باش بەت | سەيلىگاھلار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلار

 

      1986 – يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىن 21ى قۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئورۇن دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىليون 460 مىڭ گېكتار كېلىدۇ. بۇ رايونلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش، تەبىئىي مۇھىتنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.

بۇغدا كۆلى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونى

      بۇغدا كۆلى 1980 – يىلى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داڭلىق ئېگىز تاغ كۆلى، شۇنداقلا دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق مەنزىرە رايونىدۇر.

بايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونى

      بايىنبۇلاق ئاققۇ كۆلى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونى تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى بايىنبۇلاق يايلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، 1986 – يىلى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

ئالتۇنتاغ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونى

      ئالتۇنتاغ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونى چاقىلىق ۋە چەرچەن ناھىيىسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، 1985 – يىلى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون بولۇپ تەستىقلانغان. بۇ رايوندا ياۋا قوتاز، ياۋا تۆگە، قارابويۇن تۇرنا قاتارلىق قىممەتلىك ياۋايى ھايۋانلار بار.

گەنجياخۇ ئاق سوكسوك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونى

      گەنجياخۇ سوكسوك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونى تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چېگرىسىغا جايلاشقان، كۆلىمى 900 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. سوكسوك ئىسسىق – سوغۇققا چىداملىقلىقى، شورلۇق يەرگىمۇ ماسلىشالايدىغانلىقى، شۇنىڭدەك قۇم – بوراننى توسۇيالايدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەن داڭلىق.

بۇرگون دەرياسى قاما تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونى

      كۆلىمى55 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇرگون قاما تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونى چىڭگىل ناھىيىسىنىڭ بۇرگون دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى بىردىنبىر قاما قوغدىلىدىغان رايوندۇر.

قارامايلى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار قوغدىلىدىغان رايونى

      قارامايلى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار قوغدىلىدىغان رايونى قۇربان تۇڭغۇت قۇملۇقىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمى، گۇچۇڭ، كۆكتوقاي ناھىيىلىرى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 17 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 1982 – يىلى قوغدىلىدىغان رايون قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ يەردە، ئاساسلىقى، ياۋا ئات، موڭغۇلىيە ياۋا ئېشىكى، ئارقار، ئاق بوز بۆكەن قاتارلىق تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار بار.

قاناس تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان مەنزىرىلىك رايونى

      بۇ يەردە تەبىئىي مەنزىرىسى قوغدىلىدىغان يەتتە رايوننىڭ ئالاھىدىلىكى قارا چىلان تۇپراقلىق يېشىل ئوتلاق بەلبېغى، قارا تۇپراقلىق يىڭنە ۋە كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان بەلبېغى، تاغ بوز تۇپراقلىق يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان بەلبېغى، سۇبئالپ ئوتلاق بەلبېغى، ئېگىز تاغ ئوتلاق بەلبېغى، تۇندرا تۇپرىقى بەلبېغى ۋە قار – مۇز بەلبېغى قاتارلىقلار بار. قاناس يۇقىرىقىدەك جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر.

ياۋا بادام تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونى

      ياۋا بادام تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونى دۆربىلجىن ناھىيىسىدە بولۇپ، كۆلىمى 15 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، 1980 – يىلى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون قىلىپ بېكىتىلگەن.

ياۋا تۆگە قوغدىلىدىغان رايونى

      ياۋا تۆگە قوغدىلىدىغان رايونى چاقىلىق ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ئالتۇنتاغنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 15 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

تارىم ئويمانلىقى توغراقلىق رايونى

      تارىم ئويمانلىقى توغراقلىق رايونى بۈگۈر ۋە لوپنۇر ناھىيىسى تەۋەسىدىكى 3800 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان بولۇپ، 1983 – يىلى قوغدىلىدىغان رايون بولۇپ قۇرۇلغان، بۇ يەردە ئىپتىدائىي دەرەخلەردىن باشقا، بۇغا، ياۋا تۆگە قاتارلىق قىممەتلىك ھايۋانلارمۇ بار.

مۇنىرە توختى تەرجىمىسى

 

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر