باش بەت | سەيلىگاھلار

سېھرىي كۈچكە تولغان گۈزەل جاي — دىيا

  

يۈ خەيچىن

 

      ئىسپانىيە تىلغا ئېلىنسا، كىشىلەر ھەمىشە بۇقا بىلەن ئېلىشىش ئويۇنى، فلامىنگو ئۇسسۇلى، نىقابلىق ئوينىلىدىغان شادلىق بايرىمى، قارغا پۈركەنگەن پىرىنېئوس تېغى، ھەيۋەتلىك ئالخامبرا ئوردىسى، ئاق رەڭلىك كەنت – بازارلار، غەمكىن رىتسار دونكىخوت، داڭلىق سەيياھ دانخىل، پىكاسونىڭ دەۋر بۆلگۈچ ستېرېئولۇق رەسىملىرىنى ئەسكە ئالىدۇ. ئىسپانىيىدىكى ماللۇركا ئارىلىمۇ بىزنى دۇنياغا مەشھۇر قۇياش نۇرى، قۇملۇق ساھىل ۋە چەكسىز دېڭىز قوينىغا ئېلىپ كىرىدۇ. ئەنە شۇ ماللۇركا ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى ترامونتانا تېغى ئېتىكىدىكى دىيا دۇنياغا مەشھۇر ساياھەت رايونىدۇر.

      دىيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى سەھرا مەنزىرىسى نۇرغۇن چەت ئەللىك ئەدىبنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان. ئىسپانىيىنىڭ ھازىرقى زامان سەنئەت پېشۋاسى مىلو 1956 – يىلىدىن 1982 – يىلىغىچە مۇشۇ يەردە تۇرغان. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، خوتۇنى ئۇنىڭ تۇرالغۇسى ۋە ئىشخانىسىنى سەنئەت مەركىزىگە ئۆزگەرتىپ، مىلونىڭ ئەسەرلىرىنى ساقلىغان. بۇ سەنئەت مەركىزىگە يەنە شوبېرت ئىشلەتكەن پىئانىنو قويۇلغان بولۇپ، شوبېرت مۇشۇ پىئانىنو بىلەن ‹‹يامغۇردىن بۇرۇنقى مېلودىيە›› ناملىق مۇزىكىنى ئىجاد قىلغان. بۇلار دىياغا تېخىمۇ سىرلىق ھەم رومانتىك تۈس ئاتا قىلغان.

      ماللۇركا ئارىلىدىكى مەنزىرىسى گۈزەل غەربىي دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ ماڭسىڭىز، ترامونتانا تېغىدىكى ھەشەمەتلىك خۇسۇسىي داچىلاردىن كۆزىڭىزنى ئۈزەلمەيلا قالىسىز. بۇ يەرنىڭ گۈزەل جۇغراپىيىلىك مۇھىتى ۋە شاۋقۇن – سۈرەنلەردىن خالىي تىنچ تۇرمۇشى سىزگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. دىيادىكى بارلىق قۇرۇلۇشلارغا شۇ جايدىكى قىزغۇچ تاش ماتېرىياللىرى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كۆپكۆك دېڭىز، ياپيېشىل زەيتۇن دەرەخلىرى ۋە قىزغۇچ تاشلىق تاغلاردىن ھاسىل بولغان رەڭدار مەنزىرە كىشىگە جەننەتنى ئەسلىتىدۇ. ئەنگلىيىلىك داڭلىق شائىر ھەم يازغۇچى روبېرت گراۋېس 1932 – يىلى دىياغا كېلىپ، بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز ھالدا: ‹‹ بۇ جايدا تۇرسىڭىز، خۇددى جەننەتكە كەلگەندەك ھېس قىلىسىز›› دېگەن. دىيا ئىلگىرىكى بايلار ئارام ئالىدىغان كىچىك سەھرا بازىرىدىن ھازىر جاي – جايدىن كەلگەن ئەدىبلەرنىڭ ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرىدىغان مەركىزىگە ئايلىنىپ، روبېرت گراۋېسنى مەركەز قىلغان ئەدىبلەر ئىجتىمائىي تەشكىلاتى بارلىققا كەلگەن. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، بۇ كىچىك بازاردىكى نۇرغۇن قەدىمىي قۇرۇلۇشلار سودىلىشىش دولقۇنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماي، قەدىمىيلىكىنى ساقلاپ قالغان.

      دىيانىڭ دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن ئېتىلگەن تائاملىرى دۇنياغا مەشھۇر، دۇنيانىڭ جاي جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇ تائاملاردىن غىزالانماي قالمايدۇ. ساياھەتچىلىكمۇ بۇ بازارغا تېخىمۇ كۆپ زامانىۋى ئېلېمېنتلارنى قوشقان. بازاردىكى قاۋاقخانىلاردا ھەر ھەپتە مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ، رەسىم كارىدورلىرىدا ماللۇركا ئارىلىنىڭ سەنئەت بۇيۇملىرى ھەم بۇ يەرگە كەلگەن چەت ئەللىك رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ .

      بۇ بازاردا 20 ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرىدىكى كونا پويىز ساقلاپ قېلىنغان، ياغاچ ۋاگوندا ئولتۇرۇپ، ئاپېلسىن ۋە لىمونزارلىقنى تاماشا قىلسىڭىز، روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىشىڭىزگە پايدىسى بار.

      ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى، سىز بۇ يەردىكى تاغلار، دېڭىز دولقۇنى ئۇرۇلۇپ تۇرغان تىك قىيالار، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان دېڭىز قولتۇقى، مېۋىزارلىقلار ۋە دېھقانلار كەپىلىرىدىن ھاسىل بولغان ئاددىي ھەم ئاجايىپ چىرايلىق تەبىئەت مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايسىز. شۇڭا دىيادا ئۇزاقراق تۇرۇپ قالسىڭىز، مېھرىڭىزنى ئۈزەلمەي، بۇ يەردىن ئايرىلغىڭىز كەلمەيدۇ.

ئايشەمگۈل رەھمىتۇللا تەرجىمىسى

 

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر