باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

قورۇغان سىقماق

 

      «خۇرۇچلار»

      ئۆسۈملۈك ماي 50 گرام، قوناق ئۇنى بىر كىلوگرام، يېسىۋىلەك، كۆكمۇچ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا

      «تەييارلاش ئۇسۇلى»

      سىقماقنى قورۇپ ئېتىش ئۈچۈن، ئىككى قوشۇق ماي قۇيۇپ، چۈچۈگەندىن كېيىن بىر باشپىيازنى نېپىز توغراپ سېلىپ سارغايتىدۇ، ئاندىن توغراپ تەييار قىلىپ قويغان يېسىۋىلەك، مۇچ، شوخلىلارنى سېلىپ پىششىق قورۇپ، ئۆزىنى تېتىپ، سۇ قۇيۇپ قاينىغاندىن كېيىن، ئۇننى يازدا ئىسسىق سۇدا، قىشتا قىزىق سۇدا يۇغۇرۇپ، بەش – ئالتە زۇۋۇلا قىلىپ، سىقماق سىققۇچ ياكى سەۋزە قىرغۇچ بىلەن قازانغا سىقىپ قويۇلدۇرىدۇ، ئاندىن تۇۋاقنى يېپىپ، بەش مىنۇت ئەتراپىدا قايناتقاندىن كېيىن، ئۇششاق توغرالغان سامساق سېلىپ قازاننى چۈشۈرۈپ، قاچىلارغا ئۇسۇپ داستىخانغا كەلتۈرۈلىدۇ.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر