باش بەت | ئەترەت بىلىملىرى

مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەچىلەر قانداق تەكلىپ قىلىنىدۇ

      مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەچىلەرنى تەكلىپ قىلغاندا، ئالدى بىلەن ئوبيېكتنى مۇۋاپىق تاللاش كېرەك. ئادەتتە ئۇلارنى مەكتەپتىكى پىيونېرلار ئەترىتى پائالىيىتىدىن ئىزدىشىمىز، رادىيو، تېلېۋىزور خەۋەرلىرىدىكى كىشىلەردىن ئىزدىشىمىز، ئاساسلىقى يەنىلا مەكتەپ، ئاتا – ئانا ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش مۇھىتىدىن تاللىشىمىز كېرەك. تەكلىپ قىلماقچى بولغان تەربىيەچى ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن كىشلەردىن بولۇشى لازىملىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. ئۇلار سۆز ۋە ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق پىيونېرلارنى ساغلام يېتىلدۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەكلىپ قىلىنغان مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەچى بالىلارنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۆزى خالايدىغان ھەم ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرى قوللايدىغان بولغاندا، ئىتتىپاق ۋە پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىلى ئاندىن تەربىيەچى تۇرۇشلۇق ئىدارە بىلەن تەكلىپ قىلىش مەسىلىسىنى رەسمىي مۇزاكىرە قىلسا بولىدۇ.

      ئىلغار شەخىسلەرنى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەچىلىككە تەكلىپ قىلىش – بىر خىل جىددىي سىياسەت خىزمەت بولۇپ، رەھبەرلىكنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى قانداق ئىجرا قىلىش ھەم قىزغىن، تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتى ياكى پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتى كومىتېتى نامىدىن تەكلىپنامە تارقىتىپ بېرىپ، قىزىل گالىستۇك تەقدىم قىلىنىشى كېرەك. ئوقۇش مەۋسۇمى ئىچىدە ياكى يىل ئاخىرىدا، مەكتەپ ئىتتىپاق تەشكىلى ۋە پىيونېرلار ئەترىتى مەزكۇر تەربىيەچى تۇرۇشلۇق ئورگاننىڭ رەھبەرلىكىگە خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، تىرىشىپ ئۇلارنىڭ تېخىمۇ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بىرەر مۇنەۋۋەر تەربىيەچىنى باھالىغاندا، ئۇلارنىمۇ بىر شەرت قىلىش كېرەك.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر