باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

تەربىيەچىلەر ئۆز خىزمەت پىلانىنى قانداق تۈزۈشى كېرەك

      ئالدى بىلەن، تەربىيەچىلەر پارتىيەنىڭ فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىتتىپاق كومىتېتلىرى ۋە پىيونېرلار خىزمىتىگە قويغان تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، پىيونېرلار تەشكىلىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى توغرا تەھلىل قىلىپ، زىچ بىرلەشتۈرۈپ پىلان تۈزۈشى كېرەك.

      1) نىشان ئېنىق بولۇشى كېرەك. كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، بۇ پىرىنسىپتىن ھەرگىز چەتنىمىگەن بولۇشى كېرەك. كونكېرىت پائالىيەت پىلانى ئاساسىي پىرىنسىپىنى دەۋىر قىلغان ھالدا تۈزۈپ چىقىلغان بولۇش كېرەك.

      2) ئىلمىيلىققا دىققەت قىلىش كېرەك. پىلان تۈزۈشتە مەكتەپ تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكى نەزەرگە ئېلىنغان بولۇشى كېرەك. پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىنىڭ پىلانى بىلەن مەكتەپنىڭ تەلىم – تەربىيە پىلانىنى بىرگەۋدە قىلىشقا ماھىر بولۇپ، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرگەن بولۇشى كېرەك.

      3) يولغا قۇيۇشقا ۋە تەكشۈرۈشكە قۇلايلىق بولۇشى كېرەك. تۈزۈلگەن پىلان قىسقا، كونكېرىت، يولغا قۇيۇشقا ۋە تەكشۈرۈشكە قۇلايلىق بولۇشى كېرەك. پىلان خىزمەت تۈرى، خىزمەتنىڭ مەقسىتى، خىزمەت ئىشلەش ئورنى ۋە خىزمەت ئىشلىنىش ۋاقتى، يولغا قۇيۇشنى تەشكىللەشكە مەسئۇل بولىدىغان كىشى ۋە پىلاننى يولغا قۇيۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

       تەربىيەچىلەر پىلان تۈزگەندە ئاممىۋى لۇشىيەندە مېڭىپ، ئەترەت كادىرلىرى ۋە ئاكىتىپلارنىڭ پىكىرىنى ئېلىپ، مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر