باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

خىلۋەت يېزىدىكى مەرىپەت مەشئىلى

— پوسكام ناھىيەسى تۇغچى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تۇرانىسا ۋاسىل توغرىسىدا

مۇساجان ياسىن، تۇرسۇن راخمان

 

      ياشلىق باھارىنى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشكە بېغىشلاپ، سەبىيلەرنىڭ قەلبىنى ئىلىم – مەرىپەت مەشئىلى بىلەن يورۇتقان، ئاساسىي قاتلام مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ جان – دىل بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان، خىزمەتداشلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە، ئاممىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار توغرىسىدا گەپ بولۇنسا پوسكام ناھىيەسى تۇغچى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تۇرانىسا ۋاسىلنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز.

      80 – يىللاردا يېزىلاردا ئوقۇتقۇچى بولغانلارنىڭ خىزمىتى تولىمۇ جاپالىق ئىدى. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتىنى تۇتۇش بىلەن بىللە مەكتەپكە تۇراقلىشىش نىسبىتىنى تۇتۇشىمۇ كېرەك ئىدى. 1978 – يىلى پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن تۇرانىسا ۋاسىل تۇغچى يېزىسى يېڭىباغ باشلانغۇچ مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنىپ 1 – يىللىقنىڭ سىنىپ مەسئۇللىقىغا بەلگىلەندى. بىر يىل جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق بۇ سىنىپنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈش نىسبىتى 92% كە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇراقلىشىش نىسبىتى %98 كە يەتتى. ئۇنىڭدىكى ئوقۇغۇچىلارغا بولغان جان كۆيەرلىك، خىزمەتكە بولغان ئاكتىپلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن يېزا رەھبەرلىرى ئۇنى تۇغچى يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكەيدۇ ۋە ھەرقايسى تەرەپلەردە چېچىلاڭغۇ، 4 – يىللىققا چىققان تۇرۇقلۇقمۇ ساۋادى تولۇق چىقىپ بولالمىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپرەك بولغان سىنىپقا سىنىپ مەسئۇلى قىلىپ بېكىتىدۇ. تۇرانىسا ئوقۇغۇچىلار بىلەن سىردىشىش، ئائىلە سۆھبىتىگە بېرىپ ئاتا – ئانىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىق چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلگىرىلىشىنى قولغا كەلتۈردى. ساۋادى تولۇق چىقىپ بولمىغان ئوقۇغۇچىلارغا دەپتەر، قەلەم ئېلىپ بېرىپ، ئايرىم تاپشۇرۇق بەردى، ئائىلىسىگىچە بېرىپ ئايرىم يېتەكلىدى.

      تۇرانىسا ۋاسىل ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارنى ئۆزۈمنىڭ ئىشى دەپ قاراپ ياردىمىنى ئايىمىدى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بارغانچە كۈچىيىپ باردى. مەيلى ئانا مېھرىگە قانمىغان ئوقۇغۇچىغا ئانىلىق مېھرىنى يەتكۈزگەندە بولسۇن، مەيلى ئۆگزىدىن چۈشۈپ كېتىپ پۇتى سۇنۇپ كەتكەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ دەرس تەكرارلاپ بەرگەندە بولسۇن، مەيلى ئوقۇش قورالى سېتىۋېلىشتا قىينالغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش قورالى ئېلىپ بەرگەندە بولسۇن ئۇ بۇ مەسىلىلەرنى ئۆزۈمنىڭ ئىشى، بۇ ئوقۇغۇچىلار ئۆزۈمنىڭ بالىسى دەپ قاراپ كەلگەچكە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جانلىق ئۈلگىسى بولۇپ قالدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، تىرىشىپ ئىلىم – پەن ئۆگىنىدىغان، بىر – بىرىگە كۆيۈنىدىغان، كوللېكتىپنىڭ مال – مۈلكىنى ئاسرايدىغان، ئۆزئارا ياردىمىنى ئايىمايدىغان، ھەر مىللەت بالىلىرى ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتىدىغان قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن دائىم ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇردى، ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىنى جانلاندۇردى.

      ئوقۇتقۇچىنىڭ ساپاسى ئوقۇغۇچىنىڭ ساپاسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۇرانىسا ئۆزىنى كۆپ تەرەپتىن مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ياش ئوقۇتقۇچىلارنى يېتەكلەشكىمۇ ئالاھىدە ئېتىبار بەردى. دائىم يېزا بويىچە ئۈلگىلىك دەرس ئۆتۈپ ياش ئوقۇتقۇچىلارنى دەرس ئۆتۈش مېتودى، دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى جەھەتتە يېتەكلىدى. ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ساپا، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى، مەسئۇلىيەتچانلىق قاتارلىقلاردا ياش ئوقۇتقۇچىلارغا ئۈلگە بولدى.

      قىلغانلىرىنى ئۆزۈم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار دەپ قارايدىغان تۇرانىسا ۋاسىل ئۆزىمۇ بىلىپ – بىلمەيلا نۇرغۇن شەرەپ گۈللىرىگە پۈركەندى. مەملىكەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا تەرىپىدىن ‹‹كۆيۈمچان ئوقۇتقۇچى››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى››، ‹‹‹8 – مارت› قىزىلبايراقدارى››، ‹‹ئۈلگىلىك ئوقۇتقۇچى››، ‹‹مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى››، ‹‹مۇنەۋۋەر تەربىيەچى›› دېگەندەك ناملار ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا بېرىلگەن ئالىي مۇكاپات ئىدى. تۇرانىسا ۋاسىلنىڭ ئىش ئىزلىرى 2005 – يىلى نەشر قىلىنغان جۇڭگودىكى ئىلغار ئوقۇتقۇچىلار قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى.

تىرىشچانغا چىققىلى بولمايدىغان تاغ، ئاشقىلى بولمايدىغان داۋان بولمىسا كېرەك. تۇرانىسا ۋاسىل خىزمەتتە ئۇچرىغان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى تىرىشچانلىقى، كەسىپچانلىقى بىلەن يەڭگەن بولسا، تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلارنى چىداملىقلىقى، كۆيۈمچانلىقى بىلەن يېڭىپ كەلدى. ئۇنىڭ يولدىشى دېھقان ئىدى، يولدىشى كېسەل سەۋەبىدىن ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغاندىن كېيىن ئۆينىڭ بارلىق دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئەسلىلا ئالدىراش يۈرىدىغان تۇرانىسانى تېخىمۇ ئالدىراش قىلىۋەتتى. مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىنكى يولدىشىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، بالىلىرىغا تاماق ئېتىش، كىر– قات يۇيۇش، دېھقانچىلىق قاتارلىق ئىشلار ئۇنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋەتتى. ئۇ كۈندۈزى مەكتەپنىڭ خىزمىتى بىلەن ئالدىراش ئۆتسە كېچىلىرى ئەمدىلا ئون ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىش، زاىرائەتلەرنى سۇغىرىش بىلەن نۇرغۇن تۈنلەرنى تاڭغا ئۇلىدى. ئېغىر روھىي ۋە جىسمانىي چارچاش ئۇنى ئاخىرى يىقىتتى، ئۇ سۈت بېزى ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانىدى. ئوچۇق ھاۋادا چاقماق چېقىلغاندەك بۇ خەۋەر تۇرانىسا مۇئەللىمنى بوشاشتۇرالمىدى، ئۇ يەنىلا ئۆزى قىلىپ ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىشلارنى بوشاشتۇرۇپ قويمىدى، ئۆتۈۋاتقان دەرسلىرى توختاپ قالمىدى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى توختاپ قالمىدى، يولدىشىنى داۋالىتىشى توختاپ قالمىدى.

      بۇ قەيسەر ئايالنىڭ ئىش – ئىزلىرى بىلەن تېخىمۇ ئەتراپلىق تونۇشۇش مەقسىتىدە بىز بىر قىسىم كىشىلەرنى زىيارەت قىلدۇق. يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، سابىق مەكتەپ مۇدىرى مەينىگاھ ھاپىز مۇنداق دېدى:

      — باشقىلارنىڭ تۇرانىسا توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىسام بەكلا ھاياجانلىنىپ كېتىمەن. مەن ئۇنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىسى ئىدىم، ئۇنىڭدىن بەكمۇ پەخىرلىنىمەن. كېيىن ئۇنىڭ كەسىپدىشى ھەم رەھبىرى بولدۇم. ئۇ يېزا مائارىپى ئۈچۈن ياشلىق باھارىنى بېغىشلاپ ئەل – يۈرتنىڭ ھۆرمىتىگە، پارتىيە – ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن شان – شەرەپلىرىگە ئېرىشتى. ئۇ كېسەل بولۇپ داۋالىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنىڭغا سىنىپ مەسئۇلىلىق خىزمىتىنى باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئائىلىسىدە بىر مەزگىل ئارام ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرغاندا ئۇ بۇنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن رەت قىلىپ خىزمەتنىڭ ئالدىنقى سېپىدە داۋاملىق ئىشلەپ كەلدى. ئۇنىڭ بۇ روھى بارلىق ياش ئوقۇتقۇچىلار ئۆگىنىشكە تېگىشلىك روھ.

      — مەن تۇرانىسا مۇئەللىمنىڭ قولىدا بەش يىل ئوقۇدۇم، ئۇ بىر تەلەپچان ھەم كۆيۈمچان ئوقۇتقۇچى، بىزگە مېھرىبان ئانىمىزدەكلا كۆيۈنەتتى، سىرداش دوستىمىز ئىدى. كېيىنچە مەن ئۇنىڭ بىلەن قوشنا ئولتۇردۇم. يولدىشى ئاتاۋۇللا ئاكا ئورۇن تۇتۇپ قالغىلى ئون يىلدىن ئاشتى، ئۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ۋە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقىش بىلەن بىرگە بالىلىرىنىمۇ ياخشى تەربىيەلىدى، ئۇنى ئېتىزدا تەجرىبىلىك دېھقان، ئائىلىدە تۆھپىكار ئانا دېيىشكە بولىدۇ، — دېدى تۇرانىسا مۇئەللىمنىڭ قوشنىسى تۇرانىساخان ئوسمان چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن.

      — ئېسىمنى بىلسەملا ئانام ئارام ئېلىش ۋاقىتلىرىدا دادامنى داۋالىتىش ئۈچۈن دوختۇرخانىلارغا قاتراپ يۈرەتتى، لېكىن ھەممىمىز ئۇخلىغاندىن كېيىن دەرس تەييارلاش، تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش ئىشلىرى بىلەن قاچانلاردا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيلا قالاتتۇق، — دەپ ئەھۋال تونۇشتۇدى تۇرانىسا مۇئەللىمنىڭ قىزى نۇرىمانگۈلنى ئانىسى توغرىلىق سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغىنىمىزدا، — خىزمەت جىددىيلىكى ۋە ئائىلىنىڭ تۈگىمەس ئىشلىرى ئاخىرى ئانامنى كېسەل قىلىپ قويدى. ئانام سۈت بېزى ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغاندا بىزنى خاتىرجەم ئوقۇسۇن دەپ بۇ ئىشنى بىزدىن يوشۇرۇپتۇ، كېسەل يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەندىلا ئۇنىڭ كېسىلىدىن خەۋەر تاپتۇق. ئۇنىڭغا داۋالىنىشنى ئېيتقان بولساقمۇ ئۇ تەتىلدە داۋالىنىدىغانلىقىنى، ھازىر داۋالانسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىزنى قايىل قىلدى. ئانام ئۈرۈمچىدە ئوپېراتسىيە قىلىنىپ كېسەل كارۋىتىدا ياتقاندىمۇ يەنىلا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ گېپىنى قىلىپ ياتتى. ئۇ داۋالىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خىزمەتنى يەنىلا ئىلگىرىكىدەك جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىدى، ئاڭلىساق مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى تەڭشەپ بېرىشنى ئېيتقان بولسىمۇ ئانام بۇنىڭغا قوشۇلماپتۇ. ئانام بىزنىڭ ئۈلگىمىز، بىز مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر ئانىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمىز.

      شۇنداق، مېھرى – مۇھەببەت ھەققىدىكى ئېسىل پەزىلەتلەر كىشىنى بەكمۇ سۆيۈندۈرىدۇ، پەزىلەت ئىگىلىرىگە بولغان ھۆرمىتىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇس، بىز زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ تۆھپىكار باغۋەننىڭ ئىنساننىڭ قەلبىنى لال قىلىدىغان ئېسىل پەزىلىتى، ۋاپادارلىقى، كەسىپچانلىقى ھەققىدىكى ئىش – ئىزلىرىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنىلا ئوقۇرمەنلەرگە گۈلدەستە قىلىپ سۇنالىدۇق. ئۇنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى تەسۋىرلەشكە قەلەم ئاجىزلىق قىلغىنى بىلەن ئۇ قولغا كەلتۈرگەن شان – شەرەپلەر، ئامما ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن پەزىلەتلىرى قەلىمىمىزدىكى ئاجىزلىقنى يېڭىپ، تىللاردا داستان بولۇپ، ياش ئەۋلادلارغا كۆيۈمچانلىق، كەسىپچانلىق، ۋاپادارلىقنىڭ نېمىلىكىنى ئۆگىتىدۇ، ھەقىقىي ئۈلگە بولالايدۇ دېگەن قاراشتىمىز.

 

(ئاپتورلار: قاغىلىق ناھىيەسى چوپان يېزىسى، پوسكام ناھىيەسى ئاختام يېزىسىدىن)

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر