19–يانۋار، ئوسمان مەتقۇربان ئۆيىدە مىس چۆگۈن ياسىماقتا
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئېلىجان ئىسمائىل خەۋىرى، فوتوسى: كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونى توغاي كوچىسىدىكى بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن ئوسمان مەتقۇربان ئاتا كەسپى مىسكەرچىلىكنىڭ 4 – ئەۋلادى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتا كەسپىگە ۋارسلىق قىلىش ئاساسىدا ھۈنىرىدە ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ كەلگەچكە، ئۇ ياسىغان مىس چۆگۈنلەر ناھىيە بازىرىدا ياخشى بازار تېپىپلا قالماي ، باشقا ۋىلايەت، رايوندىكى كىشىلەرنىڭ ئاسارە ئەتىقە قاتارىدا ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان بۇيۇمىغا ئايلاندى.