باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

بىر قىسىم تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش ئادەتلىرىمىز

 

تۇرغۇن ئىبراھىم

 

      خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئادەت – ئۇدۇملار بىر قەدەر كۆپ. بۇلار ئانىلىرىمىزنىڭ سۇپرا، چەككۈچ، قازان، نانتاختا، ئاشتاختا، تەڭنە، نوغۇچ ۋە تاختىبېشى دېگەندەك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشىدىمۇ ئالاھىدە ئەكس ئېتىدۇ. بۇنداق تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئەنئەنىۋىلىككە ئىگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئۆزلىشىش تارىخى ئۇزاق. مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دا ئاشتاختا ياكى نانتاختا ‹‹ياسىغاچ›› (ياسغاچ: يېسا تاختا)، نوغۇچ ‹‹چانچۇ›› (چانچۇ: خېمىر يايىدىغان تاختا)، تەڭنە ‹‹تەگنە›› (تەگنە: تەڭنە)، چاكۇچ ‹‹تىككۈچ›› (تىككۈچ: تۈكۈچ، چەككۈچ) دەپ كۆرسىتىلگەن. ئالىم سۇپرا ئاتالغۇسى ھەققىدە توختىلىپ ئۇنىڭ ‹‹بوشۇغ›› ئاتالغۇسى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ‹‹سۇپرا›› ئاتالغۇسى ئاساسىدا كېلىپ چىققانلىقىنى تۆۋەندىكىچە ئىزاھلىغان:

      بوشۇغ: رۇخسەت، يەنى خان ئەلچىنىڭ قايتىپ كېتىشىگە بەرگەن رۇخسەت (قەغىزى). ئەلچىگە بېرىلگەن سوۋغىغىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سۆز ئەرەبچە ‹‹سۇپرا›› دېگەن سۆزگە ئوخشايدۇ. ‹‹سۇپرا›› ئەسلىدە ‹‹مېھمانغا تەييارلانغان تائام›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرسىمۇ، كېيىنچە يېمەكلىكلەرنىڭ ئاستىغا سېلىنىدىغان ‹‹تېرە سۇپرا›› (داستىخان) مەنىسىنى ئالغان. شۇنىڭدەك يىراقتىن قېرىنداشلىرىنى يوقلاپ كەلگەن ئادەم قايتىدىغان چاغدا ساھىبخان ھەممە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنى زىياپەتكە چاقىرىدۇ. ئاندىن بىر مۇنچە سوۋغاتلار بىلەن مېھماننىڭ كېتىشىگە رۇخسەت بېرىلىدۇ. ئەنە شۇ زىياپەتمۇ ‹‹بوشۇغ ئېشى›› دېيىلىدۇ.

      دېمەك، تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىلىپ كېلىنىۋاتقان سۇپرىنىڭ قەدىمكى مەنىسى ‹‹تېرە داستىخان›› بولغان. ھازىر داستىخان بىلەن سۇپرا پەرقلەندۈرۈلۈپ، سۇپرا پەقەت نان راسلاش، ئاش – تاماق ئېتىش، ئۇن تاسقاش، خېمىر يېيىش ۋە كېسىشلەردە ئىشلىتىدىغان سېلىنچىغا قارىتىلماقتا.

      يۇقىرىقى مۇھىم تۇرمۇش سايمانلىرىنى ئىشلىتىشتە قەدىمدىن بۇيان مۇنداق ئادەت – ئۇدۇملار ساقلانماقتا:

      1. سۇپرىنى قۇرۇق قويماسلىق. سۇپرا يېمەكلىك تەييارلاشتا ئىشلىتىدىغان، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان بۇيۇم. ئۇ، ئادەتتە، ماتانى قوش ئەستەرلەپ (بەزىدە تېرىدىن) ئۇزۇنلۇقى 1.2 مېتىر، كەڭلىكى بىر مېتىر قىلىپ تەييارلىنىدۇ. سۇپرا، ئاساسەن، ئۇن تاسقاش، خېمىر يېيىش، نان راسلاشلاردا سېلىنچا قىلىنىدۇ. سۇپرا، قۇرۇق قالدۇرۇلمايدۇ. يەنى سۇپرا ئىشلىتىپ بولۇنغاندىن كېيىن، چەككۈچ بىلەن ئازراق ئۇن قالدۇرۇلۇپ، قاتلىنىپ نوغۇچ، ئاشتاختىلار بىلەن بىللە تاختىبېشىغا ياكى سەل ئېگىزرەك، مۇۋاپىق يەرگە ئېلىپ قويۇلىدۇ. ھەر قانداق ۋاقىتتا سۇپرىدىن قۇرۇق ئۇن ئۈزۈلمەيدۇ. سۇپرىدا ئۇننىڭ بولۇشى توقلۇقنى، ئاچارچىلىقتا قالماسلىقنى تىلەشنى ئىپادىلەيدۇ. بىزدە ‹‹ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق›› دېگەن ئىبارە شۇنىڭدىن كەلگەن. شۇڭا سۇپرىدا ئۇن قالدۇرماسلىق يامانلىققا جۆرۈلىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن ئاتلاشقىمۇ بولمايدۇ.

      2. قازاندىن سۇ ئۈزمەسلىك. قازان ئاش – تاماق ئېتىش، سۇ قاينىتىش سايمىنى. تاماق ئېتىلىشتىن بۇرۇن قازان قانچىكى پاكىز بولسۇن، سۇ بىلەن يەنە بىر قېتىم چايقىۋېتىلىپ ئاندىن تاماق ئېتىلىدۇ. تاماق ئېتىلىپ بولغاندىن كېيىن پاكىز يۇيۇلۇپ، بىر – ئىككى ئاپقۇر سۇ قۇيۇپ تۇۋىقى يېپىپ قويۇلىدۇ. قازان ۋە ئۇنىڭ تۇۋىقى ئاساس قىلىنغان قازان بېشى تازىلىقىغا ھەر قانداق چاغدا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى قازان بېشى ئىشلىرىغا چېۋەرلىكى، شۇنداقلا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆپ جەھەتتىكى ئادەت – ئۇدۇملاردىكى چېچەنلىكى بىلەن سىنىلىدۇ. قازانغا ئازراق سۇ قۇيۇپ، تۇۋىقىنى يېپىپ قويۇش شۇ ئائىلە، شۇ قازاندا ئىككىنچى قېتىم ياكى داۋاملىق تاماق ئېتىلىپ تۇرۇش، ھاياتلىقنىڭ داۋاملىشىشى تەلىپىدىندۇر. ئانىلار بۇ ئادەتنى قىز – كېلىنلەرگە ئۆگىتىدۇ ۋە ھەمىشە سەمىگە سېلىپ تۇرىدۇ.

      3. تاختىبېشىنى ئېگىزرەك ئورۇنلاشتۇرۇش. تاختىبېشىغا سۇپرا، ئاشتاختا – نوغۇچقا ئوخشاش مۇھىم بۇيۇملار قويۇلغاچقا، ئادەتتە، ئاشخانا ئۆينىڭ تېمى ياكى چايخانىلارنىڭ يۇقىرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دا بۇ پەشتاق ‹‹سەرۈ›› ئاتالغۇسى بىلەن ئىزاھلانغان. يەنى، سەرۇ: تەكچە، تاختىبېشى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي جابدۇقلىرى (قازانباش جابدۇقلىرى) قويۇلىدۇ، دېيىلگەن. دېمەك، بۇنىڭ سەۋەبى مۇشۇنداق مۇھىم سايمانلارنى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇھىملىقىنى ئائىلە ئەزالىرىغا بىلدۈرۈش، يەنە بىر جەھەتتىن، ئۇنى ئەزىز كۆرۈشتۇر.

      4. ئاشتاختا، نانتاختا، نوغۇچ ۋە سۇپرىلارنى بىللە قويۇش. ئاشتاختا بىلەن نانتاختا پەرقلىق بولۇپ، ئاشتاختا ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر، قېلىنلىقى تۆت – بەش سانتىمېتىر، كەڭلىكى 20 سانتىمېتىر كېلىدىغان سىلىقلانغان تاختايدىن تەييارلىنىپ، ئۇنىڭغا نوغۇچ سەپلىنىدۇ. ئاشتاختا سۇپرا ئۈستىگە قويۇلۇپ، نوغۇچ بىلەن خېمىر يېيىلىدۇ، كەسمە چۆپلەر كېسىلىدۇ. نانتاختا دىيامېتىرى 40 – 50 سانتىمېتىرچىلىك كېلىدىغان دۈگىلەك، بىر چېتىدە تۇتقۇچى بار تاختاي بولۇپ، ئۇ نان زۇۋۇلا قىلىش، راسلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ھەقتىكى ئادەت – ئۇدۇملىرىمىزدا ئىشلىتىلىپ بولغاندىن كېيىن نوغۇچ بىلەن ئاشتاختىنى بىللە قويۇش، ئايرىۋەتمەسلىك، نوغۇچنى ئادەمگە تەڭلىمەسلىك ياكى ئۇنىڭ بىلەن نوقۇماسلىق؛ سۇپرا، ئاشتاختا، نانتاختا، نوغۇچ، تەڭنىلەردىن ئاتلىماسلىق، ئۇلارنى رەتلىك ھەم پاكىز تۇتۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر