قاغىلىق ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ باش ئەترەت تەربىيەچىسى رىزۋانگۈل زۇنۇن خىزمەتكە قاتناشقان 20 يىلدىن بۇيان ياشلىق باھارىنى ئوقۇتۇش، تەلىم – تەربىيە، ئەترەت ئىشلىرىغا بېغىشلاپ كۆپ قېتىم مەكتەپ، ناھىيە بويىچە ‹‹ئۈلگىلىك تەربىيەچى››، ‹‹ئون مۇنەۋۋەر تەربىيەچى››نىڭ بىرى، ‹‹مۇنەۋۋەر سىنىپ مەسئۇلى›› بولۇپ باھالانغاندىن سىرت 2009 – يىلى 10 – ئايدا ۋىلايەت بويىچە ‹‹مۇنەۋۋەر تەربىيەچى›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.
سۈرەتتە: رىزۋانگۈل مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.
سىدىق تۇردى فوتوسى