باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

مېنىڭمۇ غېمىم بار

 ۋارىسجان ئەھمەد

 

      مەن گەرچە غەم – ئەندىشىسىز، پەرۋاسىز كۆرۈنسەممۇ ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن خىيال، ئارزۇ – ئىستەك، ئۈمىدلىرىم بار، غەم – ئەندىشەممۇ ئاز ئەمەس. مېنىڭ غەم – ئەندىشىلىرىم تۆۋەندىكى بىرنەچچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

      1. كەلگۈسۈم توغرۇلۇق خىيال قىلىمەن. ئەقلىي تەپەككۇرۇم ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىمنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ كەلگۈسىدە نېمە ئىش قىلىش، قانداق ئادەم بولۇش، جەمئىيەتكە قانداق تۆھپە قوشۇش، ئاتا – ئانامغا قانداق كۆيۈنۈش ۋە ئۇلارنىڭ ھالىدىن قانداق خەۋەر ئېلىش قاتارلىقلارنى ئويلايمەن.

      2. ئاتا – ئانامدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايمەن. ئاتا – ئانام بىر ئۆمۈر غېمىمنى قىلىدىغان بولغاچقا مەن ناھايىتى خاتىرجەم ۋە غەمسىز ياشايمەن. گەرچە شۇنداق خاتىرجەم يۈرسەممۇ يەنىلا ئاتا – ئانامدىن ۋاقىتىسز ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمەن. ئۆزۈمنىڭ تاسادىپىي ھادىسىگە ئۇچراپ قېلىشىمدىن، ساقايماس ياكى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن. مەن ئاتا – ئانامغا تولىمۇ ئىشىنىمەن. ئاتا – ئانامنىڭ مېھرىبان، كۆيۈمچان، قورقماس، باتۇرلۇقىدىن پەخىرلىنىمەن، قىلغان ئىش – ھەرىكەتلىرىدىن رازى بولىمەن. شۇڭا، ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايمەن.

      3. ياخشى شارائىتقا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ئاتا – ئانامدىنمۇ ياخشى شارائىتتا ياشاشنى ئارزۇ قىلىمەن. گەرچە ئاتا – ئانام ماڭا ياخشى تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بەرسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئۆزۈمنى ئائىلە شارائىتى تېخىمۇ ياخشى ساۋاقداشلىرىمغا سېلىشتۇرغۇم، شۇلاردەك ياشىغۇم كېلىدۇ. چوڭ بولغاندا چوقۇم ئاشۇ ساۋاقداشلىرىمغا ئوخشاش راھەتتە ياشايمەن، دەپ ئۆزۈمگە ۋەدە بېرىمەن.

      4. تەۋەككۈلچىلىك قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن. مەكتەپ ۋە ئاتا – ئانامنىڭ تەربىيە، نەسىھەتلىرى بىلەن خېلى كۆپ ئىشلارنى قىلىشتىن ئېھتىيات قىلىمەن، ئۆزۈمنى ئاسرايمەن. بىراق، بەزى ئىشلارنى خاھىشىم بىلەن قىلىپ باققۇم كېلىدۇ. قىزغىنلىقىم تۇتقان بۇنداق چاغلاردا ئاقىۋىتىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ كەتمەيمەن.

      5. يالغۇز قېلىشنى خالىمايمەن. ئاتا – ئانامنىڭ مېنى تاشلاپ قويۇپ سىرتلاردا يۈرۈشىنى، پۇل بېرىپ سىرتتا تاماق يېيىشىمنى تاپىلىشىنى، ‹‹پۇل ھەممىنى ھەل قىلىدۇ›› دەپ قاراپ مەن بىلەن كارى بولماي بالىلىق ھېسسىياتىمنى نەزەرگە ئالماسلىقىنى خالىمايمەن. بىر كۈنى دادام مەندىن: ‹‹ئارزۇيۇڭىز نېمە؟›› دەپ سورىۋىدى مەن دەرھاللا: ‹‹سىلەردىن ئايرىلىپ قالماسلىق›› دەپ جاۋاب بەردىم، بۇ مېنىڭ يۈرەك سۆزۈم. مېنىڭچە بۇ ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن بالىلارنىڭ يۈرەك سۆزى. چۈنكى، مەن ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسىنى ئاتا – ئانامسىز تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن، ئۇلارغا موھتاج بولىمەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر