باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

شەرەپ قۇچقان ياش باغۋەن

تۇرسۇن ئەكرەم

      يوپۇرغا ناھىيەلىك يەكشەنبە بازار يېزا 2 – كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئانا قىز ئەمەر 2000 – يىلى خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، بۇ مەكتەپكە پىيونېرلار تەربىيەچىسى، سىنىپ مۇدىرى، مەكتەپ مۇدىرى، مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، مەكتەپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە ماھىر تەجرىبىلىك باشقۇرغۇچى خادىمغا ئايلاندى. ئۇ 2004 – يىلىدىن 2006 – يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇردى، ئۇ ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، مەكتەپنىڭ تەلىم – تەربىيە، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن دادىل ئىزدەندى ۋە زور تۆھپىلەرنى قوشتى. ئۇ ئۆزىنىڭ مول تەجرىبىلىرى بىلەن مەكتىپىنى يۇپۇرغا ناھىيەسى، ھەتتا قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يولىدا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

      ئەجىر – مېھنەت ھەرگىز يەردە قالمايدۇ. ئانار قىز ئەمەرنىڭ قىسقىغىنە 10 يىللىق خىزمەت جەريانىدىكى ئىزدىنىشى، تىرىشچانلىقى، سىڭدۈرگەن ئەجىر ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ، بۇ مەكتەپ يېزا بويىچە ‹‹ئىككى ئاساسەن خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ››، ناھىيە بويىچە ‹‹بەشتە ياخشى پارتىيە تەشكىلاتى››، 2008 – ، 2009 – ، 2010 – ، يىللىرى ناھىيە بويىچە ‹‹قوش تىل ئوقۇتۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ›› دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشتى. ئانار قىز ئەمەر يېزا ۋە ناھىيە بويىچە سەككىز قېتىم ‹‹مۇنەۋۋەر تەربىيەچى››، ‹‹ئىلغار سىنىپ مۇدىرى››، ‹‹ئىلغار ئوقۇتقۇچى››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخىس››، ‹‹مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى›› دېگەن شەرەپلىك ناملار بىلەن تەقدىرلەندى. ئۇ 2009 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ئىلغار ئوقۇتقۇچى››، ‹‹ئىككى ئاساسەن خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخىس›› قاتارلىق شەرەپلەرگە نائىل بولدى.

 

مەنبە: مائارىپ گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر