باش بەت | ئوقۇتقۇچىلارقانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى

(1993 - يىل 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1993 - يىل 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 15 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)

 

مۇندەرىجە

 

      1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

      2 – باب ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت

      3 – باب سالاھىيەت ۋە ئىشلىتىش

      4 – باب يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيىلەش

      5 – باب تەكشۈرۈش

      6 – باب تەمىنات

      7 – باب مۇكاپاتلاش

      8 – باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

      9 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

 

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

      1 ــ ماددا بۇ قانۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشى ئەخلاقىي پەزىلەت تەربىيىسىگە ۋە كەسپىي سۈپەتكە ئىگە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇش، سوتسىيالىستىك مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

      2 ــ ماددا بۇ قانۇن ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىكى مەخسۇس مائارىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا تەتبىقلىنىدۇ.

      3 ــ ماددا ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ، ئوقۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان كەسپىي خادىملار، ئۇلار ئوقۇتۇش ۋە ئادەم تەربىيىلەش، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش، مىللەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان. ئوقۇتقۇچىلار خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇشى كېرەك.

      4 ــ ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتىلغان ئىدىيىۋى - سىياسىي تەربىيىنى ۋە كەسپىي جەھەتتە تەربىيىلەشنى كۈچەيتىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆستۈرۈشى لازىم. پۈتكۈل جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلىشى لازىم.

      5 ــ ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسى ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرىدۇ.

      6 ــ ماددا ھەر يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى بولىدۇ.

 

 2 - باب ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت

      7 ــ ماددا ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ:

      (1) مائارىپ، ئوقۇتۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، مائارىپ، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ۋە تەجرىبىلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ؛

      (2) پەن - تەتقىقات، ئىلىم ئالماشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، كەسپىي ئىلمىي تەشكىلاتلارغا قاتنىشىپ، ئىلمىي پائالىيەتلەردە ئۆز پىكرىنى تولۇق بايان قىلىدۇ؛

      (3) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتى ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى باھالاپ بېكىتىدۇ؛

      (4) ۋاقتىدا ئىش ھەققىگە ئېرىشىدۇ، دۆلەت بەلگىلىگەن پاراۋانلىق تەمىناتى، قىشلىق ۋە يازلىق تەتىللەردە ئىش ھەققى بېرىلىدىغان دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛

      (5) مەكتەپنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇش، باشقۇرۇش خىزمىتى ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ خىزمىتىگە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىدۇ، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق، مەكتەپنى دېموكراتىك باشقۇرۇشقا قاتنىشىدۇ؛

      (6) بىلىم ئاشۇرۇش ياكى باشقا شەكىللەردىكى تەربىيىلەشكە قاتنىشىدۇ. 8 - ماددا ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىش لازىم:

      (1) ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ۋە كەسپىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، باشقىلارغا ئۈلگە بولىدۇ؛

      (2) دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قائىدە - تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىنى ئىجرا قىلىپ، تەكلىپ توختىمىغا ئەمەل قىلىپ، مائارىپ ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدۇ؛

      (3) ئوقۇغۇچىلارغا ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن تۈپ پرىنسىپ تەربىيىسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى، قانۇنچىلىق تەربىيىسى، ئىدىيىۋى ئەخلاق، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا تەربىيىسى ئېلىپ بارىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنى پايدىلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەيدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ؛

      (4) بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاسرايدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەدىر - قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛

      (5) ئوقۇغۇچىلارغا زىيانلىق قىلمىشلار ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلارنى توسىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيانلىق ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە چەكلەيدۇ؛

      (6) ئىدىيىۋى - سىياسىي ئېڭى، مائارىپ، ئوقۇتۇش كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ. 9 - ماددا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، ئالاقىدار تارماقلار، مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى لازىم:

      (1) دۆلەتنىڭ بىخەتەزلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مائارىپ، ئوقۇتۇش مۇئەسسەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىشى لازىم؛

      (2) كېرەكلىك كىتابلار، ماتېرىياللار ۋە مائارىپ، ئوقۇتۇشقا كېرەكلىك باشقا بۇيۇملار بىلەن تەمىنلىشى لازىم؛

      (3) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش، پەن - تەتقىقاتتىكى ئىجادىي خىزمىتىگە ئىلھام بېرىشى ۋە ياردەم بېرىشى لازىم؛

      (4) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا زىيانلىق ھەرىكەتلەرنى ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى چەكلىشىنى قوللىشى لازىم.

 

 3 – باب سالاھىيەت ۋە ئىشلىتىش

      10 ــ ماددا دۆلەت ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. جۇڭگو پۇقرالىرىدىن ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇنلارغا رىئايە قىلىدىغان، مائارىپ ئىشلىرىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ياخشى ئىدىيىۋى پەزىلەتكە ئىگە بولغان، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇتۇش تارىخىغا ئىگە بولغان ياكى دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىدىن ئېلىنغان ئىمتىھاندا نەتىجىسى لاياقەتلىك بولۇپ، ئوقۇتۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ لاياقەتلىك دەپ قارىغانلىرى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.

       11 ــ ماددا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشتە ھازىرلاشقا تېگىشلىك مۇناسىپ ئوقۇش تارىخى:

      (1) بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشكەن بولۇشى؛

      (2) باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشكەن بولۇشى؛

      (3) تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، تۆۋەن دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىيەت، كەسپىي دەرسلىرى ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالىي پېداگوگىكا مەخسۇس پەنلەر مەكتەپلىرى ياكى باشقا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس پەنلەرنى پۈتتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشكەن بولۇشى؛

      (4) ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپلەر، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە كەسپىي دەرسلىرى ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالىي پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ياكى باشقا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان بولۇشى لازىم. ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپلەر، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى ۋە كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكانت يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئوقۇش تارىخى توغرىسىدا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلىمە چىقىرىدۇ؛

      (5) ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئاسپىرانتلىق ياكى ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشكەن بولۇشى؛

      (6) چوڭلار مائارىپى ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، چوڭلار مائارىپىنىڭ قاتلىمى ۋە تۈرلىرى بويىچە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالىي ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشكەن بولۇشى لازىم. بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتى ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشەلمىگەن پۇقرالار ئوقۇتقۇچى سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى ئىلتىماس قىلسا، دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلار سالاھىيىتىدىن ئالغان ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشى لازىم. دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلار سالاھىيىتىدىن ئىمتىھان ئېلىش تۈزۈمىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

      12 ــ ماددا بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانلاردىن بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولمىغانلار توغرىسىدا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىگە دائىر ئۆتكۈنچى چارە تۈزۈپ چىقىدۇ.

      13 ــ ماددا ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بېكىتىدۇ، ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپلەر، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنى تەشكىللەپ بېكىتىدۇ. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ياكى ئۇلار ھاۋالە قىلغان مەكتەپلەر بېكىتىدۇ. بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئوقۇش تارىخىنى ھازىرلىغان ياكى دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىدىن ئېلىنغان ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغان پۇقرالار ئالاقىدار تارماقلاردىن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇنى ئالاقىدار تارماقلار بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەر بويىچە بېكىتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن خادىملار تۇنجى قېتىم ئوقۇتقۇچى بولغاندا، ئۇلارنىڭ سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلىش مۆھلىتى بولۇشى كېرەك.

      14 ــ ماددا سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان ياكى قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنلەر ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ؛ بۇلاردىن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.

      15 ــ ماددا ھەر دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە مائارىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى لازىم. دۆلەت غەيرىي پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ياكى كەسپىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

      16 ــ ماددا دۆلەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپە تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

      17 ــ ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى تەدرىجىي يولغا قويۇشى لازىم. ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىشتا، ئىككى تەرەپنىڭ ئورنى باراۋەر بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، مەكتەپ بىلەن ئوقۇتقۇچىلار تەكلىپ قىلىش توختامى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتلىرىنى ئېنىق بەلگىلىشى لازىم. ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ قەدەم - باسقۇچى، چارىسى توغرىسىدا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.

 

 4 – باب يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيىلەش

      18 ــ ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار پېداگوگىكا مائارىپىنى ياخشى يولغا قويۇشى ھەم تەدبىر قوللىنىپ مۇنەۋۋەر ياشلارنى ھەر دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرىگە كىرىپ ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەكتەپلىرى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. غەيرىي پېداگوگىكا مەكتەپلىرى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كەسپىي ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

      19 ــ ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى، مەكتەپلەرگە مەسئۇل تارماقلار ۋە مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى تۈزۈپ چىقىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھەر خىل شەكىلدە ئىدىيىۋى - سىياسىي، كەسپىي جەھەتلەردە تەربىيىلىشى لازىم.

      20 ــ ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانىلار، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمئىيەتنى تەكشۈرۈش، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتكە قاتنىشىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى ھەم ياردەم بېرىشى لازىم.

      21 ــ ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چەت - ياقا ۋە نامرات رايونلار ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىشى ۋە تەربىيىلەپ بېرىشى لازىم.

 

 5 – باب تەكشۈرۈش

      22 ــ ماددا مەكتەپلەر ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي - ئىدىيە، كەسپىي سەۋىيىسى، خىزمەت پوزىتسىيىسى ۋە نەتىجىسىنى تەكشۈرۈشى لازىم. مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك.

      23 ــ ماددا تەكشۈرۈش ئوبيېكتىپ، ئادىل ۋە توغرا بولۇشى، تەكشۈرۈلىدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ، باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاش لازىم.

      24 ــ ماددا ئوقۇتقۇچىلارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇلارنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىش، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشنىڭ ئاساسى قىلىنىدۇ.

 

6 – باب تەمىنات

      25 ــ ماددا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى سەۋىيىسى دۆلەت خادىملىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققى سەۋىيىسىدىن تۆۋەن ياكى يۇقىرى بولماسلىقى ھەم پەيدىنپەي ئۆستۈرۈلۈشى لازىم. نورمال دەرىجە ئۆستۈرۈپ ئىش ھەققى قوشۇپ بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ، ئۇنىڭ كونكرېت چارىسى توغىسىدا گوۋۇيۈەن بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.

      26 ــ ماددا ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتۇش تارىخىغا قوشۇپ بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ۋە باشقا قوشۇمچە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تۈزۈپ چىقىدۇ.

      27 ــ ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇتقۇچىلار ۋە تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چەت، يىراق، نامرات رايونلارغا بېرىپ مائارىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلارغا قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىشى لازىم.

      28 ــ ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى شەھەرلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئولتۇراق ئۆي سالغاندا، ئىجارىگە بەرگەندە، سېتىپ بەرگەندە ئوقۇتقۇچىلارغا ئالدى بىلەن ئېتىبار بېرىشى لازىم. ناھىيىلىك ۋە يېزىلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئولتۇراق ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم.

      29 ــ ماددا ئوقۇتقۇچىلار داۋالىنىشتا شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ قەرەللىك ھالدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەن سالامەتلىكى تەكشۈرۈپ تۇرۇلىدۇ ھەم شۇ جاينىڭ شارائىتىغا قاراپ ئوقۇتقۇچىلار دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. داۋالاش ئاپپاراتلىرى شۇ جايدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ داۋالىنىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم.

      30 ــ ماددا ئوقۇتقۇچىلار پېنسىيىگە چىققان ياكى خىزمەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن، دۆلەت بەلگىلىگەن پېنسىيە ياكى خىزمەتتىن چېكىنىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مائارىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن ئۇزاق مۇددەت شۇغۇللانغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پېنسىيە پۇلى نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرسە بولىدۇ.

      31 ــ ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىدىغان، كوللېكتىپ ئورۇنلار ئىش ھەققى بېرىدىغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاپ، ئىش ھەققى كىرىمىدە دۆلەت ئىش ھەققى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق ئېلىشنى پەيدىنپەي ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم. ئۇنىڭ كونكرېت چارىسى توغرىسىدا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلىمە چىقىرىدۇ.

      32 ــ ماددا ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى مەكتەپ قۇرغۇچىلار ئۆزلىرى بەلگىلەيدۇ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

 

 7 – باب مۇكاپاتلاش

      33 ــ ماددا ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ، ئوقۇتۇش، ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، پەن تەتقىقات، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى، مەكتەپ قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتسا، ئۇلار تۇرۇشلۇق مەكتەپلەر ئۇلارنى تەقدىرلەيدۇ، مۇكاپاتلايدۇ. گوۋۇيۈەن، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقان ئوقۇتقۇچىلارنى تەقدىرلىشى، مۇكاپاتلىشى لازىم. چوڭ تۆھپە ياراتقان ئوقۇتقۇچىلارغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە شەرەپلىك نام بېرىلىدۇ.

      34 ــ ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەرنىڭ قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلايدىغان فوند تەشكىلاتلىرىغا مەبلەغ ئىئانە قىلىشىنى، ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلىشىنى قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىدۇ.

 

8 – باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

      35 ــ ماددا ئوقۇتقۇچىلارنى ھاقارەتلىگەن، ئۇرغانلارغا ئوخشاش بولمىغان ئەھۋال پەرقلەندۈرۈلۈپ مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ ياكى مەمۇرىي جازا بېرىلىدۇ؛ زىيان سالغانلار زىياننى تۆلەپ بېرىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

      36 ــ ماددا قانۇن بويىچە شىكايەت قىلغان، مەلۇم قىلغان ۋە پاش قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغانلارنى شۇ كىشى تۇرۇشلۇق ئورۇن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمشى ئېغىر بولغانلارغا كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ، مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ. دۆلەت خادىملىرى ئوقۇتقۇچىلارغا زەربە بېرىپ ۋە ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 146 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

      37 ــ ماددا ئوقۇتقۇچىلاردا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۇلار تۇرۇشلۇق مەكتەپلەر، باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى ياكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ ياكى ئۇلارنى تەكلىپ قىلىشنى بىكار قىلىدۇ:

      (1) مائارىپ، ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى قەستەن ئورۇندىماي، مائارىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛

      (2) ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىپ، تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر؛

      (3) ئەخلاق - پەزىلىتى ناچار بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلىگەن، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلار. ئوقۇتقۇچىلاردا يۇقىرىدىكى (2)، (3) ــ تارماقچىلاردا كۆرسىتىلگەن قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

      38 ــ ماددا يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بەرمىسە ياكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزسە، چەكلىك مۇددەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ. دۆلەتنىڭ مالىيە تۈزۈمى، بوغالتىرلىق تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ مالىيەدىن مائارىپقا ئاجراتقان خىراجىتىنى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىپ، مائارىپ، ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ئېغىر ھالدا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بەرمەي، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان چەكلىك مۇددەتتە باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋالغان مائارىپ خىراجىتىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەم بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بولغان خادىملارغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولۇپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

      39 ــ ماددا ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز يەتكۈزگەنلىكىگە ياكى مەكتەپ ياكى باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قايىل بولمىسا، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. ئوقۇتقۇچى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلىرى بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىمىزغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزدى دەپ قارىسا، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا ئەرز قىلسا بولىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.

 

 9 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

      40 ــ ماددا بۇ قانۇندا قوللانغان تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:

      (1) ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەر مەكتەپكە: كىرىشتىن ئىلگىرىكى مائارىپ، ئادەتتىكى باشلانغۇچ مائارىپ، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مائارىپ، كەسپىي مائارىپ، ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ ۋە پەۋقۇلئاددە مائارىپ، چوڭلار مائارىپى مەكتەپلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

      (2) باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرى: ياش - ئۆسمۈرلەر سارىيى ۋە يەرلىك كافېدرا، ئېلېكترلەشكەن مائارىپ ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

      (3) ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى: بالىلار باغچىسى، پەۋقۇلئاددە مائارىپ ئاپپاراتلىرى، ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، چوڭلار باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مائارىپ ئاپپاراتلىرى، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

      41 ــ ماددا مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىدىكى مائارىپ، ئوقۇتۇش ياردەمچى خادىملىرى، باشقا خىلدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ ئوقۇتۇش ياردەمچى خادىملىرى جەھەتتە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، بۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەردىن پايدىلانسا بولىدۇ. ئارمىيىگە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە مائارىپ ئوقۇتۇش ياردەمچى خادىملىرى توغرىسىدا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بۇ قانۇنغا ئاساسەن ئالاقىدار بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىدۇ.

      42 ــ ماددا چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

      43 ــ ماددا بۇ قانۇن 1994 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

 

مەنبە: قانۇن تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر