باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

 ئۈزۈم

 

      ئۈزۈم — كىشىلەر تەرىپىدىن ئەتىۋارلىق مېۋە دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى تۆت چوڭ مېۋىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددا يۇقىرى بولۇپ، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ: رەڭدار، پۇراقلىق، تەملىك، شۇنداقلا ئەڭ ياخشى مېۋىلەرنىڭ بىرى. ئۇنى ھەم بىۋاستە يېيىشكىمۇ، قايتا پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىن يېيىشكىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، ئۈزۈم ھارىقى، ئۈزۈم شەربىتى، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىقلار. ئۈزۈمنىڭ يۇقارقىدەك ئارتۇقچىلىقى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ مېۋىسىنى، يىلتىزىنى، يوپۇرمىقىنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۈزۈمنىڭ ھەممىلا يېرى گۆھەرھېسابلىنىدۇ.

    ئۈزۈم يەنە شىنجاڭدىكى تېرىلىش كۆلىمى ئەڭ كۆپ بولغان باغۋەنچىلىك زىرائىتى، ئۇنىڭ ئۆستۈرۈلۈش تارىخى 2000 يىلدىن ئاشىدۇ. XX ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدىن بۇيان، ھاراق ئىشلەش، قۇرۇتۇش ۋە ھۆل پېتى يېيىش، سىرتقا سېتىش قاتارلىقلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ئۈزۈمنىڭ كۆلىمى ۋە مەھسۈلاتى كۆپلەپ ئاشتى. 2000 – يىلى ئۈزۈم ئۆستۈرۈلگەن كۆلەم 59 مىڭ گېكتار بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 11 مىڭ 576 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 683 مىڭ 600 توننىغا يەتكەن. ئۈزۈم ئۆستۈرۈلىدىغان رايونلار ئاساسلىقى تۇرپان ئويمانلىقى ۋە قۇمۇلغا جايلاشقان. ئۈزۈم ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۈزۈم كۆلىمىنىڭ يېرىمىنى، مەھسۇلاتى 3/2 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭنىڭ ئۈزۈمى يۇقىرى ھوسۇللۇقى ۋە سۈپىتىنىڭ ئەلالىقى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. تەركىبىدىكى ئېرىشچان قاتتىق ماددا مىقدارى%19 ~%21، قەنت تەركىبى 16–18 گرادۇس بولۇپ، شىمالىي جۇڭگو رايونىدىكى مەھسۇلاتلارغا قارىغاندا 2~3 گرادۇس يۇقىرى. يەرلىك سورتلار 100 خىلدىن ئاشىدۇ. ئەلا سۈپەتلىك سورتلاردىن كىشمىش ئۈزۈم، مۇناقى، ئاق كىشمىش، خوتەن قىزىل ئۈزۈمى قاتارلىقلار بار.

      ئۈزۈمنىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئۇنى قۇرۇق يىگەندە، نېرۋا زەئىپلىشىش، ھەزىم ئىقتىدارى ياخشى بولماسلىق، ئىششىپ قېلىش، تولغاق قاتارلىق كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ يەنە راكقا قارشى تۇرۇش، راك ھۈجەيرىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇش، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.

باراڭدىكى ئۈزۈملەر

قۇرۇتۇش ئۈچۈن چۈنچىگە ئېسىلغان ئۈزۈملەر

قۇرۇق ئۈزۈم

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئاينۇر