باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

ئەجىرىدىن گۈل ئېچىلدۇرغان ياش

 ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ئەنۋەرجان مەمەت توغرىسىدا

ئەسقەر ئەھمىدى

 

      ئەنۋەرجان مەمەت 1988 – يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا فاكۇلتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، شۇ يىلى 9 – ئايدا قەشقەر شەھەرلىك 22 – ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىندى. بۇ مەكتەپ قەشقەر شەھىرىدىن 5 – 6 كلومېتىر يىراقلىقتىكى سەمەن يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى تازا يۇقىرى ئەمەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېڭىدا ‹‹بىز دېھقان بالىلىرى، ھەرقانچە ياخشى ئوقۇساقمۇ بەرىبىر دېھقان بولىمىز›› دەيدىغان خاتا چۈشەنچە بار ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇلار ئۆگىنىشكە ئانچە بېرىلىپ كەتمەيتتى. ئەنۋەرجان مەمەت ئوقۇغۇچىلاردىكى بۇ خاتا چۈشەنچىنى تۈگىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىنىپ مۇدىرى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا قايتا – قايتا تەربىيە ئىشلەپ ۋە ئەمەلىي مىساللارنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىدىكى بۇ خاتا چۈشەنچىنى تۈگىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ئۇ دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ،  ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، دەرس ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. نەتىجىدە 1996 – يىلى ئۇ دەرس بەرگەن سىنىپنىڭ ماتېماتىكا خۇلاسە ئىمتىھانىدىكى نەتىجىسى كونىشەھەر بويىچە بىرىنچى بولدى.

      ‹‹ تىرىشقان ئاشار›› دېگەندەك ئەنۋەر مەمەت ئەجرىگە لايىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. مەكتەپ تەشكىلى ئۇنى 1990 – يىلى مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇ بۇ خىزمەتنىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ، مەكتەپ تەشكىلىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئىشەنچىسى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپ تەشكىلى 1997 – يىلى ئەنۋەرجان مەمەتنى مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن ئىلمىي مۇدىرى قىلىپ ئۆستۈردى. ئۇ بۇ خىزمەتنىمۇ ئوخشاشلا ياخشى ئىشلىدى. نەتىجىدە، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ۋە بارلىق خىزمەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك يۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلدى. تەشكىل ئۇنىڭ خىزمەتتىكى يۈكسەك مەسئۇليەتچانلىقىنى ۋە تىرىشچانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، 2000 – يىلى مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن  مۇدىرى قىلىپ ئۆستۈردى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنى ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ ھازىرغىچە ئاپتونوم رايون بويىچەب ئۈچ قېتىم ‹‹مۇنەۋۋەر يېتەكچى››، شەھەر بويىچە توققۇز قېتىم ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى›› بولۇپ باھالاندى. 2001 – يىلى ئۇنىڭ ‹‹پارتىيەم›› تېمىسىدىكى نەسىرى قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ‹‹شىنجاڭ مائارىپى›› ژۇرنىلى، ‹‹ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى›› قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا ئائىت يەتتە پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

 

مەنبە: مائارىپ گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر