باش بەت | سەيلىگاھلار

بايىنبۇلاق يايلىقى جۇڭگودىكى ئالتە چوڭ گۈزەل سۇلۇق يەر قاتارىغا كىردى

 

 

      يېقىندا، جۇڭگودىكى گۈزەل جايلارنى تاللاش نەتىجىسى ‹‹جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيىسى›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. شىنجاڭ بايىنبۇلاق نەملىكى 2 – ئورۇننى ئىگىلەپ، جۇڭگودىكى ئالتە چوڭ گۈزەل سۇلۇق يەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

      بايىنبۇلاق – موڭغۇل تىلىدا ‹‹بايلىق بۇلىقى›› دېگەن مەنىدە بولۇپ، خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. بۇ يەر دەريا، كۆل، بۇلاق بىرلەشكەن نەملىك بولۇپ، قۇشلارنىڭ جەننەت ماكانى. بۇ يەر يەنە دۇنيادىكى ئاققۇ كۆپ قونىدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ. بايىنبۇلاق تەۋەسىدىكى ئاققۇلار دۇنيادىكى ئاققۇلارنىڭ تەخمىنەن بەشتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا بۇ يەرنىڭ ‹‹ئاققۇ ماكانى›› دېگەن چىرايلىق نامى بار. بايىنبۇلاق يايلىقى دېڭىز يۈزىدىن 2300 مېتىردىن 3100 مېتىرغىچە ئېگىز، ئومۇمىي كۆلىمى 100 مىڭ گېكتاردىن كۆپرەك بولۇپ، تۆت پەسىلنىڭ ئېنىق ئايرىمىسى يوق.

ئەبەيدۇللا مۇھەممەدنىياز

 

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر