باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ گۈلتاجىسى — چورۇق تىكىش

 

 

 

ھامىدىن ئابدۇراھمان چورۇق تىكمەكتە

 

      بۇ يىل 52 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ھامىدىن ئابدۇراخمان قارغىلىق ناھىيەسىدىكى چورۇق تىكىش ئۇستىسى بولۇپ، ئۇ 15 يېشىدىن باشلاپ چورۇق تىكىشنى ئۈگەنگەن. 2010 – يىلى، ھامىدىن ئابدۇراھمان 200 جۈپ چورۇق تىكىپ، 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغان.

      قوي تېرىسىدە تىكىلىدىغان چورۇق نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ پاشنىسى بولمايدۇ ھەمدە ئوڭ، سول دەپ ئايرىلمايدۇ. ئاياقنىڭ چەمى قوتازنىڭ تېرىسىدىن تىكىلىدۇ. چورۇق — ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاياغ كىيىمى بولۇپ، ئۇزۇندىن بېرى ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن.

ھامىدىن ئابدۇراخمان چورۇق تىكمەكتە

ھامىدىن ئابدۇراخمان تىككەن چورۇقلار

ھامىدىن ئابدۇراخمان تىككەن چورۇقلار

ھامىدىن ئابدۇراخمان تىككەن چورۇقلار

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر