باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

رەڭچىلىك

  

 بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار

 

      رەڭچىلىك بىزدە مىلادىدىن خېلى بۇرۇنلا بارلىققا كەلگەن. قۇمۇلدىكى قارا دۆۋە خارابىسىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 1200 – يىللارغا تەئەللۇق رەڭلىك يۇڭ توقۇلمىلاردىن سەككىز رەڭ يىپتا توقۇلغان يۇڭ چەكمەن، توققۇز ساراي خارابىسىدىن قىزىل، كۆك، سېرىق، ئاق رەڭلەر تەڭشىلىپ چۈشۈرۈلگەن چۈجە سۈرىتى، شاپتۇل چېچىكى كەشتىلەنگەن يۇڭ پالاسلار، نىيە خارابىسىدىن بۇنىڭدىن 3800 يىل ئىلگىرىكى رەڭدار پالاس، ئۈزۈم سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن چەكمەن، كەشتىلىك ئەينەك قېپى (كەشتىنىڭ تېگى يېشىل، قىرغىقىغا جىگەررەڭ شايىدىن جىيەك تۇتۇلغان، سېرىق، كۆك، سۆسۈن، قارا، قوڭۇر رەڭلەردە يۇمىلاق گۈل شەكلى چۈشۈرۈلگەن) پەرداز قۇتىسى ۋە خىلمۇ خىل رەڭدار يىپلار تېپىلغان. دېمەك بۇلار رەڭچىلىكىمىز تارىخىنىڭ شاھىتى.

      خەلقىمىز شاپتۇل چېچىكى، يۇلغۇن چېچىكى، ئانارگۈلى، ئانار پوستى، ئوردان، جىگدە پوستى، تۇخۇمەك، ئۈجمە، ئۆرۈك قوۋزىقى، سېرىق سەبدە، كېۋەز غوزىسى، زاك، زەمچە، كاتاپ، ئىتئۈزۈمى، تاجىگۈل، ئازغان قاتارلىق گۈل – گىياھ ۋە چېچەكلەر، سومۇق (كالىي ئاليۇمىن سۇلفات)، كۆكتاش (مىس سۇلفات)، گىل، قىزىل تاش رەڭ (قىزىل تۆمۈر رۇدىسى)، دەرەخ پورلىرى، ئۆسۈملۈك يىلتىزى، رەڭلىك توپا، سېغىز قاتارلىق تەبىئىي خام ئەشيالارنى مەنبە قىلىپ، گۇڭگۈرت پوقى، شاپتۇل چېچىكى، گۆش رەڭ، زانكا، زەيتۇنە، ئانارگۈلى، توق قىزىل، ئاچ سېرىق، توق سېرىق، نەشە رەڭ، كاۋا چېچىكى، ھاۋا رەڭ، سۇس ھاۋارەڭ، قىزغۇچ قارا، قارا كۆك قاتارلىق نەچچە ئون خىل رەڭ ۋە خىلمۇ خىل پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلىگەن.

      رەڭ ئىشلەش ئۇسۇلى: ئوخشاش تىپتىكى گۈل – چېچەكلەر، دەرەخ قوۋزىقى، مېۋە پوستى قاتارلىقلارنىڭ قايناتما بىرىكمىسىدىن خىلمۇ خىل رەڭ ئالغان. مەسىلەن: تۇخۇمەك گۈلى(ئابدىمىلىك)، قارىقات، ئالقات، ئاق يانتاق ئۇرۇقى بىرىكمىسىدىن قارا كۆك رەڭ؛ ئاق تېرەك پورى، قارىغاي يىلىمى، ھەشقىپىچەك گۈلى، نۆشۈدۈردىن ئاق رەڭ؛ ئازغان ئۇرۇقىدىن قىزىل رەڭ؛ پىياز پوستىدىن يېشىل – كۆك رەڭ؛ تۇز تېشى ۋە باشقا ھەر خىل رۇدىلاردىن كۆك، يېشىل، زەڭگەر رەڭ؛ زىرىق ئۇرۇقىدىن قىزىل رەڭ؛ قارا ئۈجمە، قۇرۇم قاتارلىقلاردىن قارا رەڭ؛ يۇلغۇن چېچىكى، ئانار پوستلىرىدىن ئۆز رەڭگىدە رەڭ؛ ئوردان بىلەن ياڭاق پوستى بىرىكمىسىدىن جىگەر رەڭ؛ ئىتئۈزۈمى بىلەن تاجىگۈل چېچىكى بىرىكمىسىدىن ئاچ قىزىل رەڭلەرنى ياسىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، قارا قۇرۇم، ئالتۇنتاغ باغرىدا ئۆسىدىغان ھەر خىل گۈل – گىياھلاردىن خىلمۇ خىل رەڭلەر ئېلىنغان.

      خەلقىمىز ھەر خىل پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلەشكىمۇ ماھىر بولۇپ، ئۇلار لەۋ سۇرۇخ، مەڭز سۇرۇخ، پىتقاق سۇرۇخ، قاشلىق، چاچ مېيى قاتارلىقلارنى خېلى بۇرۇنلا كەشىپ قىلغان. مەسىلەن: زاراڭزا چېچىكىنى مەلھەم قىلىپ نۆكچە ھالىتىدە لەۋ سۇرۇخ، مەڭز سۇرۇخ (ئەڭلىك) قىلسا، گۈلسۇرۇخ بەرگىنى سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تەبىئىي ئۇپا ياسىغان. خېنىگە مەلۇم نىسبەتتە زەمچە ئارىلاشتۇرۇپ، قول – پۇت خېنىسى، ئوسما مەلھىمىدىن قاش قارىسى، شاپتۇل مېغىزى، توخۇم سېرىقى، سىيادان مېيى ئارىلاشمىسىدىن چاچ مېيى ياسىغان. ئەجدادلىرىمىز قايسى گۈل – چېچەكتىن رەڭ ئالسا، ئۇنى شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر