن - سىن بۇيۇمى قاتارلىق نەشر بۇيۇملىرىنى ساتقان، ئىجارىگە بەرگەن ياكى تارقاتقانلارغا قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

      52 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى ياكى باشقا قانۇنىي ھوقۇقلىرىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەن ئائىلە ئەزالىرىنى خورلىغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 182 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

      ئەدلىيە خىزمەتچىلىرىدىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش داۋامىدا قائىدە - نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تەن جازاسى بەرگەن ۋە ئۇلارنى خورلىغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 189 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

      قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بولسىمۇ، ئۇلارنى بېقىشنى رەت قىلغانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 183 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

      بوۋاقلارنى سۇدا تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 132 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۆرۈلۈش خەۋپى بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ تەدبىر قوللانماي، مەكتەپ بىناسىنىڭ ئۆرۈلۈشى بىلەن ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋەقەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 187 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

      53 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتكەنلەرگە قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

      قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چېكىشكە، ئوكۇل قىلىپ ئۇردۇرۇشقا ياكى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرغان، كۈشكۈرتكەن ياكى زورلىغانلارغا قانۇن بويىچە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

      54 ــ ماددا دەۋالاشقۇچىلار بۇ قانۇن بويىچە چىقىرىلغان مەمۇرىي جەھەتتىن جازالاش قارارىغا قايىل بولمىسا، بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي ئورگانلارغا ياكى ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي ئورگانلارغا قايتا قاراپ چىقىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىغانلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشى كېرەك؛ خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە ئەرز سۇنسىمۇ بولىدۇ. ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردا ئالدى بىلەن مەمۇرىي ئورگانلارغا قايتا قاراپ چىقىش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنۇش، قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇش بەلگىلەنگەن بولسا، ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.

      دەۋالاشقۇچىلار مەمۇرىي جەھەتتىن جازا بېرىش قارارى توغرىسىدا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسى سۇنمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگىمۇ ئەرز سۇنمىسا، قارارنىمۇ ئىجرا قىلمىسا، جازالاش قارارى چىقارغان ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ياكى قانۇن بويىچە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرسا بولىدۇ.

 

7 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

      55 ــ ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن ئالاقىدار نىزام تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، يولغا قويسا بولىدۇ.

      ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

      56 ــ ماددا بۇ قانۇن 1992 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

 

مەنبە: قانۇن تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر