باش بەت | سەيلىگاھلار

جەلپكار سەيلىگاھ بۇيلۇق

 

 

پاتىمە ئەيسا ، روشەنگۈل ئابدۇراخمان

 

      تۇرپان قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى، شۇنداقلا دۇنيادىكى تۆت چوڭ مەدەنىيەتنىڭ تۇتاشقان جايى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلماقتا. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، تۇرپاننىڭ ساياھەتچىلىكى يۈكسىلىپ، ھازىر شىنجاڭدىكى ئەڭ جەلپكار ساياھەت مەركىزى بولۇپ قالدى. بۇيلۇق سەيلىگاھى ھاۋاسىنىڭ ساپ، مەنزىرىسىنىڭ گۈزەل، ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ ئەتراپلىقلىقى بىلەن ساياھەتچىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلدى. بۇيلۇقنىڭ ئائىلە ساياھەتچىلىكىمۇ تېز تەرەققىي قىلىپ، بىر تەرەپتىن ساياھەت مەزمۇنىنى بېيىتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

      بۇيلۇق سەيلىگاھى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئۈزۈمچىلىك يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ياز كۈنلىرى تۇرپاندىكى ئەڭ سالقىن جاي ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇيلۇق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لىن گونىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ سەيلىگاھتا زىيارەتتە بولدۇق. لىن گو بىزنى ئۈزۈمچىلىك ۋە ساياھەتچىلىككە تايىنىپ بېيىغان دېھقان مالىن(خۇيزۇ)نىڭ ھويلىسىغا باشلاپ كىردى.

      بۇرۇن ئۈزۈم سېتىپ تىرىكچىلىك قىلاتتۇق، ياتىدىغىنىمىز گەمە ئۆي ئىدى، 2004 – يىلى ئالتە ئېغىزلىق ئۆي سېلىپ، ‹‹دېھقانلار شادلىقى›› ئارامگاھى قۇردۇم ھەم سەنئەتچى تەكلىپ قىلدىم. ھازىر ساياھەتچىلىكتىن يىلدا 30 مىڭ يۈەن، ئۈزۈمدىن 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن، باشقا دېھقانلارنىڭ ئۈزۈم سېتىشىغا ياردەملىشىپ، 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىمەن، دېدى مالىن ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلەپ.

      بىز مالىننىڭ ئۆيىدىن چىقىپ، نىياز رېقىپ ئاكىنىڭ ئۆيىگە كىردۇق، ئۇ ئائىلە ساياھەتچىلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

بۇرۇن دېھقانچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق، كىرىمىمىزمۇ ئاز ئىدى. تۇرپانغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئائىلە ساياھەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللاندۇق. ھازىر ھەر يىلى 5 – ئايدىن 11 – ئايغىچە ھويلىمىزدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، ھويلىدىكى كىچىك بېغىمدا ھەر خىل مېۋىلەرنى يېتىشتۈردۈم، شۇڭا ئۆيىمىزگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر كۆپەيمەكتە. ھازىر ساياھەتچىلىكتىن ھەر يىلى 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمەن.

      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا – قىشلاق مەنزىرىسىنى سەيلە قىلىش، مىللىي ئۆرپ – ئادەتتىن ھۇزۇرلىنىش، دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە غىزالىنىش ۋە قونۇش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئائىلە ساياھەتچىلىكى مودىغا ئايلاندى. ساياھەتچىلىكنى باشقۇرۇش تارماقلىرىمۇ تازىلىقى ياخشى، مۇلازىمىتى ئەلا، ماشىنا توختىتىش مەيدانى ۋە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى بار ئائىلە ساياھەت نۇقتىلىرىغا ‹‹ئىشەنچلىك ئائىلە ساياھەت نۇقتىسى›› دېگەن نامنى بېرىپ، ئۆي ئىگىلىرىنى تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. ھازىر بۇيلۇقتا بۇنداق ئائىلە ساياھەتچىلىك نۇقتىسىدىن 180 نەچچىسى بار. ئائىلە ساياھەتچىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان يېڭى يارقىن نۇقتا بولۇپلا قالماي، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يېزىلارنى ساياھەت قىلىشىغىمۇ قۇلايلىق ياراتتى.

      20 نەچچە يىل ئىلگىرى تۇرپاننىڭ ساياھەتچىلىكى بۇيلۇق سەيلىگاھىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن باشلىنىپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلدى. لېكىن دەسلەپكى مەزگىللەردە سەيلىگاھنى قالايمىقان ئېچىش، قالايمىقان قۇرۇش، ساياھەت نۇقتىلىرىدىكى باھا بىردەك بولماسلىق، سەيلىگاھتا ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر بۇيلۇقنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يەتكۈزگەنىدى. بۇ ئەھۋالغا ئاساسەن، تۇرپان ۋىلايىتى بۇيلۇق سەيلىگاھىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىلگىرىكى تارقاق ھالەتتىكى باشقۇرۇشنى بىر تۇتاش تىجارەت قىلىش ۋە بىر تۇتاش باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتتى. نەتىجىدە، 2004 – يىلى 7 – ئايدا 10 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بار بۇ سەيلىگاھتا ‹‹بۇيلۇق سەيلىگاھىنى باشقۇرۇش كومىتېتى›› قۇرۇلدى ھەم بىر بېلەت تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ساياھەت نۇقتىلىرىدا ئۆز ئالدىغا بېلەت سېتىش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئىتى كاپالەتلەندۈرۈلدى، باشقۇرۇش سۈپىتىمۇ ئۆستۈرۈلدى. 2008 – يىلى 5 مىليون 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، بۇيلۇق مەنزىرە رايونىدىكى يەتتە ئاساسلىق يول ئۆزگەرتىلدى. ‹‹تۆت يۇلتۇز›› دەرىجىلىك ھاجەتخانىدىن ئۈچى سېلىندى ھەم كونا ھاجەتخانىلار يېڭىلاندى. 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 40 ساياھەت ئاپتوبۇسى سېتىۋېلىندى. ھازىر بۇيلۇق سەيلىگاھى ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ساياھەت ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى››، ‹‹ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك داڭلىق مەنزىرە رايونى›› دېگەن ناملارغا ئېرىشتى.

      بۇيلۇقتا ھازىر ‹‹بۇيلۇق شادلىق باغچىسى››، ‹‹دارۋاز مىللىي ئۆرپ – ئادەت باغچىسى››، ‹‹ئەپەندى شادلىق باغچىسى›› قاتارلىق بەش مۇھىم ساياھەت نۇقتىسى، ئۈزۈم مۇزېيى، مىڭ كۆزلۈك بۇلاق شارقىراتمىسى، ئۆرپ – ئادەت سارىيى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تونۇر، ئۈزۈم مەدەنىيىتى كارىدورى قاتارلىق جەلپكار ئورۇنلار بار، ناخشا – ئۇسسۇل، دارۋاز قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 2008 – يىلى بۇيلۇق دېھقانلىرىنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 4947 يۈەنگە يەتتى، بۇ يىل 5300 يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

 

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر