باش بەت | قانۇن

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش قانۇنى

(1994 - يىل 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1994 - يىل 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 33 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)

 

 مۇندەرىجە

 

      1 ــ باب ئومۇمىي پرىنسىپ

      2 ــ باب نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى ساقلىقنى ساقلاش

      3 ــ باب ھامىلىدارلىق ۋە تۇغۇت مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاش

      4 ــ باب تېخنىكىلىق باھالاش

      5 ــ باب مەمۇرىي باشقۇرۇش

      6 ــ باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

      7 ــ باب قوشۇمچە پرىنسىپ

 

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

      1 ــ ماددا بۇ قانۇن ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، نوپۇسنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

      2 ــ ماددا دۆلەت ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇلارغا زۆرۈر شەرت - شارائىت يارىتىپ بېرىپ ۋە ماددىي جەھەتتە ياردەم بېرىپ، ئانا - بالىلارنى داۋالىنىش، ساقلىقىنى ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

      دۆلەت چەت - ياقا، نامرات رايونلارنىڭ ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرىغا يار - يۆلەك بولىدۇ.

      3 ــ ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

      ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈلۈشى كېرەك.

      4 ــ ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، دەرىجىگە، تۈرگە بۆلۈپ يېتەكچىلىك قىلىش پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش خىزمىتىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى باشقۇرىدۇ.

      گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە، سەھىيە مەمۇرىيىتى تارمىقىنىڭ ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىدۇ.

      5 ــ ماددا دۆلەت ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ساھەسىنىڭ تەلىم - تەربىيە ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا، ئىلغار ۋە ئەمەلىي قوللىنىشقا بولىدىغان ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشىگە، ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشقا دائىر ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

      6 ــ ماددا ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش خىزمىتىدە تۆھپىسى گەۋدىلىك بولغان ۋە ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشقا دائىر ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش كېرەك.

 

2 ــ باب نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى ساقلىقنى ساقلاش

      7 ــ ماددا داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى پۇقرالارنى نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك.

      نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

      (1) نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى ساقلىقنى ساقلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش: جىنسىي جەھەتتىكى ساقلىقنى ساقلاش بىلىمى، پەرزەنت كۆرۈش بىلىمى ۋە ئىرسىيەت كېسەللىكى بىلىمى تەربىيىسى؛

      (2) نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە مەسلىھەت بېرىش: توي قىلىپ بىرگە بولۇش، پەرزەنت كۆرۈش ساقلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا تېببىي جەھەتتىكى پىكىر بىلەن تەمىن ئېتىش؛

      (3) نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى تېببىي تەكشۈرۈش: نىكاھلانماقچى بولغان ئەر - ئايال ئىككى تەرەپتە نىكاھلىنىش ۋە پەرزەنت كۆرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بار - يوقلۇقىنى تېببىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش.

      8 ــ ماددا نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى تېببىي تەكشۈرۈش تۆۋەندىكى كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

      (1) ئېغىر دەرىجىدىكى ئىرسىيەت كېسەللىكى؛

      (2) بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەللىك؛

      (3) ئالاقىدار روھىي كېسەللىك.

      نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى تېببىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلەرگە داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى تېببىي تەكشۈرۈش ئىسپاتى بېرىشى كېرەك.

      9 ــ ماددا نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى تېببىي تەكشۈرۈشتە، بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەللىككە گىرىپتار بولغۇچى يۇقۇملىنىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ياكى ئالاقىدار روھىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغۇچى كېسىلى قوزغىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولسا، دوختۇر تېببىي جەھەتتىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك؛ نىكاھلانماقچى بولغان ئەر - ئايال ئىككى تەرەپ نىكاھلىنىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈشى كېرەك.

      10 ــ ماددا نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى تېببىي تەكشۈرۈشتە، تېببىي جەھەتتە پەرزەنت كۆرۈشكە بولمايدىغان، ئېغىر دەرىجىدىكى ئىرسىيەت كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان دەپ دىئاگنوز قويۇلغان بولسا، دوختۇر ئەر - ئايال ئىككى تەرەپكە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، تېببىي جەھەتتىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك؛ ئەر - ئايال ئىككى تەرەپ ئۇزاق ئۈنۈملۈك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش تەدبىرى قوللىنىپ ياكى بوغۇش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇپ، پەرزەنت كۆرمەسلىككە قوشۇلسا، نىكاھلىنىشقا بولىدۇ. بىراق، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نىكاھ قانۇنى» دا نىكاھلىنىشى مەنئى قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا.

      11 ــ ماددا نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى تېببىي تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلاردىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىتا باشقىچە پىكرى بولغانلار تېببىي تېخنىكىلىق باھالاشنى ئىلتىماس قىلىپ، تېببىي باھالاش ئىسپاتى ئالسا بولىدۇ.

      12 ــ ماددا ئەر - ئايال ئىككى تەرەپ نىكاھلىنىشنى تىزىمغا ئالدۇرۇشتا، قولىدا نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى تېببىي تەكشۈرۈش ئىسپاتى ياكى تېببىي باھالاش ئىسپاتى بولۇشى كېرەك.

      13 ــ ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى تېببىي تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

      ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى تېببىي تەكشۈرۈشكە قارىتا مۇۋاپىق ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى بەلگىلىشى، چەت، نامرات رايون ياكى ھەق تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بارلاردىن كېمەيتىپ ھەق ئېلىنىشى ياكى ھەق ئېلىنماسلىقى كېرەك.

 

3 – باب ھامىلىدارلىق ۋە تۇغۇت مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاش

      14 ــ ماددا داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللارنى ۋە ھامىلىدار تۇغۇت مەزگىلىدىكى ئاياللارنى ھامىلىدار مەزگىلىدىكى، تۇغۇت مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك.

      ھامىلىدار ۋە تۇغۇت مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

      (1) ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش: ھامىلىدار ئايال ساغلام بولۇش ھەمدە ئېغىر دەرىجىدىكى ئېرسىيەت كېسەللىكى ۋە يود كەملىك كېسىلى قاتارلىق يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى، ئۇنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى توغرىسىدا تېببىي جەھەتتىن پىكىر بېرىش؛

      (2) ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش: ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارغا گىگېنا، ئوزۇقلىنىش، پسىخىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش، شۇنداقلا ئۇلارنى تۇغۇتتىن ئىلگىرى قەرەللىك تەكشۈرۈش قاتارلىق داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىش؛

      (3) ھامىلىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش: ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشىنى كۆزىتىش، بۇ ھەقتە مەسلىھەت بېرىش ۋە تېببىي جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىش؛

      (4) يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشى، ئۇلارنى ئېمىتىش ۋە پەرۋىش قىلىش، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە مۇلازىمەت قىلىش.

      15 ــ ماددا ئېغىر كېسەللىككە گىرىپتار بولۇش ياكى غەيرىي ماددىلارغا يېقىنلىشىش تۈپەيلىدىن ھامىلىدار ئايالنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ياكى ھامىلىدار ئايالنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ - يېتىلىشىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى تېببىي جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

      16 ــ ماددا ۋىراچ ئېغىر دەرىجىدە ئىرسىيەت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ياكى شۇنداق بولۇشىدىن گۇمانلانغان تۇغۇت يېشىدىكى ئەر - خوتۇنلارغا تېببىي جەھەتتىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. تۇغۇت يېشىدىكى ئەر - خوتۇنلار دوختۇرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشى لازىم.

      17 ــ ماددا تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈشتە، ۋراچ ھامىلىدە باشقىچە ئەھۋالنىڭ بارلىقىنى بايقىسا ياكى شۇنداق بولۇشىدىن گۇمانلانسا، ھامىلىدار ئايالغا تۇغۇتتىن ئىلگىرى دىئاگنوز قويۇشى كېرەك.

      18 ــ ماددا تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى دىئاگنوزدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا، ۋراچ ئەر - خوتۇن ئىككى تەرەپكە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشى ھەمدە ھامىلىدارلىقنى توختىتىش ھەققىدە تېببىي جەھەتتىكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك:

      (1) ھامىلىدە ئېغىر دەرىجىدە ئىرسىيەت كېسەللىكى بولسا؛

      (2) ھامىلە ئېغىر دەرىجىدە كەمتۈك بولسا؛

      (3) ئېغىر كېسەل بولغانلىقتىن، ھامىلىدارلىقتىن توختىمىغاندا ھامىلىدار ئايالنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىش ياكى ھامىلىدار ئايالنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ يېتىش ئېھتىمالى بولسا.

      19 ــ ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھامىلىدارلىقنى توختىتىشتا ياكى بۇغۇش ئوپېراتسىيىسى قىلىشتا، شۇ كىشىنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش ھەمدە ئىمزاسىنى قويدۇرۇش كېرەك. شۇ كىشىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى بولمىسا، ۋەسىيسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش ھەمدە ئىمزاسىنى قويدۇرۇش كېرەك.

      بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن ھامىلىدارلىقنى توختىتىشتا ياكى بوغۇش ئوپېراتسىيىسى قىلىشتا، ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

      20 ــ ماددا بالىسى ئېغىر دەرىجىدە كەمتۈك تۇغۇلغان ئاياللار قايتا ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى، ئەر - خوتۇن ئىككى تەرەپ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتىغا بېرىپ، تېببىي جەھەتتىن تەكشۈرتۈشى كېرەك.

      21 ــ ماددا ۋراچ ۋە تۇغۇتقا ياردەملەشكۈچى خادىملار ئالاقىدار مەشغۇلات قائىدىلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، تۇغۇت قوبۇل قىلىش تېخنىكىسى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۇغۇتتا زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى ئازايتىشى كېرەك.

      22 ــ ماددا دوختۇرخانىدا بوشانمايدىغان ھامىلىدار ئاياللارنى تەربىيىلىنىپ لاياقەتلىك بولغان تۇغۇت قوبۇل قىلغۇچى خادىملار دېزىنفېكسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇشى كېرەك.

      23 ــ ماددا داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئائىلىدە تۇغۇت قوبۇل قىلغۇچى خادىملار گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىيىتى تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، بىر تۇتاش تۈزۈپ تارقىتىلغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغانلىق تېببىي ئىسپاتى چىقىرىشى؛ تۇغۇتلۇق ئايال ۋە بوۋاق ئۆلۈپ كەتكەن شۇنىڭدەك يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق كەمتۈك تۇغۇلغان بولسا، سەھىيە مەمۇرىيىتى تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

      24 ــ ماددا داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ بالىنى ئىلمىي بېقىشى، مۇۋاپىق ئوزۇقلاندۇرۇشى ۋە ئېمىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

      داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشى ۋە مۇداپىئە ئوكۇلى سېلىشى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كېسەللىكلىرىنى تەكشۈرۈشى، كۆپ قوزغىلىدىغان ۋە دائىم كۆرۈلىدىغان بوۋاقلار كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىنى تەدرىجىي قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

 

4 – باب تېخنىكىلىق باھالاش

      25 ــ ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تېببىي تېخنىكىلىق باھالاش تەشكىلاتى تەسىس قىلىپ، نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى تېببىي تەكشۈرۈش، ئىرسىيەت كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويۇش ۋە تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى دىئاگنوز نەتىجىسىگە باشقىچە پىكىردە بولۇش ئىشلىرىنى تېببىي تېخنىكىلىق باھالاشقا مەسئۇل بولىدۇ.

      26 ــ ماددا تېببىي تېخنىكىلىق باھالاش خادىملىرى كلىنىكىلىق تەكشۈرۈش تەجرىبىسى ۋە تېببىي ئىرسىيەتشۇناسلىق بىلىمىگە ئىگە بولۇشى ھەمدە مەسئۇل ۋراچلىقتىن يۇقىرى كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسى بولۇشى لازىم.

      تېببىي تېخنىكىلىق باھالاش تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىنى سەھىيە مەمۇرىيىتى تارمىقى كۆرسىتىدۇ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىدۇ.

      27 ــ ماددا تېببىي تېخنىكىلىق باھالاشتا چەتلەپ تۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. تەكشۈرگۈچى كىشىلەر بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولۇپ، ئادىل باھالاشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغانلار چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك.

 

5 – باب مەمۇرىي باشقۇرۇش

      28 ــ ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇھىت ئامىلى تۈپەيلىدىن ئانا - بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ يەتكۈزىدىغان يەرلىك خاراكتېرلىك كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

      29 ــ ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىيىتى تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.

      30 ــ ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىيىتى تارماقلىرى بەلگىلىگەن داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش، كلىنىكىلىق تەكشۈرۈش ۋە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.

      31 ــ ماددا داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتى قائىدىسىنى ئورنىتىپ، تېببىي تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قۇللىنىپ خەلق ئاممىسىغا قولايلىق يارىتىپ، ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

      32 ــ ماددا داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن، نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى تېببىي تەكشۈرۈش، ئىرسىيەت كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويۇش، تۇغۇتتىن ئىلگىرى دىئاگنوز قويۇش ھەمدە بۇغۇش ئوپېراتسىيىسى ۋە ھامىلىدارلىقنى توختىتىش ئوپېراتسىيىسى قىلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىيىتى تارمىقى بەلگىلىگەن شەرت ۋە تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە ئىش قىلىشى ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىيىتى تارمىقىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى لازىم.

      تېخنىكا ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ ھامىلىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسى ئۈستىدە باھالاش ئېلىپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ، بىراق تېببىي ئىشلاردا ھەقىقەتەن زۆرۈر بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

      33 ــ ماددا بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىرسىيەت كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويۇش، تۇغۇتتىن ئىلگىرى دىئاگنوز قويۇش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىيىتى تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ھەمدە مۇناسىپ لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ئالغان بولۇشى كېرەك.

      بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى تېببىي تەكشۈرۈش، بوغۇش ئوپېراتسىيىسى ۋە ھامىلىدارلىقنى توختىتىش ئوپېراتسىيىسىنى قىلىش ھەمدە ئائىلىدە تۇغۇت قوبۇل قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىيىتى تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ھەمدە مۇناسىپ لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ئالغان بولۇشى كېرەك.

      34 ــ ماددا ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كەسپىي ئەخلاققا قاتتىق رىئايە قىلىپ، تەكشۈرتكۈچى كىشىلەرنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

 

 6 – باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

      35 ــ ماددا دۆلەت تارقاتقان ئالاقىدار لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىنى ئالماي تۇرۇپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىيىتى تارمىقى چەكلەيدۇ ھەمدە ئەھۋالغا قاراپ ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرسە ياكى جەرىمانە قويسا بولىدۇ:

      (1) نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرىكى تېببىي تەكشۈرۈش، ئېرسىيەت كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويۇش، تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى دىئاگنوز قويۇش ياكى تېببىي تېخنىكىلىق باھالاش بىلەن شۇغۇللىنىش؛

      (2) ھامىلىدارلىقنى توختىتىش ئوپېراتسىيىسى قىلىش؛

      (3) بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار تېببىي ئىسپاتلارنى يېزىپ بېرىش.

      يۇقىرىقى تارماقنىڭ (3) تۈرىدە دېيىلگەن ئالاقىدار تېببىي ئىسپاتلار كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

      36 ــ ماددا دۆلەت تارقاتقان ئالاقىدار لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىنى ئالماي تۇرۇپ، ھامىلىدارلىقنى توختىتىش ئوپېراتسىيىسى قىلىپ ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ھامىلىدارلىقنى توختىتىپ، ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە، مېيىپ بولۇشىغا، ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقىتىشى ياكى ئاساسەن يوقىتىشىغا سەۋەبچى بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 134 - ماددىسى، 135- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

      37 ــ ماددا ئانا - بالىلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالاقىدار يالغان تېببىي ئىسپات يېزىپ بەرگەن ياكى ھامىلىنىڭ جىنسىي ئايرىمىسىنى باھالاپ بەرگەن بولسا، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتى ياكى سەھىيە مەمۇرىيىتى تارمىقى ئەھۋالغا قاراپ مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش سالاھىيىتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ.

 

7 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

      38 ــ ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى:

      بەلگىلەنگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن ئەيدىز كېسەللىكى، سۆزنەك، سىبلىس، ماخاۋ ھەمدە تېببىي جەھەتتە نىكاھلىنىش ۋە پەرزەنت كۆرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ قارالغان باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.

      ئېغىر دەرىجىدىكى ئىرسىيەت كېسەللىكى ئېرسىيەت ئامىلى تۈپەيلىدىن تەبىئىي شەكىللەنگەن، گىرىپتار بولغۇچى مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقاتقان، كېيىنكى ئەۋلادلارغا خەۋپ - خەتىرى كۆپ بولغان، تېببىي جەھەتتە پەرزەنت كۆرۈشكە بولمايدۇ، دەپ قارالغان ئىرسىيەت كېسەللىكلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

      ئالاقىدار روھىي كېسەللىكلەر ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىكى، قۇتراش - خامۇشلىشىش تىپلىق روھىي كېسەللىك ھەمدە باشقا ئېغىر تىپلىق روھىي كېسەللىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. تۇغۇتتىن ئىلگىرى دىياگنوز قويۇش ھامىلىنىڭ تەبىئىي كەمتۈكلۈكى ۋە ئىرسىيەت كېسەللىكىگە دىياگنوز قويۇشنى كۆرسىتىدۇ.

      39 ــ ماددا بۇ قانۇن 1995 - يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

 

مەنبە: قانۇن تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر