باش بەت | قانۇن

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى

(1986 - يىل 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1986 - يىل 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 38 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)

 

      1 ــ ماددا بۇ قانۇن ئاساسىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

      2 ــ ماددا دۆلەت توققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويىدۇ. ئۆلكىلەر، ئاپتونوم رايونلار، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويۇشنىڭ قەدەم - باسقۇچلىرىنى ئۆز رايونىنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ئاساسەن بەلگىلەيدۇ.

      3 ــ ماددا مەجبۇرىي مائارىپتا دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى ئەخلاقىي، ئەقلىي ھەم جىسمانىي جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئاساس سېلىش لازىم.

      4 ــ ماددا دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلىلەر ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىي تەلىم ئېلىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

      5 ــ ماددا ئالتە ياشقا كىرگەن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى جىنسى، مىللىتى ۋە ئىرقىغا قارىماي، مەكتەپكە كىرىپ بەلگىلەنگەن مۇددەت بويىچە مەجبۇرىي تەلىم ئېلىشى لازىم، شارائىت يار بەرمىگەن جايلاردا مەكتەپكە كىرىش يېشى يەتتە ياشقا سۈرۈلسە بولىدۇ.

      6 ــ ماددا مەكتەپلەر مەملىكەت بويىچە قوللىنىدىغان ئومۇمىي ئەدەبىي تىلنى ئومۇملاشتۇرۇشى ۋە ئىشلىتىشى لازىم. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئاساس قىلغان مەكتەپلەر ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا شۇ جايدىكى مىللەتلەر كەڭ قوللىنىدىغان تىلنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

      7 ــ ماددا مەجبۇرىي مائارىپ باشلانغۇچ مائارىپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مائارىپ دەپ ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. باشلانغۇچ مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ. باشلانغۇچ مائارىپنىڭ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مائارىپنىڭ ئوقۇتۇش تۈزۈمىنى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپقا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

      8 ــ ماددا مەجبۇرىي مائارىپ ئىشلىرىدا گوۋۇيۈەننىڭ رەھبەرلىكىدە، جايلارنى مەسئۇل قىلىش، دەرىجىگە بۆلۈپ باشقۇرۇش پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپقا مەسئۇل تارمىقى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ھەمدە بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن يېتىلىشىگە ئاساسلىنىپ، مەجبۇرىي مائارىپقا خاس ئوقۇتۇش تۈزۈمى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، دەرسلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، دەرسلىكلەرنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشى لازىم.

      9 ــ ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى مۇۋاپىق قۇرۇپ، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى لازىم.

      يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەما، گاس، گاچا، ئەقلى ئاجىز بالىلارغا ۋە ئۆسمۈرلەرگە ئالاھىدە مەكتەپ (سىنىپ) ئېچىپ بېرىشى كېرەك.

      دۆلەت كارخانىلارنى، كەسپىي ئورۇنلارنى ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەرنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىدا، دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي تەلەپلەر بويىچە، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تۈرلۈك مەكتەپلەرنى ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

      شەھەر ۋە يېزىلارنىڭ قۇرۇلۇش - تەرەققىيات پىلانى مۇناسىپ مائارىپ تەلىم ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى كېرەك.

      10 ــ ماددا دۆلەت مەجبۇرىي تەلىم ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش خىراجىتى ئالمايدۇ.

      دۆلەت نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئوقۇش ياردەم پۇلى ئاجرىتىدۇ.

      11 ــ ماددا ئاتا - ئانىلار ئۆزىنىڭ ئوقۇش يېشىدىكى پەرزەنتلىرىنى، ۋەسىيلەر ئۆزلىرى ۋەسىيلىك قىلغان ئوقۇش يېشىدىكى پەرزەنتلەرنى ۋاقتىدا مەكتەپكە كىرىپ، بەلگىلەنگەن مۇددەت بويىچە مەجبۇرىي تەلىم ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى لازىم.

      ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى كېسەللىك ياكى ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن مەكتەپكە كىرىشتىن كېچىكتۈرۈشكە ياكى ئوقۇشتىن قالدۇرۇشقا توغرا كەلسە، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى ۋەسىيلىرى ئىلتىماس سۇنۇپ، يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشى لازىم. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ مەجبۇرىي تەلىم ئېلىشقا تېگىشلىك ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى ئىشقا قوبۇل قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

      12 ــ ماددا مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويۇشتا زۆرۈر بولغان كەسپىي راسخوت ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش مەبلىغىنى تەييارلاشقا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەسئۇل بولىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

      دۆلەت ھەر يىلى مەجبۇرىي مائارىپقا مالىيەدىن ئاجراتقان پۇلنىڭ ئېشىپ بېرىشى ھەر يىللىق مۇقىم مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىپ بېرىشىدىن ئۈستۈن بولۇشى كېرەك ھەمدە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن توغرا كېلىدىغان مائارىپ راسخوتى بارا - بارا ئاشۇرۇلۇشى لازىم.

      يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، شەھەر، يېزىلاردىن قوشۇمچە مائارىپ راسخوتى ئالىدۇ ۋە بۇ راسخوت ئاساسەن مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

      دۆلەت ئىقتىسادىي جەھەتتە قىيىنچىلىقى بار جايلارنىڭ مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويۇشى ئۈچۈن قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىدۇ.

      دۆلەت تۈرلۈك ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ۋە شەخسلەرنى ئىختىيارىيلىق ئاساسىدا مەكتەپكە پۇل ئىئانە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

      دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويۇشىغا ئوقۇتقۇچى، مالىيە قاتارلىق جەھەتلەردىن ياردەم بېرىدۇ.

      13 ــ ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، پېداگوگىكا مائارىپىنى كۈچەيتىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش، يېتىشتۈرۈش ئىشلىرىنى تېزلىتىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭكىدىن يۇقىرى سەۋىيىگە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئالىيپېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭكىدىن يۇقىرى سەۋىيىگە ئىگە قىلىش ئىشىنى پىلانلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

      دۆلەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ لاياقىتىنى سىناش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلارغا شاھادەتنامە بېرىدۇ.

      پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى شەرت، دۆلەت ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپ ئىشلىرى بىلەن ئۇزاق مۇددەت شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.

      14 ــ ماددا پۈتۈن جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. دۆلەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆستۈرىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماددىي تەمىناتىنى ياخشىلايدۇ، مۇنەۋۋەر مائارىپچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ.

      ئوقۇتقۇچىلار سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيۈشى، ئۆزىنىڭ ئىدىيە، مەدەنىيەت، كەسپىي سەۋىيىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈشى، ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنۈشى، ئۆز بۇرچىغا سادىق بولۇشى لازىم.

      15 ــ ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىپ مەجبۇرىي تەلىم ئېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى لازىم. كېسەللىك ياكى پەۋقۇلئاددە ئەھۋالىغا ئاساسەن يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەستىقلىغانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئوقۇش يېشىدا تۇرۇپمۇ مەجبۇرىي تەلىم ئېلىش ئۈچۈن مەكتەپكە كىرمىگەن بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا - ئانىسىغا ياكى ۋەسىيلىرىگە شۇ يەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى تەنقىد ۋە تەربىيە بېرىشى ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنى ئۆز پەرزەنتلىرىنى ياكى ئۆزلىرى ۋەسىيلىك قىلغۇچىلارنى مەكتەپكە بېرىشىگە بۇيرۇشى لازىم.

      ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى ئىشقا قوبۇل قىلغان تەشكىلات ياكى شەخسلەرگە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى تەنقىد ۋە تەربىيە بېرىشى، ئۇلارنى ئىشقا قوبۇل قىلىشنى توختىتىشقا بۇيرۇشى لازىم، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا ئۇنىڭغا قوشۇپ جەرىمانە قويسا، ئۇلارنى تىجارەتتىن توختاتسا ياكى ئۇلارنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

      16 ــ ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخس مەجبۇرىي مائارىپ خىراجىتىنى ئىگىلىۋالماسلىقى، تۇتۇپ قالماسلىقى، باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋالماسلىقى، ئوقۇتۇش تەرتىپىنى بۇزماسلىقى، مەكتەپنىڭ جاي، ئۆي ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىگىلىۋالماسلىقى ۋە بۇزماسلىقى شەرت.

      ئوقۇتقۇچىلارنى ھاقارەتلەش ۋە ئۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

      دىندىن پايدىلىنىپ مەجبۇرىي مائارىپنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇلمايدۇ.

      يۇقىرىدا ئېيتىلغان 1 -، 2 - تارماقتىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئەھۋالغا قاراپ مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ، مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ، زىيان كەلتۈرگەنلەردىن زىيان تۆلىتىۋېلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.  

      17 ــ ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپقا مەسئۇل تارمىقى بۇ قانۇنغا ئاساسەن، يولغا قويۇش توغرىسىدا تەپسىلىي قائىدە تۈزۈپ چىقىدۇ ۋە گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلىدۇ.

      ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى بۇ قانۇنغا ئاساسەن، ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ بۇ قانۇننى يولغا قويۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى تۈزۈپ چىقسا بولىدۇ.

      18 ــ ماددا بۇ قانۇن 1986 ــ يىل 7 - ئاينىڭ 1 ــ كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.

 

مەنبە: قانۇن تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر