باش بەت | مەكتەپلەر

ئاتەش دىيارىدىكى مەرىپەت بۆشۈكى

    پىچان ناھىيەسى لەمجىن بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ 1904 – يىلى قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپ 105 يىللىق شانلىق تارىخقا ئىگە، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى تولۇق، باغچىلاشقان مەكتەپ. ھازىر بۇ مەكتەپتە 798 ئوقۇغۇچى، 73 ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچى بار.

    بۇ مەكتەپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ‹‹قوش تىل››لىق ئوقۇتۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇشتا مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇڭا، بۇ مەكتەپ ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا تەرىپىدىن كۆپ قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ››، ‹‹مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن››، ‹‹ئەخلاق تەربىيەسىدە ئۆلچەمگە يەتكەن مەكتەپ››، ‹‹بەشتە ياخشى ياچېيكىسى››، ‹‹قانۇن – تۈزۈم تەشۋىقاتىدىكى ئىلغار ئورۇن›› بولۇپ باھالاندى.

مەكتەپ مۇدىرى، مەكتەپ ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يۈسۈپ مامۇت

مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ جىنليەن

چوڭ ئەترەت تەربىيەچىسى مېھرىگۈل ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە

كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش

قول ھۈنەرچىلىك كۇرۇژۇكىدىكى ئوقۇغۇچىلار مەشغۇلات قىلماقتا

دەرستىن سىرتقى پائالىيەت

     

 ئايشەمگۈل جاپپار (مۇخبىرىمىز) خەۋىرى، فوتوسى

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر