باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

ئاپا، سىزگە رەھمەت

مەھلىيا ياقۇپ

      بۈگۈن دادام، ئاپام تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە كەتتى. مەن تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلەپ بولۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش ئۈچۈن تىزگىنەكنى ئىزدەپ تارتمىنى ئاچتىم. كۆزۈم بىر مۇنچە تەقدىرنامىلەرگە چۈشتى. بۇلار مېنىڭ ‹‹ئۈچتە ياخشى›› ئوقۇغۇچى، ‹‹ئىلغار پىيونېر››، ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولغان تەقدىرنامىلىرىم ئىدى. بۇلارنى كۆرۈپ ئۆزۈمدىن پەخىرلىنىپ مەغرۇر كۈلدۈم، ئەمما خۇشاللىقىم بىردەمدىلا غايىپ بولۇپ ئاپام كۆز ئالدىمغا كەلدى. ‹‹ئەنە، ئاپام سەھەر تۇرۇپ ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ بىزگە ناشتىلىق تەييارلاۋاتىدۇ. ئىسسىقنى ئىسسىق، سوغۇقنى سوغۇق دېمەي سائەت – سائەتلەپ تونۇر بېشىدا ئولتۇرۇپ نان يېقىپ تۇرمۇشىمىزنى قامداۋاتىدۇ. كەچتە تاماق ئېتىپ بولۇپ ھېرىپ – چارچىغىنىغا قارىماي يەنە ماڭا دەرس تەكرار قىلىپ بېرىۋاتىدۇ. مېنىڭ ئۇسسۇل، ناخشا، چەت ئەل تىلى كۇرسلىرىدا ئوقۇشۇم ئۈچۈن خۇشاللىق بىلەن پۇل تۆلەۋاتىدۇ. دوستلىرىغا: ‹‹مەن قاتار چاي ئوينىيالمايمەن، قىزىم بىلەن كۆپرەك بىللە بولغۇم بار!›› دەپ ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىۋاتىدۇ.

      بوغۇزۇمغا بىر نەرسە قاپلىشىۋالدى. ياشلىرىم ئالدىمدىكى تەقدىرنامىلىرىمنى ھۆل قىلىۋەتتى. تەقدىرنامىلىرىمنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۆز – ئۆزۈمگە: ‹‹ئاپا، بۇ نەتىجىلەر ماڭا ئەمەس، سىزگە مەنسۇپ، ئەگەر سىزنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىڭىز، مېھرىبانلىقىڭىز، قوللىشىڭىز بولمىغان بولسا بۇ نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم. ئاپا، جاپا تارتتىڭىز، سىزگە بولغان رەھمىتىمنى ئېغىزىم بىلەن ئەمەس، ئەمەلىيىتىم بىلەن ئىسپاتلايمەن›› دېدىم.

      (ئاپتور ئۈرۈمچى شەھەرلىك 30 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 – يىللىق 4 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر