باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

خەلقىمىز لايدا ئىشلىگەن بىر قىسىم قاچا ــ قۇچا بويۇملار

 

 

شاد مۇھەممەت

      بىز قاچا ــ قۇچا بويۇملىرى دېگەندە، ئىنسانلار تاش قۇراللار دەۋرىدىن باشلاپ ئىشلەتكەن قازان، چۆمۈچ، چىنە، تەخسە، لېگەن، ئاياق، تەڭلە، كورا، كوزا، ئىۋىرىق، كاپكى، چەينەك، چۆگۈن، ئاپتۇۋاچىلاپچا، سوغا، قاپاق، نوگاي، داس، قوشۇق، چوكا، كۈپ، تەشتەك قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتىمىز.

بۇنىڭ ئىچىدە لېگەن ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ، چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئىستېمال قىلىپ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن پولۇ ئەنە شۇ لېگەن ئارقىلىق ئەزىز مېھمانلارغا تارتىلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيىتقاندا، ئۇيغۇرلار پولۇ ئېشىنى قاچاندىن بۇيان ئىستېمال قىلىشغا باشلىغان بولسا ، لېگەنمۇ شۇچاغدا ئىجاد قىلىنغان دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ.

      لېگەنلەر ئىچىدە لايدا ئىشلەنگەن لېگەنلەرنىڭ تارىخى بەك ئۇزۇن. ئۇ ئىنسانلار تېخى پولات، مىس، ئالتۇن، كۈمۈش، قاتارلىق مېتاللارنى ئېرىتىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسىنى ئىگىلىمىگەن چاغلاردا بارلىققا كەلگەن. بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان لېگەننىڭ تارىخى پولاتنىڭ تارىخى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دېيىشىمىزدىكى سەۋەبمۇ دەل شۇ.

       1ــ لايدا ئىشلەنگەن گۈللۈك لېگەن

يىغىپ ساقلىغۇچى xx ئەپەندى قولىدىكى لايدا ئىشلەنگەن بىر لېگەننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دىگەن: بۇنى لېگەنلەرنىڭ تىپىك ۋە كىلى ھەم شاھى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل لېگەن قىزىل سېغىز توپىغا مۇۋاپىق مىقداردا توزغاق، تۇز ئارلاشتۇرۇپ پىشۇرۇلغان لايدا ئىشلىنىپ، خۇمدانغا سېلىنىپ پىشۇرۇلۇپ، ئۈستىگە گۈل نۇسخىسى بېرىلگەن.

      بۇ لېگەننىڭ قارا خانىلار دەۋرى ــ قەشقەردە ئىشلەنگەنلىكى ئېھتىمالغا بەك يېقىن. بىزمۇ شۇ لېگەنگە چىقىرىلغان گۈل نۇسخىسى، ئىشلەش شەكلى ۋە ئۇنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدىكى قانۇنىيەت تۈسىنى ئالغان تېخنىكىلىق ماھارىتىدىن، ئەجدادلىرىمىزنىڭ لاي قاچا ــ قۇچا ئىشلەش توغرىسىدا خېلى يۇقىرى، مۇكەممەل، ئىلمىي ۋە ئەتراپلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقىنى بايقايمىز.

      لېگەنگە بېرىلگەن گۈللەر ھازىرقى زامان گۈل نۇسخىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا نىسبەتەن سەت، قالاق كۆرۈنسىمۇ، لېكىن مىڭ يىل بۇرۇنقى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا سېلىشتۇرغاندا، يەنىلا گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى دىېيىشكە ئەرزىيدۇ. لېگەننىڭ دىيامېتىرى 36 سانىمېتىر كېلىدۇ.

      2 ــ لايدا ئىشلەنگەن گۈل تەشتىكى

      بۇ خىل گۈل تەشتىكىنى ئۇيغۇرلار كۈلالچىلىق مەدەنىيتىنىڭ يەنە بىر خىل ئېسىل نامايەندىسى ياكى مەھسۇلى دېيىشكە تامامەن مۇمكىن.

      بۇ خىل گۈل تەشتىكىگە قارا، قىزىل، كۆك، يېشىل ۋە سېرىق رەڭدە گۈل نەقىش چىقرىلغان. چىقرىلغان گۈل نەقىشلەر كۆرنۈشتە ئاددىيراق بىلىنسىمۇ، ئۇنىڭ ھەر بىرى تەبىئەتتە بار بولغان ئۇلۇغلاش (چوقۇنۇش) كۈچىگە ئىگە كۈن ياكى قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ئوقياغا ئوخشاش ئۇرۇغ قۇرالى شەكلىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن.

      بۇ خىل تەشتەكىنىڭ ئېگىزلىكى 26 سانتىمېتىر، قورساق قىسمىنىڭ دىيامېتىرى 16 سانتىمېتىر كېلىدۇ. مۇشۇ تەشتەكمۇ قىزىل لايغا مۇۋاپىق مىقداردا توزغاق، تۇز قوشۇلۇپ پشىرۇلغان، لايدا ئىشلەپ خۇمداندا پىشۇرغاندىن كېيىن، ئۈستىگە گۈل چىقىرىلغان.

      بۇ خىل تەشتەكنىڭ قۇيۇلۇش ئۇسلۇبى بىلەن رەڭ ئالاھىدىلىكىدىن ئالغاندا، يەنىلا قەشقەردە ئىشلەنگەنلىكى ئېھتىمالغا بەك يېقىن.

      بۇ خىل تەشتەك دىيارىمىزدا ئازادلىقتىن ئىلگىرى ياكى كېيىنكى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە خەلقىمىز ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ساقلاپ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىچىدە نىسبەتەن كەم مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ گۈل ۋە رەڭ نۇسخىلىرىنىڭ ئۇپراپ، ئۇچۇپ كېتىشىدىن يەر ئاستىدا تۇرغان ۋاقتىنىڭ نەقەدەر ئۇزۇنلۇقى چىقىپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ خىل مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداش، ئاسراش ئىنتايىن مۇھىم.

      3 – تۇتقۇچلۇق سوغا

      بۇ خىل سوغىنىڭ ئېگىزلىكى 44 سانتىمېتىر، قورساق ئېگىزلىكى 36 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئۇ توزغاق ئارلاشتۇرۇلغان ئېزىلمەس سېغىز لاينى پىشىق پىشۇرۇپ، قولدا سىلىقلاش ئارقىلىق ئىشلەپ خۇمداندا پىشۇرۇلغان بويۇم ھېسابلىنىدۇ. قارىماققا ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىدىن سوغىنىڭ شەكلى ئايان بولسىمۇ، ئۇنىڭ رەسىمى گېئومېتىرىيەلىك قانۇنىيەت تۈس ئالمىغان قوپال كۆرنۈشتىن تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى، ھېچ بولمىغاندا بۇنىڭدىن 1300 يىل ئىلگىرى تۇرپان رايونىدا ئىشلەنگەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا بىرەر گۈل، نەقىش سىزمىغانلىقى مۆلچەرنىڭ تېخىمۇ توغرىلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا بۇ خىل سوغا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا تېگىشلىك.

     4 – تۇچقۇچلۇق ھېجىر كوزا

      بۇ خىل كوزىنىڭ دىيامېتىرى 18 × 23 كېلىدۇ. ئۇنىڭ بويۇن قىسمىغا ئىككى تۇتقۇچ چىقىرىپ ئىشلەتكۈچىلەر ئىچىگە قىزىق نەرسە قاچىلىغاندا، قولى كۆيۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغان. ئۇنىڭ قورساق مەركىزىگە تۆت جۈپ چەمبەر چىقىرلىپ، چەمبەر ئىچىگە خېلى كۆپ يۇقىرى ــ تۆۋەن مېھراپ شەكلى بېرىلگەن، گىرۋىكى بىلەن چەپچىكىگە چىقىرىلغان كۆپتۈرمىلىك چەمبەرمۇ كوزىغا خېلى يېقىملىق ئاتا قىلغان. ئۇنىڭ سىرتقى قىسمىغا بېرىلگەن كۆك رەڭلىك تەبىئىي سىر ھازىرغىچە ئۆڭمەي، ئەسلىنى ساقلاپ قالغانلىقىدىن ئۇنىڭ تارىخىنىڭ بىر قەدەر ئۇزۇنلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.

      5 – ھېجىر تاۋاق

      بۇ خىل ھېجىر تاۋاقنىڭ دىيامېتىرى 9 × 12 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئۇ ئايلىنىش ئىقتىدارلىق دۇكان ئۈستىدە قويۇپ، قول ھەرىكىتى ئارقىلىق تەكشىلەپ ئىشلەنگەن يادكارلىق ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ كۆرنۈشى بىر قەدەر قانۇنىيەت تۈسى ئالغان. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى بىر قەدەر نەپىس بولۇپ قالماستىن، يەنە قورساق ۋە گىرۋەكلىرگە كۆپتۈرمىلىك چەمبەر شەكلى بېرىلگەن. ئۇ تاۋاققا مۇئەييەن نىسبەتتە گۈزەللىك ئاتا قىلغان، ئۇنىڭ چەپچىكىمۇ كىشلەرگە زوق بېرىدۇ.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر