باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

ئانا

ئەسمىناي يۈسۈپ

      ئانا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان، پەرزەنتلەر قەلبىگە ئىللىق نۇر چاچقۇچى قۇياش، ئۇ ئەنە شۇ ئىللىق تەپتى بىلەن بىزگە چەكسىز مېھىر – مۇھەببەت ئاتا قىلىدۇ. ئانا سۆيگۈسى بىزنى پەرۋىشلەيدۇ، كۆكلىتىدۇ. شۇڭا، بىز ئانا مېھرىگە چۆمۈلۈپ قىزىل گۈلدەك چوڭ بولماقتىمىز.

      مەن ئانامنى بەك ياخشى كۆرىمەن. ئانام ئىشتىن ھېرىپ كەلگەندە ئۇنىڭغا قىزىق چاي دەملەپ بەرگۈم كېلىدۇ. لېكىن، ئانام پىشانەمگە سۆيۈپ تۇرۇپ: ‹‹مەن ھارمىدىم قىزىم، رەھمەت سىزگە. دەرسلىرىڭىزنى تەكرارلاڭ. سىزگە تاماق ئېتىپ بېرەي›› دەيدۇ. مەن ئانامغا بىر ئىش قىلىپ بېرەلمىسەممۇ چوقۇم تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئەلا نەتىجەم بىلەن ئانامنىڭ مۇھەببىتىگە جاۋاب قايتۇرىمەن، دەپ ئۆز – ئۆزەمگە ۋەدە بېرىمەن.

      ئانام ماڭا بارلىقىنى ئاتا قىلدى. مېنىڭ ساغلام، تېمەن، غەم – قايغۇسىز چوڭ بولۇشۇم ۋە ئەدەپ – ئەخلاقلىق بالا بولۇشۇم ئۈچۈن نۇرغۇن تەربىيە بەردى. ئۆزى ئۈلگە بولدى.

      مەن ئانامنىڭ ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىگە تەشەككۈر ئېيتىمەن. ئانامنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى ئاقلاشقا ھەرزامان تەييارمەن.

(قۇمۇل شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ 4 – يىللىق 1 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر