باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ مۇھەررىر، ئىختىيارى مۇخبىرلار قۇشۇنىنى قانداق تەشكىللەش كېرەك

      ئەترەت گېزىتىنىڭ ياخشى چىقىرىشى ئۈچۈن ئاۋۋال ئەترەت گېزىتى تەھرىر بۆلۈمى بولۇشى كېرەك. ئىدىيەسى جانلىق، مەسئۇلىيەتچانلىقى كۈچلۈك ھەم مۇئەييەن قابىلىيەتكە ئىگە كىچىك مۇھەررىرلەر گۇرۇپپىسىنى قۇرۇش ئەترەت گېزىتىنى ياخشى چىقىرىشنىڭ كاپالىتى. بۇ مۇھەررىرلەر قۇشۇنى چوڭ ئەترەت ۋە 3 – يىللىق سىنىپتىن يۇقىرى بولغان ئوتتۇرا ئەترەت پىيونېرلىرى ياكى ھەيئەت ئەزالىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ھەربىر سىنىپتىكى ئەدەبىيات، تەبىئىي پەن ھەمدە رەسسىم، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەۋەسكارلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ تەشكىللىشى كېرەك. مۇھەررىرلەر قۇشۇنىنى تەشكىللىگەندىن كېيىن، ئەترەت گېزىتىنىڭ بەت تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن، خىزمەت تەقسىم قىلىۋىلىپ، كىچىك مۇھەررىرلەرنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ھەربىر گۇرۇپپىغا بىردىن گۇرۇپپا باشلىقى، بىر مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقىنى سايلاپ چىقىشى كېرەك. گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەندىن كېيىن، ھەربىر سەھىپىنىڭ تەھرىرلىك ۋەزىپىسىنى كىشى بېشىغا قەدەر ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەربىر گۇرۇپپىغا كۆپلىگەن رەسسام كۈچلىرىنى سەپلەپ، بەت لايىھەلەش، زىننەتلەش ۋە قىستۇرما رەسىملەرگە مەسئۇل قىلغاندا ئەترەت گېزىتىنى جانلىق ھەم كۆركەم چىقارغىلى بولىدۇ.

      بىر ئەترەتنىڭ تام گېزىتىنى ياخشى چىقىرىش ئۈچۈن يالغۇز مۇھەررىرلەر قۇشۇنى بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ. كۈچلۈك ئىختىيارى مۇخبىرلار قۇشۇنىمۇ بولۇشى زۆرۈر. شۇڭا، مۇھەررىرلەر ماقالە يېزىشقا قىزىقىدىغان ھەۋاسكارلارنى تاللاپ تەربىيەلىشى ۋە ئۇلارغا ھەر ئايلىق يازىدىغان ماقالىلەرنى بەلگىلەپ بېرىشى كېرەك.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر