باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

يىل ئاۋۋالقى قەدىمىي تۇرپاننىڭ قەغەز قىيمىچىلىقى

 

 

ئادىل ئابلىز

 

      قەغەز قىيىش ئېلىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە خەلق سەنئەتلىرىنىڭ بىرى. نۇرغۇن كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى، ئېلىمىزدىكى ئەڭ بۇرۇنقى قەغەز قىيما بۇيۇمى شىنجاڭ تۇرپاندىكى قەدىمىي قەبرىدىن تېپىلدى.

      ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ تارىخ كۆرگەزمە زالىغا بىر زىچ گۈل قىيمىسى قويۇلغان بولۇپ، بۇ قىيما بۇنىڭدىن 1500 نەچچە يىل ئىلگىرى تۇرپاندىكى بىر چېۋەر ئايالنىڭ قولىدىن چىققان.

      بۇ قەغەز قىيما 1959 – يىلى تۇرپان ئاستانىدىكى 303 – نومۇرلۇق قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان: ئۇ مۇكەممەل ساقلىنىپلا قالماي، يەنە گۈلى تەكشى، سىزىقلىرى ئېنىق بولۇپ، ھازىرقى زامان قەغەز قىيمىلىرىدىن قىلچە قېلىشمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇرپان ئاستانىدىن يەنە بىر قانچە قەغەز قىيما تېپىلدى.

ئارخېئولوگلار ئاستانىدىكى بىر قەبرىدىن يەنە ئادەم شەكلى چۈشۈرۈلگەن ئىككى قەغەز قىيمىنى بايقىدى. ئۇنىڭ بىرىدە، قاتار ئۆرە تۇرغان يەتتە كىشىنىڭ شەكلى قىيىلغان بولۇپ، ھەمدەپنە قىلىنغان لاي ھەيكەلگە ئوخشايدۇ، يەنە بىرىدە، خەت يېزىلغان قەغەزگە ئۆرە تۇرغان تۆت كىشىنىڭ شەكلى سىممىتىرىك قىيىلغان بولۇپ، شەكلى ئاددىي بولسىمۇ، كۆرۈنۈشى ئېنىق، تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك.

      بۇ قەغەز قىيمىلارنى قىيىش ماھارىتىمۇ قالتىس بولۇپ، بۆگۈنكى كۈندىكى زىچ گۈل قىيىش تېخنىكىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. يۇقىرىقى قىيمىلارنىڭ ھەممىسىدە جۈپ – جۈپى بىلەن ئىپادىلەش شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ شۇ چاغدىلا سىممىتىرىك ۋە تەكشى ئىپادىلەش ماھارىتىنى ئىگىلىگەنلىكىنى، شۇ زاماندىكى قەغەز قىيىش تېخنىكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى تولۇق دەلىللەيدۇ.

      قەغەزنى ساقلاش قىيىن بولغاچقا، بىزگىچە يېتىپ كەلگەن قەغەز قىيما بۇيۇملىرى كۆپ ئەمەس. ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ تارىخ كۆرگەزمە زالىغا قويۇلغان جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەرگە مەنسۇپ بولغان قەغەز قىيما بۇيۇمى جۇڭگو، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمكى قەغەز قىيما بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ.

ئارخېئولوگلار دۆلەت ئىچىدە شۇنچە قەبرە قېزىپمۇ جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەرگە مەنسۇپ قەغەز قىيما بۇيۇمى بايقىمىغان. تۇرپان ئاستانىدىن قېزىلغان قەغەز قىيما شۇ دەۋردە تۇرپان ئاستانىدە خەلق قەغەز قىيمىچىلىقى سەنئىتىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى دەلىللەيدۇ.

      ئالىملار ئەڭ بۇرۇنقى قەغەز قىيما بۇيۇمى شىنجاڭ تۇرپاندىكى قەدىمىي قەبرىدىن چىققان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەنبەسى يەنىلا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە، دەپ قارىدى.

بەزىلەر قىياس قىلىپ، دەسلەپكى مەزگىللەردىكى قەغەز قىيما تەرىقەتچىلەرنىڭ روھ – ئەرۋاھلارغا ئاتاپ نەزىر – چىراق قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كېيىنچە تەرەققىي قىلىپ مۇھىتنى بېزەش، بەخت تىلەش مەنىلىرى يۈكلەنگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.

      تۇرپاندىكى قەدىمىي قەبرىدىن تېپىلغان قەغەز قىيما شىنجاڭدا جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە قەغەز قىيما سەنئىتىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى تولۇق دەلىللەيدۇ. ھازىر، شىنجاڭدا قەغەز قىيىش ئاساسلىقى تۇرپان، سانجى، گۇچۇڭ، جىمىسار، قاراماي، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشنى كۈچەيتىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ قەغەز قىيىمىچىلىق سەنئىتى يېڭى تەرەققىيات دەۋرىنى كۈتۈۋېلىپ، ۋەتەننىڭ سەنئەت بېغىدا ئۆزىنىڭ خۇش ھىدىنى چاچقۇسى.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر