باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

ئەنئەنىۋى بايرام توغرىسىدا

 قۇربانجان توختى ئازىق

 

      ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان بىزگە ئۇدۇم بولۇپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى بايراملىرىمىز بالىلارغا نىسبەتەن كۆمۈلۈپ قالغان تەربىيە مەنبەسىدۇر. بالىلارنى ئەنئەنىۋى بايراملارغا كۆپلەپ قاتناشتۇرۇشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار.

      بىرنەچچە قېتىم مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ قالدىم. مەزمۇنغا تازا ماسلاشمىغان نومۇرلارنى كۆرۈپ بىرئاز تەشۋىشلەندىم. مەكتەپلەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تۈرلۈك ئەنئەنىۋى بايراملىق پائالىيەتلىرىمىز تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيەت تۈسىنى ئېلىپ قىلىۋاتاتتى. بەزىلىرى شەكىل ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەندەك قىلاتتى. ئەنئەنىۋى بايراملىرىمىز تۆت – بەش ناخشا ۋە بىرنەچچە مەيدان ئۇسسۇل بىلەنلا ئۆتكۈزۈلسە بالىلىرىمىز مىللەتنىڭ ئۈزۈلمەس تارىخى، مەدەنىيىتى، ئېسىل ئەنئەنە ۋە ئالىيجاناب روھىنى قانداقمۇ قوبۇل قىلالىسۇن؟ ئەنئەنىۋى بايراملىرىمىز ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇشىغا ھەقىقىي يېقىنلاشتۇرۇلسا، بايرامنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، تارىخى، ئۆرپ – ئادەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جانلىق، قىزىقارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۇلارغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈلسە نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى – ھە!

 

(ئاپتور ئاتۇش شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدە)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر