باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

تېمىلىق ئەترەت پائالىيەتلىرىنى ئوقۇتۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدا

 پاتىگۇل مەمەت

(كۇچا ناھىيىسى چىمەن بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

 

      مەكتەپنىڭ دائىملىق ئوقۇتۇش، تەلىم – تەربىيە خىزمەتلىرىدە دەرسلىك ئوقۇتۇشى بىلەن ئەترەتنىڭ تېمىلىق پائالىيەتلىرىنى بىر – بىرى بىلەن ئانچە مۇناسىۋەتلىك ئەمەستەك ھېس قىلىمىز. كۆز قارىشىمىزنى يېڭى دەرسلىك ئىدىيەسىگە توغرىلاپ قايتىدىن نەزەر سالىدىغان بولساق پەنلەر ئوقۇتۇشى بىلەن ئەترەتنىڭ تېمىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ‹‹ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش››تىن ئىبارەت ئورتاقلىقى بارلىقىنى بايقايمىز. ئەترەت پائالىيەتلىرى دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى يىپ ئۇچى ۋە مەنبە قىلسا ھەم دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى ۋە كېڭەيتىلىشى بولسا، ئەترەتنىڭ تېمىلىق پائالىيەتلىرى مەزمۇن جەھەتتە دەرسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن ماس قەدەمدە ماڭسا بۇ ئىككىسى بىر – بىرىنى تولۇقلاپ ۋە بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن بىر پۈتۈن گەۋدە ھاسىل قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ ھەم دەرسلىك ئۆلچىمىدىكى نىشانغا ھەم ئەترەت پائالىيىتىنىڭ نىشانىغا يېتىپ قوش ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

     ئەترەت پائالىيىتى بىر قەدەر مۇستەقىللىققا ۋە ئاشكارىلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇ دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ داۋامى ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلەش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشىمۇ ئەمەس. تەربىيەچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كوللېكتىپ پائالىيەتكە قاتنىشىپ سىياسىي، ئەخلاقى، پەن – تېخنىكا ۋە تۇرمۇشقا ئالاقىدار بىلىملەرنى ئىگىلەپ، ئۆزىنى ئۆزى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، ئۆز – ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان پائالىيەتتۇر.

      يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاساس مائارىپ دەرسلىك ئىسلاھاتى ئەترەت خىزمىتىنى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. بىز دەرس ئۆلچىمىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەندە دەرسلىك ئوقۇتۇشى بىلەن ئەترەت پائالىيەتلىرىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، بۇنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئالاھىدىلىكى ۋە مەزمۇن، تەلەپلىرىنى ئەترەتنىڭ تېمىلىق پائالىيەتلىرىنى كۈندىلىك ئوقۇتۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ ھەرقايسى پەنلەر ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەخلاقىي تەربىيە ئامىللىرىنى كېڭەيتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئورگانىك بىر پۈتۈن سىستېما شەكىللەندۈرگەندە تەربىيەنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

تۆۋەندە مەن ئوقۇتقۇچىلار ۋە تەربىيەچىلەر ھەمكارلىشىپ لايىھەلىسە، قانات يايدۇرسا بولىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدىكى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

      1. تېمىلىق پائالىيەتلەر بىلەن ماتېماتىكا دەرسىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش

     (1) سۇنى تېجەشكە دائىر ئۆلچەش ۋە ئىستاتىستىكا قىلىش ئەمەلىيەت پائالىيىتى

     (2) سۇلياۋنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىغا دائىر ئۆلچەش ۋە ئىستاتىستىكا قىلىش ئەمەلىيەت پائالىيىتى

     (3) يېقىلغۇلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىغا دائىر ئۆلچەش ۋە ئىستاتىستىكا قىلىش ئەمەلىيەت پائالىيىتى

      2. تېمىلىق پائالىيەتلەر بىلەن تىل – ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش

      تىل – ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمىدە ئېنىق قىلىپ: ‹‹تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بىرىش، تۈرلۈك ئىجادىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرخىل ۋاقىت ۋە ئورۇنلاردا تىل – ئەدەبىيات ئۆگىنىشى، تىل – ئەدەبىيات ئىشلىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك››دەپ كۆرسىتىلگەن.

      1) يازغۇچىلار، ناتىقلارنى زىيارەت قىلىش ئەمەلىيەت پائالىيىتى

      2) ‹‹ئىلىم – پەن تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى›› دېگەن تېمىدا ماقالە ئوقۇش پائالىيىتى

      3) ماقالە، ھۆسنخەت يېزىش، ئەقلىيە سۆز توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بىرىش

      3. تېمىلىق پائالىيەت بىلەن ئىدىيە – ئەخلاق دەرسىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش. بالىلارنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتى ۋە گۈزەل تۇرمۇش بىلىملىرىنىڭ مەنبەسى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا بولغان تونۇشىدىن كېلىدۇ. شۇڭا، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى بالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىنلاشتۇرۇش، جىپىسلاشتۇرۇش كېرەك. ئۇلارنى ئۆز نەزىرى بىلەن جەمئىيەتنى كۆزىتىشكە، ئۆز تۇيغۇسى بىلەن جەمئىيەتتىن تەسىرلىنىشكە، ئۆز ئۇسۇلى بىلەن جەمئىيەتنى تەتقىق قىلىشىغا يول قويۇش كېرەك.

      1) ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى زىيارەت قىلىش ئەمەلىيەت پائالىيىتى

      2) قەھرىمان، نەمۇنىچىلارنى زىيارەت قىلىش ئەمەلىيەت پائاليىتى

      3) ‹‹مەھەللىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر›› تېمىسىدىكى مەخسۇس تەكشۈرۈش پائالىيىتى

      4) سەمىمىيلىكنىڭ قىممىتى توغرىسىدىكى مۇنازىرە پائالىيىتى

      4. تېمىلىق پائالىيەت بىلەن ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى دەرسىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش.

     1) ‹‹كومپيۇتېر بىزگە نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيدۇ›› دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش

     2) ‹‹ئەمگەك ۋە تۇرمۇشىمىز›› دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش

     3) ‹‹يۇرتىمىزدىكى قىممەتلىك دەرەخلەر›› دېگەن تېمىدا ئەۋرىشكە يىغىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش

     4) ‹‹ئانا دەريانى قوغدايلى›› دېگەن تېمىدا مۇھىت ئاسراش ئەمەلىيىتى پائالىيىتىگە تەشكىللەش، تۇرۇشلۇق جايدىكى دەريا ياكى ئۆستەڭنى تازىلاش ۋە قوغداش تەدبىرلىرىنى تۈزۈش، يولغا قويۇش

     5) ‹‹ئاپەت ۋە مەن›› دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىگە تەشكىللەش

     6) ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە، يەر تەۋرىگەندە، سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇشتا، توك سوقۇۋەتكەنلەرنى قۇتقۇزۇشتا، قاتناش ھادىسىسىگە يولۇققاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ دېگەن تېمىلاردا ئايرىم – ئايرىم ئەمەلىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىپ ئوقۇغۇچىلارغا ھاياتنىڭ قەدىرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى قۇتقۇزۇش ماھارەتلىرىنى ئىگىلىتىش

      ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ يېتەكچى ۋە ياردەمچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك چارە – تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى ۋە ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى مۇۋەپپەقىيەت خۇشاللىقىغا ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.

      ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا، يېڭى دەرسلىك ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەرقايسى پەنلەر ئوقۇتۇشى بىلەن ئەترەت پائالىيەتلىرىنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرگەندە ئەترەت پائالىيەتلىرىنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ موللىشىدۇ، كېڭىيىدۇ. ئوقۇغۇچىلارمۇ پائالىيەت داۋامىدا بىۋاسىتە كەچۈرمىش ۋە تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ. ھەرقايسى پەنلەر بىلەن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق ئۇچرىشىپ بىلىمىنى تولۇقلايدۇ، مۇستەھكەملەيدۇ ۋە ئۆزلەشتۈرىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر