باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

ئەترەت كادىرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش

      پىيونېرلارنىڭ چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك ئەترەت كادىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىشى ئەترەت تەشكىلي تەربىيەسىنىڭ مۇھىم تەرىپى بولۇپ، پىيونېرلارنىڭ ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ مۇھىم يولى، ئەترەت ئاساسىي تەشكىلي قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. شۇڭا، ئەترەتنىڭ چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كادىرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئەترەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىدۇر، شۇنىڭدەك ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپىنى ئىجرا قىلىش، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى، ئۇ ئاساسىي قاتلام ئەترەت تەشكىلى خىزمىتىنى جانلاندۇرۇشقا پايدىلىق.

      ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر نەچچە جەھەتلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىم.

      كۆپ قاتناشتۇرۇش، كۆپ سانلىققا يۈزلىنىش.

      تېخىمۇ كۆپ پىيونېرلارنى ئەترەت خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇش لازىم. پىيونېرلارنى كۆپلەپ قاتناشتۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇلمىسىنى قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق ئۇلارنى قاتنىشىش داۋامىدا تەربىيەلەپ، بارلىق پىيونېرلارنى ئەترەت قوينىدا چېنىقىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ۋە ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتەك مەقسەتكە يېتىش لازىم.

      ئەتراپلىق ئۆسۈپ يېتىلىپ، مىجەز – خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈش.

      ئەترەت كادىرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەندە پىيونېرلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق بولۇپ قالماي يەنە ئۇلارنىڭ مېجەز – خارەكتېرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرغۇلى بولىدۇ. پىيونېرلارنىڭ ساپاسى، ئىچكى ماھىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكى ئوخشىمايدىغان بولغاچقا ئەترەت تەشكىلى كۆپ خىل خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئالغا ئىلگىرلىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىتلارنى ھازىرلاپ ھەربىر پىيونېرنىڭ مىجەز – خاراكتېر ۋە ئىجادچانلىقىنى زور دەرىجىدە يېتىلدۈرۈش لازىم.

      خوجايىنلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باراۋەر، دېموكراتىك بولۇش.

      پىيونېرلار ئەترەت تەشكىلىنىڭ خوجايىنى  بولغاچقا ئاساسىي قاتلام تەشكىلىنىڭ جانلىقلىقى كۆپ ھاللاردا پىيونېرلارنىڭ خوجايىنىلىق رولىدا ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، ئەترەت كادىرلىرىنى تەيىنلەش خىزمىتى كەڭ پىيونېرلارنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش، ئەترەت كادىرلىرىنى سايلىغاندا دېمۇكراتىك سايلام تۈزۈمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، چوڭلار بەلگىلەپ بېرىشكە ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ بەلگىلەشكە ھەرگىزمۇ سەل قارغىلى بولمايدۇ. پىيونېرلارنىڭ دېمۇكراتىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ خوجايىنلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ئۆگىتىش لازىم.

      ئەترەتنىڭ چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كادىرلىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە پرىنسىپ جەھەتتىن كىچىك، ئوتتۇرا ئەترەت كادىرلىرىنى ھەربىر مەۋسۇمدە بىر قېتىم سايلش لازىم. چوڭ ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش ۋاقتى بىر يىل، ھەر يىلدا بىر قېتىم سايلىسا بولىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر