باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى باتارېيەسى

       بىز تۇرمۇشتا ئىشلىتىۋاتقان باتارېيەلەرنى بىرلا قېتىم ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئىشلىتىپ بولغان باتارېيەنى تاشلىۋەتسەك بىر تەرەپتىن ئىسراپ بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇھىتنى بۇلغايدۇ. مەن يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى باتارېيەسى كەشىپ قىلىشنى ئويلىدىم. بۇ خىل باتارېيەنىڭ ئىچىگە يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى قوبۇل قىلىدىغان ئالماشتۇرغۇچ ئورنىتىلغان، ماي قالمىغاندا ئۇنى كۈنگەي يەرگە بىرنەچچە مىنۇت قويۇپ قويساقلا يەنە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

 قەشقەردىن مەمەتتۇرغۇن

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر