باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

ئەترەت گېزىتىنىڭ قانداق سەھىپىلىرى بولۇشى كېرەك

      ئادەتتە ئەترەت گېزىتىنىڭ سۈپىتى كۆپ ساندىكى پىيونېرلارنىڭ قارشى ئېلىش – ئالماسلىقى ۋە گېزىتنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش – قىلدۇرالماسلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. شۇڭا، بىر ياخشى تام گېزىتىنى لايىھىلەشتە مۇھىمى بەت شەكلى ۋە سەھىپىسىنى ياخشى لايىھىلەش كېرەك. تۆۋەندە ئاساسلىق سەھىپىنى لايىھىلەشنى تۇنۇشتۇرىمىز.

      ئەترەت گېزىتىنىڭ ئەترەت پائالىيىتى بەت شەكلى، ساۋات بەت شەكلى بولسىلا بولىدۇ. ئەترەت پائالىيىتى شەكلى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ھاياتى، ئۇ پۈتۈن مەكتەپتىكى پىيونېرلار ئەترىتى پائالىيىتى، ياخشى ئادەم، ياخشى ئىشلار، تەنقىد ۋە ئۆز  – ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا ئەكىس ئەتتۈرۈش ۋە پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. شۇڭا، ئەترەت پائالىيىتى سەھىپىسىدە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى چوڭ ئىشلار، ۋەتەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پىيونېرلار ئەترىتى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر، تەنقىد ۋە تەقدىرلەش قاتارلىق سەھىپىلەر بولۇشى كېرەك. كىچىك ساۋات سەھىپىسىدە، بۈگۈنكى ئىلم – پەن تۇرمۇشى، ئالىملار ھەققىدە ھېكايە، بىلىم كۆزنىكى، كىچىك دوكتۇرنىڭ خەت ساندۇقى، زېھىن سىناش قاتارلىق سەھىپىلەر بولۇشى كېرەك.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر