باش بەت | ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى

ئەترەت كادىرلىرىنى باشقۇرۇش توغرىسىدا

ماھىنۇرگۈل نىياز (پىچان ناھىيە لۈكچۈن ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

      ئەترەت كادىرلىرى پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ يادروسى ۋە تايانچ كۈچى. پىيونېرلار ئوتتۇرا ئەترەت كادىرلىرىنىڭ ئاكىتىپلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ياخشى ئوتتۇرا ئەترەت كوللېكتىپىنى قۇرۇشتا، ئوتتۇرا ئەترەت خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك جانلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئوتتۇرا ئەترەت كادىرلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە تۆۋەندىكى ھالقىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

      1. ئوتتۇرا ئەترەتتە كۆپرەك ۋەزىپە ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىش. ھەر مەۋسۈمدە ئوتتۇرا ئەترەتتە ئادەتتىكى ۋەزىپە ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلغاندىن باشقا يەنە بىر قانچە ئالاھىدە ۋەزىپە ئورۇنلىرىنى، يەنى ‹‹قارا تاختا›› گېزىتى باشقۇرغۇچىسى، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش خادىمى، كىتاب بۇلۇڭى باشقۇرغۇچىسى قاتارلىق ۋەزىپە ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىپ، پىيونېرلارغا ئۆزىنى چىنىقتۇرىدىغان شارائىت يارىتىپ بېرىپ، ‹‹ھەممە پىيونېرلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەممىسى شۇ ئىشنىڭ خوجايىنى بولۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

      2. دېمۇكراتىك سايلام. ئوتتۇرا ۋە كىچىك ئەترەت كادىرلىرىنى ھەر مەۋسۈمدە بىر قېتىم سايلاش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۆزى ئىلتىماس قىلىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، سايلامغا قاتنىشىش، بىلەت تاشلاش قاتارلىق تەرتىپلەر بويىچە پىيونېرلارنى ئادىل رىقابەتلىشىشكە يېتەكلەش لازىم.

      3. تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش. ئەترەت كادىرلىرى مەكتىپى ئېچىش، لېكسىيە سۆزلەش، ‹‹ئەترەت كادىرلىرى مۇنبىرى›› ئۇيۇشتۇرۇش، ‹‹ئەترەت كادىرلىرى نۆۋەتچىلىك تۈزۈمى›› نى يولغا قۇيۇش، ‹‹ئەترەت كادىرلىرى يازلىق لاگېرى››، مۇنەۋۋەر ئەترەت كادىرلىرىنى باھالاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پىيونېرلارنىڭ مۇلازىمەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: قەلبىنۇر