باش بەت | قانۇن

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى

(1999- يىل 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10- يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1999 - يىل 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 17 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)

 

مۇندەرىجە

 

      1 ــ باب ئومۇمىي پرىنسىپ

      2 ــ باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسى

      3 ــ باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

      4 ــ باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئېغىر ناچار قىلمىشىنى تۈزىتىش

      5 ــ باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەتتىن ساقلىنىشى

      6 ــ باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

      7 ــ باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

      8 ــ باب قوشۇمچە پرىنسىپ

 

1 ــ باب ئومۇمىي پرىنسىپ

      1 ــ ماددا بۇ قانۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

      2 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، مەۋقەنى تەربىيە ۋە قوغداشقا قارىتىپ، كىچىكىدىن باشلاپلا تۇتۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ۋاقتىدا ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش لازىم.

      3 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىكىدە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش يولغا قويۇلىدۇ.

      ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئەدلىيە ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، مەكتەپلەر، ئائىلىلەر، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى قاتارلىق تەرەپلەر ئورتاق قاتنىشىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي جەھەتتە ساغلام يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىدۇ.

      4 ــ ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتى:

      (1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى پىلانىنى تۈزۈش؛

      (2) ھۆكۈمەتنىڭ ج خ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئاخبارات - نەشرىيات، رادىئو، كىنو - تېلېۋىزىيە، سودا - سانائەت، خەلق ئىشلىرى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلەشكە تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇش؛

      (3) بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى ۋە خىزمەت پىلانىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش؛

      (4) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش ۋە كېڭەيتىش، ئىلغار تىپلارنى تۇرغۇزۇش ۋە تەقدىرلەش.

      5 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى فىزىئولوگىيىلىك، پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە، بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدىكى تەربىيە، پسىخىكىلىق تۈزىتىش ۋە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى جەھەتتىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىش كېرەك.

2 ــ بابقۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىىسى

      6 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قارىتا غايە، ئەخلاق، قانۇنچىلىق ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، سوتسىيالىستىك تەربىيىنى كۈچەيتىش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن مەجبۇرىيەت مائارىپى يېشىغا يەتكەنلىرىگە يۇقىرىدا دېيىلگەن تەربىيىنى بېرىش بىلەن بىرگە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسى بېرىش كېرەك.

      قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىدە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنچىلىق قارىشىنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە جىنايى قىلمىشنىڭ ئۆزىگە، ئائىلىسىگە، جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ۋە جىنايى قىلمىش ئۈچۈن ئۈستىگە ئالىدىغان قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلاردا قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.

      7 ــ ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەر جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنى قانۇنچىلىق تەربىيىسىنىڭ مەزمۇنى سۈپىتىدە مەكتەپنىڭ تەلىم - تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە كۆپ يۈز بېرىدىغان جىنايەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا تەربىيە بېرىشى كېرەك.

      8 ــ ماددا ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، پىئونېرلار ئەترەتلىرى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كۆرگەزمە، دوكلات يىغىنى، نۇتۇق يىغىنى قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە قانۇنچىلىق تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

      مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان پائالىيەتلەرنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك. مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈمىنى مەكتەپ خىزمىتىنى باھالاشنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى قىلىشى كېرەك.

      9 ــ ماددا مەكتەپلەر قانۇنچىلىق تەربىيىسىگە مەخسۇس ياكى قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىشى كېرەك. مەكتەپلەر شارائىتقا قاراپ مەكتەپ سىرتىدىن قانۇنچىلىق يېتەكچىسى تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

      10 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ئۇلارغا قانۇنچىلىق تەربىيىسى بېرىشتە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسى بېرىشتە، تەربىيە پىلانىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئۇقتۇرۇشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى مەكتەپنىڭ پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ تەربىيە بېرىشى كېرەك.

      11 ــ ماددا ئۆسمۈرلەر سارىيى، ياشلار - ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەت سورۇنلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنى مۇھىم بىر خىزمەت مەزمۇنى قىلىپ، كۆپ خىل تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

      12 ــ ماددا 16 ياشقا توشقان، 18 ياشقا توشمىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىدا تۇرغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيىلەشتە كەسپىي مائارىپ تەربىيە ئاپپاراتلىرى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قانۇن بىلىملىرى تەربىيىسى ۋە جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيىسىنى كەسپىي تەربىيە مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

      13 ــ ماددا شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى قانۇنچىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا پائال قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

3 – باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

      14 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تۆۋەندىكى ناچار قىلمىشلاردا بولماسلىق ھەققىدە تەربىيە بېرىشى كېرەك:

      (1) سەۋەبسىز دەرستىن قېلىش، كېچىسى ئۆيگە قايتماسلىق؛

      (2) باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايماننى ئېلىپ يۈرۈش؛

      (3) مۇشتلىشىش، باشقىلارنى ھاقارەتلەش، تىللاش؛

      (4) باشقىلارنى پۇل - مال بېرىشكە قىستاش؛

      (5) پۇل - مالنى ئوغرىلاش، قەستەن بۇزۇۋېتىش؛

      (6) قىمارغا ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن قىمارغا قاتنىشىش؛

      (7) ئىشقىۋازلىق، شەھۋانىيلىقنى تەرغىب قىلىدىغان ئۈن - سىن ھاسىلاتى، ئوقۇشلۇقى قاتارلىقلارنى كۆرۈش، ئاڭلاش؛

      (8) قانۇن، نىزاملاردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كىرىشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن تىجارەت خاراكتېرىنى ئالغان تانسىخانا قاتارلىق سورۇنلارغا كىرىش؛

      (9) ئىجتىمائىي ئەخلاققا ئېغىر خىلاپ كېلىدىغان باشقا ناچار قىلمىشلار.

      15 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تاماكا چەكمەسلىك، ھاراقنى ئىچمەسلىك ھەققىدە تەربىيە بېرىشى كېرەك. ھەرقانداق تىجارەت سورۇنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ھاراق، تاماكا سېتىپ بەرمەسلىكى كېرەك.

      16 ــ ماددا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سەۋەبسىز دەرستىن قالسا، مەكتەپ شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيسى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىشى كېرەك.

      قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئۆز مەيلىچە سىرتقا چىقىپ كېتىپ كېچىسى ئۆيگە قايتمىغانلىرىنى ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى، شۇ ئوقۇغۇچى يېتىپ ئوقۇۋاتقان مەكتەپ ۋاقتىدا ئىزدىشى ياكى ج خ ئورگىنىدىن ياردەم سورىشى كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن كېچىسى ئۆيگە قايتمىغانلىرىنى قوندۇرۇپ قالغۇچىلار ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ياكى 24 سائەت ئىچىدە ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى، ئوقۇۋاتقان مەكتىپىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى ياكى ج خ ئورگىنىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

      17 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىشلارنى قىلىدىغان شايكا ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ياكى ئۇنىڭغا قاتناشقانلىقىنى سەزگەندە، ۋاقتىدا توسۇشى كېرەك. شۇ شايكىنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشى بارلىقىنى سەزگەندە، ج خ ئورگىنىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

      18 ــ  مادداقۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتكەن، زورلىغان، ئازدۇرغانلارنى سەزگەندە، ج خ ئورگىنىغا دوكلات قىلىشى كېرەك. ج خ ئورگىنى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغان بولسا، ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك.

      19 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى 16 ياشقا توشمىغانلارنى ھامىيسىدىن ئايرىلىپ ئايرىم تۇرۇشىغا يول قويماسلىقى كېرەك.

      20 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىكى، ئۆيدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاپ، ھامىيلىق مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كەچمەسلىكى لازىم.

      قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندە، ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋاقتىدا ئىزدىشى ياكى ج خ ئورگىنىدىن ياردەم سورىشى كېرەك.

      21 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولسا، ئاجراشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ، قايسى بىر تەرەپنىڭ ئاجراشقانلىق تۈپەيلىدىن پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقىغا يول قويۇلمايدۇ.

      22 ــ ماددا ئۆگەي ئاتا - ئانا، باققان ئاتا - ئانا ئۆزى بېقىپ تەربىيىلىگەن قۇرامىغا يەتمىگەن ئۆگەي پەرزەنتلىرى، باققان پەرزەنتلىرى ئالدىدا ئاتا - ئانىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم.

      23 ــ ماددا مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ناچار قىلمىشى بارلىرىنى تەربىيىلەش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك، كەمسىتىشكە بولمايدۇ.

      24 ــ ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەر لېكسىيە، سۆھبەت، تەربىيە قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى فىزىئولوگىيىلىك، پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ياخشى، ئۈنۈملۈك تەربىيە ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇشى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈزىتىشى كېرەك.

      25 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ناچار قىلمىش سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتكەن، زورلىغان، ئازدۇرغان ياكى پەزىلىتى ناچار، تەسىرى يامان، مەكتەپتە ئىشلەشكە باب كەلمەيدىغان ئوقۇتقۇچى - خىزمەتچىلەرنى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەر خىزمەتتىن بوشىتىشى ياكى چېكىندۈرۈشى كېرەك؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

      26 ــ ماددا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ يېنىدا تىجارەت خاراكتېرىنى ئالغان تانسىخانا، ئېلېكترونلۇق ئويۇنخانا ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كىرىشكە بولمايدىغان باشقا سورۇنلارنى ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ. يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن سورۇنلارنى ئېچىشنى مەنئى قىلىشنىڭ كونكرېت دائىرىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ.

      بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ يېنىدا ئېچىلغان يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن سورۇنلارنى چەكلىك مۇددەت ئىچىدە كۆچۈرۈۋېتىش ياكى ئىشتىن توختىتىش كېرەك.

      27 ــ ماددا ج خ ئورگانلىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىنىڭ ئامانلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى ۋاقتىدا توسۇشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئەتراپىنىڭ ئامانلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

      28 ــ ماددا ساقچىخانىلار، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى ئۆزىگە قاراشلىق رايوندىكى ۋاقىتلىق ئاھالە ئىچىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى ئىگىلىشى كېرەك. ۋاقىتلىق ئاھالە ئىچىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ناچار قىلمىش سادىر قىلسا، ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك تەربىيە بېرىشىگە، توسۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

      29 ــ ماددا ھەرقانداق ئادەمنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ناچار قىلمىشنى سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتۈشىگە، زورلىشىغا، ئازدۇرۇشىغا ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىش سادىر قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

      30 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئوبيېكىت قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قىزىقتۇرىدىغان مەزمۇن بولماسلىقى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمارۋازلىق، تېررورلۇق قاتارلىقلار تەرغىب قىلىنغان مەزمۇن بولماسلىقى كېرەك.

      31 ــ ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئۇلارنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قىزىقتۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمارۋازلىق، تېررورلۇق قاتارلىقلار تەرغىب قىلىنغان ئوقۇشلۇق، ئۈن - سىن ھاسىلاتى ياكى ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇمىنى ساتماسلىقى، ئىجارە بەرمەسلىكى كېرەك.

      ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس خەۋەرلىشىش، كومپيۇتېر تورى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەزمۇن ۋە ئۇچۇرنى يەتكۈزمەسلىكى كېرەك.

      32 ــ ماددا رادىئو، كىنو - تېلېۋىزىيە، تىياتىرلاردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمارۋازلىق، تېررورلۇق قاتارلىقلار تەرغىب قىلىنغان مەزمۇن بولماسلىقى كېرەك.

      رادىئو، كىنو - تېلېۋىزىيە مەمۇرىي تارماقلىرى، مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى، رادىئو، كىنو - تېلېۋىزىيە، تىياتىرلارنى ۋە ئويۇن قويۇش، ئاڭلىتىش سورۇنلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى شەرت.

      33 ــ ماددا تىجارەت خاراكتېرىنى ئالغان تانسىخانا ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كىرىشكە بولمايدىغان باشقا سورۇنلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق يېزىپ قويۇشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقى كېرەك.

      تىجارەتلىك ئېلېكترونلۇق ئويۇنخانىلار دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھېيت - بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن باشقا ۋاقىتتا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىقى ھەم قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق يېزىپ قويۇشى كېرەك. قۇرامىغا يەتكەن - يەتمىگەنلىكىنى پەرق ئېتىش تەس بولسا، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن سورۇنلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭدىن كىملىكىنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

 

4 – باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئېغىر ناچار قىلمىشىنى تۈزىتىش

      34 ــ ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ‹‹ئېغىر ناچار قىلمىش›› جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزسىمۇ، جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغان قانۇنغا خىلاپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ:

      (1) ئادەم توپلاپ جېدەل چىقىرىپ، ئامانلىقنى قالايمىقانلاشتۇرۇش؛

      (2) باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايماننى ئېلىپ يۈرۈش، قايتا - قايتا تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمەسلىك؛

      (3) كۆپ قېتىم يول توسۇپ ئادەم ئۇرۇش ياكى باشقىلارنى پۇل - مال بېرىشكە قىستاش؛

      (4) شەھۋانىي ئوقۇشلۇق ياكى ئۈن - سىن ھاسىلاتى قاتارلىقلارنى تارقىتىش؛

      (5) بۇزۇقچىلىق ياكى ئىشقىۋازلىق، پاھىشىۋازلىق قىلىش؛

      (6) كۆپ قېتىم ئوغرىلىق قىلىش؛

      (7) قىمارغا قاتنىشىش، قايتا - قايتا تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمەسلىك؛

      (8) زەھەر چېكىش، ئوكۇل قىلىپ سېلىش؛

      (9) جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار. 

      35 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئېغىر ناچار قىلمىشتا بولغانلىرىنى ۋاقتىدا توسۇش كېرەك.

      قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئېغىر ناچار قىلمىشى بارلىقىنى ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپ ئۆزئارا ماسلىشىپ، تەدبىر قوللىنىپ قاتتىق باشقۇرۇشى كېرەك، تۈزىتىش ۋە تەربىيىلەش ئۈچۈن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تۈزىتىش ۋە تەربىيىلەش ئۈچۈن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپكە ئاپىرىپ بېرىشتە، ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ياكى ئوقۇۋاتقان مەكتىپى ئىلتىماس قىلىدۇ، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلايدۇ.

      36 ــ ماددا ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپ ئوقۇۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە تەربىيىلىشى كېرەك. ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىدىكى تەلەپ بويىچە دەرسلەرنى ئادەتتىكى مەكتەپ بىلەن ئوخشاش تەسىس قىلغاندىن تاشقىرى، قانۇنچىلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىشكە ئائىت مەزمۇننى كىرگۈزۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە ئېغىر ناچار قىلمىشنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئېغىر ناچار قىلمىشى بارلىرىنىڭ پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، تۈزىتىش خىزمىتىنى ئىشلىشى كېرەك.

      ئائىلىلەر، مەكتەپلەر ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئاسرىشى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارغا تەن جازاسى بەرمەسلىكى، ئۇلارنى خورلىماسلىقى ۋە كەمسىتمەسلىكى كېرەك. ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان مەكتەپنى پۈتتۈرگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر يۇقىرىلاپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئادەتتىكى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك.

      37 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئېغىر ناچار قىلمىشنى سادىر قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشنى شەكىللەندۈرسە، ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق جازاسى بېرىدۇ. 14 ياشقا توشمىغان ياكى قىلمىشى ئالاھىدە يېنىك بولغانلىقتىن جازا بەرمىسىمۇ بولىدىغانلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويسا بولىدۇ.

      38 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشمىغانلىقتىن جىنايى جازا بېرىلمىگەنلىرى ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا ھۆكۈمەت ئۇلارنى قانۇن بويىچە يىغىۋېلىپ تەربىيىلىسىمۇ بولىدۇ.

      39 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر يىغىۋېلىنىپ تەربىيىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ئۇلارنىڭ داۋاملىق مەدەنىيەت بىلىملىرى، قانۇن بىلىملىرى ياكى كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛

      ئىجرا قىلغۇچى ئورگان مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ داۋاملىق مەجبۇرىيەت مائارىپى تەربىيىسى ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يىغىۋېلىپ تەربىيىلەش، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەشتىن بوشىتىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مەكتەپكە قايتا كىرىش، يۇقىرىلاپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك.

 

5 – باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەتتىن ساقلىنىشى

      40 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قانۇن، نىزاملارغا، ئىجتىمائىي ئەخلاق قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى، ئۆزىنى قەدىرلەش، تەلەپچان بولۇش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېڭىنى تۇرغۇزۇشى، ھەق - ناھەقنى ئاڭقىرىش ۋە ئۆز - ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى، تۈرلۈك ناچار قىلمىش ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشنىڭ قىزىقتۇرۇشى ۋە زىيىنىغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

      41 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى تاشلىۋەتكەن، خورلىغانلىرى ج خ ئورگىنى، خەلق ئىشلىرى تارمىقى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ياكى مەكتەپ، شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن ئۆزىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن تارماق ۋە تەشكىلاتلار قوغداش تەلىپىنى قوبۇل قىلىشى، ئەھۋالغا قاراپ قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقا توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

      42 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ھەرقانداق كىشىنىڭ ئۆزىگە ياكى قۇرامىغا يەتمىگەن باشقىلارغا قارىتا بۇ قانۇننىڭ 3 - بابىدا قىلىشقا بولمايدۇ دەپ بەلگىلەنگەن قىلمىش ياكى جىنايى قىلمىشنى قىلغانلىقىنى سەزگەندە، ئوقۇۋاتقان مەكتىپى، ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ئارقىلىق ج خ ئورگىنىغا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلسا بولىدۇ، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئورگانلارغا ئۆزى دوكلات قىلسىمۇ بولىدۇ. دوكلاتنى قوبۇل قىلغان ئورگان ۋاقتىدا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

      43 ــ ماددا ئەدلىيە ئورگىنى، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت جىنايى قىلمىشقا قارشى كۈرەش قىلغان، جىنايى قىلمىشنى پاش قىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 

6 – باب قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

      44 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىرىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشتا، تەربىيە بېرىش، تەسىرلەندۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ، تەربىيىنى ئاساس، جازانى قوشۇمچە قىلىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

      ئەدلىيە ئورگانلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرىنى بېجىرىشتە، ئۇلارنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگە، قانۇن ياردىمىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى ھەم فىزىئولوگىيىلىك، پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكى ۋە جىنايەت ئەھۋالىغا قاراپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا قانۇنچىلىق تەربىيىسى بېرىشى كېرەك.

      قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلاردىن جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىلىدىغانلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى مەكتەپتىن چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ.

      45 ــ ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ئالاھىدىلىكىنى پىششىق بىلىدىغان سوتچىلاردىن ياكى سوتچىلار ۋە خەلق زاسېداتىللىرىدىن قانۇن بويىچە ئۆسمۈرلەر سوتى تەشكىللەپ سوت قىلىشى كېرەك.

      قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 14 ياشقا توشقان، 16 ياشقا توشمىغانلىرىنىڭ جىنايەت دېلولىرى بىردەك ئوچۇق سوت قىلىنمايدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن 16 ياشقا توشقان، 18 ياشقا توشمىغانلىرىنىڭ جىنايەت دېلولىرىمۇ ئومۇمەن ئوچۇق سوت قىلىنمايدۇ.

      قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت دېلولىرىنى ئاخبارات خەۋەرلىرىدە، كىنو - تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا، ئاشكارا نەشر بۇيۇملىرىدا بېرىشتە، ئۇلارنىڭ ئىسىم - فامىلىسى، تۇرار جايى، رەسىمى ۋە ئۇلارنى بىلىۋېلىش ئېھتىمالى بولغان ماتېرىيالىنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.

      46 ــ ماددا توختىتىپ قويۇلغان، قولغا ئېلىنغان، جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن قۇرامىغا يەتكەنلەرنى ئايرىپ قاماش، ئايرىپ باشقۇرۇش، ئايرىپ تەربىيىلەش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەن ئەيىبكارلارغا جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئىجرا قىلغۇچى ئورگان ئۇلارغا بولغان قانۇنچىلىق تەربىيىسىنى كۈچەيتىشى، ئۇلارغا كەسپىي تېخنىكا تەربىيىسى بېرىشى كېرەك. ئىجرا قىلغۇچى ئورگان مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن ئەيىبكارلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

      47 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە مەكتەپلەر، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى 16 ياشقا توشمىغانلىقتىن جىنايى جازا بېرىلمىگەن، جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىنغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ياكى قامالمايدىغان جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنغان، جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنىپ، جازا كېچىكتۈرۈلگەن، شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئۈنۈملۈك ياردەم، تەربىيە تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيىلەش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

      شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققانلار ياكى باشقا خادىملاردىن ئىدىيە - ئەخلاقى ياخشى، ئىستىلى دۇرۇس، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيىلەش خىزمىتىگە ئىشتىياق باغلىغانلىرىنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيىلەش، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلسا بولىدۇ.

      48 ــ ماددا قانۇن بويىچە جىنايى جازا كەچۈرۈم قىلىنغان، قامالمايدىغان جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنغان، جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنىپ جازا كېچىكتۈرۈلگەن، شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن ياكى جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قايتا ئوقۇش، يۇقىرىلاپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى كېرەك.

 

7 – باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

      49 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىدىن ھامىيلىق بۇرچىنى ئادا قىلماي، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ناچار قىلمىش ياكى ئېغىر ناچار قىلمىشنى سادىر قىلىشقا قويۇپ بەرگەنلىرىنى ج خ ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويىدۇ، قاتتىق باشقۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ.

      50 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىدىن بۇ قانۇننىڭ 19 - ماددىسدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، 16 ياشقا توشمىغانلىرىنىڭ ھامىيلىقتىن ئايرىلىپ يالغۇز تۇرۇشىغا يول قويغانلىرىنى ج خ ئورگىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويىدۇ، دەرھال تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ.

      51 ــ ماددا ج خ ئورگىنى خادىملىرىدىن بۇ قانۇننىڭ 18 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماي ياكى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانماي، ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

      52 ــ ماددا بۇ قانۇننىڭ 30 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قىزىقتۇرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمارۋازلىق، تېررورلۇق قاتارلىقلار تەرغىب قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلغانلارنىڭ نەشر بۇيۇملىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى نەشرىياتچىلىق مەمۇرىي تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ نەشر بۇيۇملىرى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەم ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ. بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا جەرىمانە قويىدۇ.

      قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئوبيېكت قىلىنغان شەھۋانىي نەشر بۇيۇملىرىنى ئىشلىگەن، كۆپەيتكەن ياكى شەھۋانىي نەشر بۇيۇملىرىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ساتقان، ئىجارە بەرگەن، تارقاتقانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق جازاسى بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

      53 ــ ماددا بۇ قانۇننىڭ 31 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئۇلارنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قىزىقتۇرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمارۋازلىق، تېررورلۇق قاتارلىقلار تەرغىب قىلىنغان ئوقۇشلۇق، ئۈن - سىن ھاسىلاتى، ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇمىنى ساتقان، ئىجارە بەرگەنلەر ياكى خەۋەرلىشىش، كومپيۇتېر تورى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان يۇقىرىقىدەك مەزمۇن ۋە ئۇچۇرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ ئوقۇشلۇقى، ئۈن - سىن ھاسىلاتى، ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى ئۇلارغا جەرىمانە قويىدۇ.

      ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقتىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىنىڭ ئوقۇشلۇقى، ئۈن - سىن ھاسىلاتى، ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇمى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، ئۇلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ.

      54 ــ ماددا كىنو، تىياتىرخانا، سىنئالغۇخانا قاتارلىق سورۇنلاردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، ئىشقىۋازلىق، قىمارۋازلىق، تېررورلۇق قاتارلىقلار تەرغىب قىلىنغان فىلىم قويۇلسا ياكى نومۇر ئورۇندالسا، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ ھالدا قويۇلغان ئۈن - سىن ھاسىلاتى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەتنى مۇسادىرە قىلىدۇ، جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۇلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ.

      55 ــ ماددا تىجارەتلىك تانسىخانا ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر كىرىشكە بولمايدىغان باشقا سورۇنلار، تىجارەتلىك ئېلېكترونلۇق ئويۇنخانا بۇ قانۇننىڭ 33 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ ئېنىق يازمىغان ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلغان بولسا، مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، جەرىمانە قويىدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىكار قىلىدۇ.

      56 ــ ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ناچار قىلمىشنى، ئېغىر ناچار قىلمىشنى سادىر قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ، زورلاپ ۋە ئازدۇرۇپ ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىش، ئېغىر ناچار قىلمىشنى سادىر قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشنى شەكىللەندۈرگەنلەرگە ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

8 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

      57 ــ ماددا بۇ قانۇن 1999- يىل 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

 

مەنبە: قانۇن تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر