باش بەت | مەكتەپلەر

ئەنجۈر يۇرتىدىكى مەرىپەت بۆشۈكى

 

ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسى تۆۋەن ئىشتارچى باشلانغۇچ مەكتىپى 1930 – يىلى قۇرۇلغان. ھازىر بۇ مەكتەپتە 44 ئىشچى – خىزمەتچى، 425 ئوقۇغۇچى، 13 سىنىپ بار، كۆلىمى 13 مىڭ 340 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەكتەپ ئوقۇش – ئوقۇتۇش مۇھىتى ئەلا، دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلاشقان، ساپا مائارىپى، يېڭى دەرس ئىسلاھاتى ۋە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنىڭ تەلىپى بويىچە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشى سەرخىللىنىشقا يۈزلەنگەن مەكتەپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. مەكتەپ ناھىيە، شەھەر بويىچە بىرنەچچە قېتىم ‹‹ئىلغار كوللېكتىپ››، ‹‹بىخەتەرلىك خىزمىتىدىكى ئىلغار ئورۇن››، ‹‹ئىلغار پارتىيە ئاساسىي قاتلام تەشكىلى›› بولۇپ تەقدىرلەندى، مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىمۇ شەھەر، ئوبلاست بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە بىرنەچچە قېتىم 2 –، 3 – لىككە ئېرىشتى.

مەكتەپ مۇدىرى ئىلھام تۇردى

ئوقۇتقۇچىلار كومپيۇتېر مەشغۇلاتى ئۈستىدە

ئەترەت پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش

مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى

ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ قىرائەتخانىسىدا كىتاب كۆرمەكتە

قۇربانجان توختى خەۋىرى، فوتوسى

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئاينۇر